مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى « بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2024-08-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بازار ئىجازىتى تۈزۈمى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈملىرىنىڭ بىرى، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ.

پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار ئىجازىتى توسۇقلىرىنى چوڭقۇرلاپ بىكار قىلىپ، ئوچۇق، ئاشكارا، قېلىپلاشقان ـ تەرتىپلىك، باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان، ھوقۇق ـ مەسئۇلىيەت ئېنىق، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كۈچلۈك بولغان بازار ئىجازىتى تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «پىكىر» ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.

«پىكىر»دە بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازار ئىجازىتى قائىدىسىنى ئىلمىي بېكىتىش، بازارغا كىرىشنى مەنئى قىلىش ۋە كىرىش ئىجازىتى بېرىش ئىش تۈرلىرىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، بازار ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەڭشەش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىچكى ـ تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى سىياسەتلىرىنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئىجازەت چەكلىمىسىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەرنىڭ بازار ئىجازىتى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق ئون تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.