شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ خۇبېينىڭ شىيەن شەھىرى دەنجياڭكوۋ ئامبار رايونىدىكى مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرىنى ئىلھاملاندۇردى
پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئاڭلىق ھالدا سۇ مەنبەسىنى ساقلىشى، سۇنى قوغدىشى، سۇ تېجىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك
جاۋاب خەت
خۇبېينىڭ شىيەن شەھىرى دەنجياڭكوۋ ئامبار رايونىدىكى مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرى:
ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئون يىلدىن بۇيان ئامبار رايونىدىكى بارغانسېرى كۆپ ئاممىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنىغا قاتنىشىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامباردىكى زۇمرەتتەك سۇنى قوغدىغانلىقى، ئامبار رايونىدىكى سۇنىڭ تېخىمۇ سۈزۈكلەشكەنلىكى، تاغلارنىڭ تېخىمۇ يېشىللاشقانلىقى، مۇھىتنىڭ تېخىمۇ گۈزەللەشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.
جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، سۇ مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ياخشى قوغداپ، «سۈزۈك سۇنىڭ ئۈزۈلمەي شىمالغا قاراپ ئېقىشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئاڭلىق ھالدا سۇ مەنبەسىنى ساقلىشى، سۇنى قوغدىشى، سۇ تېجىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاغلىرى دائىم يېشىل تۇرىدىغان، زۇمرەتتەك سۇلىرى توختاۋسىز ئېقىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن!
شى جىنپىڭ
2024 - يىل 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇبېينىڭ شىيەن شەھىرى دەنجياڭكوۋ ئامبار رايونىدىكى مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: ئون يىلدىن بۇيان ئامبار رايونىدىكى بارغانسېرى كۆپ ئاممىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنىغا قاتنىشىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامباردىكى زۇمرەتتەك سۇنى قوغدىغانلىقى، ئامبار رايونىدىكى سۇنىڭ تېخىمۇ سۈزۈكلەشكەنلىكى، تاغلارنىڭ تېخىمۇ يېشىللاشقانلىقى، مۇھىتنىڭ تېخىمۇ گۈزەللەشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، سۇ مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ياخشى قوغداپ، «سۈزۈك سۇنىڭ ئۈزۈلمەي شىمالغا قاراپ ئېقىشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئاڭلىق ھالدا سۇ مەنبەسىنى ساقلىشى، سۇنى قوغدىشى، سۇ تېجىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاغلىرى دائىم يېشىل تۇرىدىغان، زۇمرەتتەك سۇلىرى توختاۋسىز ئېقىپ تۇرىدىغان، ھاۋاسى دائىم ساپ بولغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
2014 - يىلى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا رەسمىي سۇ يەتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. 10 يىلدىن بۇيان، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەنجياڭكوۋ ئامبار رايونى سۇ سۈپىتىنى قوغداشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، پىدائىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كادىرلار، ئامما سۇ ئىدارە قىلىش، سۇنى قوغداش خىزمىتىگە پائال قاتناشتى، دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ سۈپىتى 2 - تۈر ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆلچەمدە مۇقىم ساقلاندى. يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىيەن شەھىرى دەنجياڭكوۋ ئامبار رايونىدىكى مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، سۇنى قوغداش پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئامباردىكى زۇمرەتتەك سۇنى ياخشى ساقلاش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.