شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇل خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، مائارىپچىلار روھىنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە ئىگە، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: خىزمەت جەريانىدا مائارىپچىلار روھى بىلەن روھنى تاۋلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈكۈش، ۋەتەنگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇشتەك غايە ۋە ئېتىقادنى چىڭىتىشقا، سۆزى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش، ھەرىكىتى ئارقىلىق نەمۇنە بولۇشتەك ئەخلاق - پەزىلەتنى تاۋلاشقا، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەربىيەلەشتەك ئادەم تەربىيەلەش ئەقىل - پاراسىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇشقا، ئوقۇتۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك مېھرىبان قەلب يېتىلدۈرۈشكە، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك بۈيۈك ئەخلاق ئىنتىلىشىنى تۇرغۇزۇش، ئوقۇتقۇچىلار توپىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. مائارىپچىلار روھىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بېيىتىشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، كۈندىلىك تەسىر كۆرسىتىش، تۈر ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، سۇپا ئارقىلىق تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئەمەلدە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى، ئىلمىي تەتقىقات، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مائارىپچىلار روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئاساسىي بازىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مائارىپچىلار روھى ئارقىلىق يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۆلچىمى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش، باھالاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپچىلار روھىنى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، مائارىپچىلار روھى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەش، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆگىنىش ئىستىلى تۇرغۇزۇش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى قىياپىتى نامايان قىلدۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا، مائارىپچىلار روھى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ئىنتىلىشىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەملىنىپ ۋە ئۆستۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق جەمئىيەتتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس - بەستە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
«پىكىر»دە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.