يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2024-08-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


(2024 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:

بۈگۈن، بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، قەدىردان يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتىمىز.

يولداش دېڭ شياۋپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە مەشھۇر رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيەنىڭ 2 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزمچى.

يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ھاياتى شانلىق ھايات، جەڭگىۋار ھايات، ئۇلۇغ ھايات، ئۇ پارتىيەگە، خەلققە، دۆلەتكە، مىللەتكە، دۇنياغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدە چاقنايدۇ، كېيىنكىلەرگە مەڭگۈ ئىلھام بېرىدۇ.

يولداش دېڭ شياۋپىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىشىشى، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى، خەلقنىڭ ئاچ - يالىڭاچ قېلىشىدەك مىللەت ئۇچرىغان چوڭقۇر، ئېغىر ئاپەت ئالدىدا، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى دېڭ شياۋپىڭ يۇرتىدا ئاممىۋى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان، كېيىن ياۋروپاغا بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇپ، قەتئىيلىك بىلەن ماركسىزمنى تاللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1927 - يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب كۈرىشىگە قاتناشقان. ئۇ ئارقا - ئارقىدىن بەيسې قوزغىلىڭى ۋە لۇڭجوۋ قوزغىلىڭىنى قوزغاشقا رەھبەرلىك قىلىپ، زويوۋجياڭ ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرغان، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە قاتناشقان، ئۇزۇن سەپەر ۋە زۈنيى يىغىنىنى باشتىن كەچۈرگەن. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ليۇ بوچېڭ، چېن يى قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىللە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەنشى - خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى قۇرۇپ، قوشۇننى باشلاپ مىڭ چاقىرىم يول بېسىپ دابيېشەن تېغىدىن ئۆتۈپ، خۇەيخەي ئۇرۇشى ۋە دۇجياڭ ئۇرۇشىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غەربىي جەنۇب بىيۇروسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولغان. ئۇ يولداش ليۇ بوچېڭ، خې لۇڭ بىلەن قىسىمنى باشلاپ چوڭ غەربىي جەنۇب رايونىنى ئازاد قىلىپ، ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، شىزاڭغا يۈرۈش قىلىش ۋە شىزاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، غەربىي جەنۇب رايونىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان.

1952 - يىلى 7 - ئايدىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1956 - يىلى پارتىيە 8 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور مىقداردىكى كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن نۇرغۇن توغرا تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ خاتا تەنقىد قىلىنىپ ۋە كۈرەش قىلىنىپ، بارلىق ۋەزىپىسى تارتىۋېلىنغان. 1973 - يىلى، ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1975 - يىلى، ئۇ پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلاپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر قالايمىقان ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىشنى دادىل ۋە كەسكىنلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»قا قارشى تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە بىر قېتىم خاتا ھالدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، تەنقىد قىلىنغان، لېكىن يەنىلا كوممۇنىزم، سوتسىيالىزمغا بولغان ئىرادىسىدىن يانمىغان.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ پارتىيەنىڭ 2 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە ۋە خەلقنى يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدى.

− يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئەسلىدىكى ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت قەيەرگە بېرىشتىن ئىبارەت زور تارىخىي پەيتكە دۇچ كەلگەندە، ئۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئاممىۋى لۇشيەن، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئىككى ئومۇمەن»دىن ئىبارەت خاتا نۇقتىئىنەزەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش، قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراشقا چاقىرىق قىلدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنى قايتىدىن تىكلىنىپ، «سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش» دېگەن خاتا پىكىرنى ئىشلىتىش توختىتىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىر چىقىرىلىپ، پارتىيە تارىخىدىكى چوڭقۇر ۋە ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

− يولداش دېڭ شياۋپىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئۇ پۈتۈن پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي، سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە نۇرغۇن مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا «دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بىرقانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىغا توغرا باھا بېرىلىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى خاتا ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيە ئۈزۈل - كېسىل ئىنكار قىلىنىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش تەكىتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن توغرا يۆنىلىش بېكىتىلدى. پارتىيە 12 - قۇرۇلتىيىدا، ئۇ: «ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىدىيەسىگە ئاساسەن، پارتىيە 13 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى نەزەرىيەسى سىستېمىلىق بايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى مۇكەممەل يىغىنچاقلاندى؛ پارتىيە 14 - قۇرۇلتىيىدا يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيە 15 - قۇرۇلتىيىدا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك، دېگەن بۇ تۈپ مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىغا ئۇل سالغان ئىجادىيەت.

− يولداش دېڭ شياۋپىڭ پارتىيە ۋە خەلقنى يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى. ئۇ «ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش»، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىش» تەسەۋۋۇرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ پارتىيەمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ۋاقتىدا، كەسكىن قانات يايدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنى ئاچتى. ئۇ پەن - تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىلىمگە، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئاپپارات ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ خەلق ئارمىيەسىنى قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان، مۇنتىزىملاشقان ئىنقىلابىي ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سەرخىل قوشۇن قۇرۇش يولىدا مېڭىشنى تەكىتلىدى. ئۇ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ زامانىمىزدىكى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزگە رەھبەرلىك قىلىپ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تاشقى سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت ياراتتى. ئۇنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نىسبەتەن ئارقىدا قېلىشتىن ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىشقا ئۇچقاندەك ئۆرلەش، خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە قاراپ ھالقىشتەك يېڭى ۋەزىيەت باشلاندى.

− يولداش دېڭ شياۋپىڭ ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى بېكىتتى. ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ئومۇمىي مەنپەئىتى، كەلگۈسى مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تارىخ ۋە ھازىرقى ھالەتنى تولۇق ئويلىشىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىنچ ئۇسۇل بىلەن ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى. بۇ ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا ئىگىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈشنى ئارقا - ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 100 يىللىق ئار - نومۇسىنى يۇيدى. جۇڭگونى پارچىلاش سۇيىقەستىگە قارىتا، ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىنى غەيرىي تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدۇق.

− يولداش دېڭ شياۋپىڭ شانلىق سوتسىيالىزم بايرىقىنى قەتئىي قوغدىدى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، ئۇ باشتىن - ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا بۇرژۇئازىيەچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان، شەرقىي ياۋروپادا تېز ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 1989 - يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا دۆلىتىمىزدە ئېغىر سىياسىي ۋەقە يۈزبەردى. خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بايرىقى روشەن ھالدا مالىمانچىلىققا قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى خەتەرلىك بوران - چاپقۇننىڭ كەسكىن سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كېيىن، ئۇ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت ۋە ئېسىل ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ: «جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزمى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو چوقۇم ئۆزى تاللىغان سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئاخىرغىچە ماڭىدۇ. ھېچكىم بىزنى غۇلىتىۋېتەلمەيدۇ» دەپ نەسىھەت قىلدى.

يولداشلار، دوستلار!

يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي، جۇڭگو ۋە دۇنياغا بولغان تەسىرى چوڭقۇر، ئۇزاق. ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەش مۇساپىسى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېتىقادى چەكسىز مۇستەھكەم بولۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى، خەلقنى چەكسىز قىزغىن سۆيۈشتەك ئۇلۇغ ھېسسىياتى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشتەك نەزەرىيە پەزىلىتى، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان سىياسىي جاسارىتى، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى، سەمىمىي - شەخسىيەتسىز كەڭ قورساقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسىنى بىز مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز؛ ئۇنىڭ ئالىيجاناب ئىنقىلابىي خىسلىتىگە بىز مەڭگۈ ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

يولداشلار، دوستلار!

يولداش دېڭ شياۋپىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ مۇھىم ئىدىيەۋى بايلىق − ئۇ ئاساس بولۇپ ياراتقان دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئابىدە. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىش − پارتىيە ۋە خەلق تارىخ ۋە رېئاللىقتىن چىقارغان تەۋرەنمەس يەكۈن.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، ئۇنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق تەكىتلىگەن: پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى 100 يىلغىچە دەۋر سۈرىدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىدىيە بىلەن ئەمەلىيەت ماس كېلىش، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپ ماس كېلىش دېگەنلىكتۇر؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش؛ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئەڭ قولاي، ئەڭ مۇۋاپىق تۈزۈم، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە خەلق دېموكراتىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، توغرا مەركەزلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيەدە يادرو بولۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى بولۇش كېرەك؛ پىلان بىلەن بازار ھەممىسى ئىقتىسادىي ۋاسىتە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىقلا بولسا، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشىكنى تاقاپ بېكىنىۋالماسلىق، قارىغۇلارچە ياتلارنى يەكلىمەسلىك، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش كېرەك؛ بىر قىسىم رايونلار، بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالدىن بېيىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئالدىن بېيىش ئارقىلىق كېيىنكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەپ، ئاخىرىدا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتىشكە بولمايدۇ؛ ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئىسلاھاتتا يۈرەكلىك بولۇش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ؛ جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، بىر قولدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى تۇتۇش، بىر قولدا چىرىكلىكنى جازالاشنى تۇتۇش كېرەك. بۇ مۇھىم ئىدىيە ۋە ھۆكۈملەردە ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكا تولۇق، پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەر دائىرىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شەيئىلەردىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپى چىڭ تۇتۇلغان، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ روشەن ئۇسلۇبى ۋە ئۆزگىچە جەلپكارلىقى نامايان قىلىنغان. بۇ مۇھىم ئىدىيە ۋە ھۆكۈملەرنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەش، دىيالېكتىكىلىق ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ھەم قائىدىسىنى، ھەم ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى، ھەم ماھىيىتىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئەمەلىيەتكە توغرا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىرىنى دەپ يەنە بىرىدىن ۋاز كېچىلسە، بىرىگە سەل قاراپ، بىرىگە ئېتىبار بېرىلسە، ئاسانلا ئەمەلىيەتتىن چەتنەش كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا پىرىنسىپال، يۆنىلىش خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر بولىدۇ. تارىختا پارتىيەمىزنىڭ مۇشۇنداق ساۋىقى بار، بىز چوقۇم چوڭقۇر قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى باشقا ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرىنىڭ نەزەرىيەسىگە ئوخشاش ئەمەلىيەتكە ئۇزاققىچە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ تۈپ ئاساسى ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا. بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى ئىجادىي ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، ھەم يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ سوتسىيالىزمغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم يەكۈنى، ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى، توغرا تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، نەزەرىيەنىڭ جەۋھىرى ۋە ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇنى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چەتنىمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى مول تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى. بىز باشتىن - ئاخىر ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇر، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىزنى چىڭ ساقلاپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىشىمىز كېرەك!

يولداشلار، دوستلار!

يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش − ئۇ بەرپا قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتۇر. بىز قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلاش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىشىمىز، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكىمىز كېرەك. سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيە ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۆزئارا ماسلاشقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇپ، ھوقۇق ئادىل بولۇش، پۇرسەت ئادىل بولۇش، قائىدە ئادىل بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان جەمئىيەت ئادىللىقى كاپالەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق ۋە تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى تولۇق قوزغىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا پەرقى، رايونلار پەرقى، كىرىم پەرقىنى تىرىشىپ كىچىكلىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. بىز تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ نەپ ئېلىش داۋامىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك بولغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىمتىھانغا بېرىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى مەڭگۈ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

خەلق ئارمىيەسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پولات سېپىلى. بىز يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى تېزدىن دۇنيادا 1 - قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ئارزۇسى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم. بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشى، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىشىمىز ۋە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇشىمىز، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ۋەتەننى پارچىلايدىغان ھەرقانداق كۈچ ۋە قىلمىش، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سىرتنىڭ ھەرقانداق ئارىلىشىشى مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو خەلقىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ!

جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچ. بىز باشتىن - ئاخىر تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىشلىگەن خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسەتتۇق، ھەممىسىدە ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار تاماملاپ بولالمىغان ئىشلارنى تاماملىدۇق، ھەممىسىدە يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇردۇق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردۇق. دەۋر ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئىشلار ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىۋاتىدۇ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. يولداش دېڭ شياۋپىڭ «جۇڭگودا ھەر يىلى يېڭى نەرسىلەر بولۇشى، ھەر كۈنى يېڭى نەرسىلەر بولۇشى كېرەك» دېگەنىدى. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەجدادلارنى ئۇنتۇماي، باشتىن - ئاخىر توغرا يولدا مېڭىپ، يېڭى يول ئېچىشقا ماھىر بولۇپ، نەزەرىيە دەرىخىنى دائىم ياشنىتىپ، ئىشلىرىمىز دەرىخىنى دائىم ياشنىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى نەتىجە، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقىلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

مۇشۇ پەيتتە، مەن يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئېيتقان ئىككى بۆلەك سۆزنى ئەسكە ئالدىم: بىرىنچىسى، «كېيىنكى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغا بارغاندا، ئەگەر زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرساق، ئۇنداقتا سوتسىيالىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈم قىلالايمىز». ئىككىنچىسى، «كېيىنكى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېقىنلىشالىساق، مانا بۇ زور ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ سالمىقى ۋە رولى ئوخشىمايدۇ، ئىنسانىيەتكە بىرقەدەر زور تۆھپە قوشالايمىز».

ھازىر، بىز بېكىتكەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت ئون نەچچە يىل ۋاقىت قالدى، بىز بېكىتكەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىمۇ پەقەت 20 نەچچە يىل ۋاقىت قالدى. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)