شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى، 2024 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دا دۆلەت ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ۋەتەننى قوغداش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىلھام بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام» جەمئىي ئالتە باب، 64 ماددا بولۇپ، ئۆزگەرتىلگەن ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە.
بىرىنچى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، تەمىنات بىلەن تۆھپىنى ماسلاشتۇرۇش، مەنىۋى جەھەتتىن ھەم ماددىي جەھەتتىن تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش بىلەن مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى. نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش ئۆلچىمىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش كاپالەت سەۋىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات سەۋىيەسى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
ئىككىنچى، تۈزۈلمە - مېخانىزم تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە ئاساسلىق مەسئۇل بولىدىغان تارماقلار، باشقا ئالاقىدار ئورگانلار، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى بەلگىلەندى. مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باھالاپ بېكىتىش، مېيىپلىك نەپىقە پۇلى تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
ئۈچىنچى، نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى كۆپەيتىلىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى سالمىقى زورايتىلدى. نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە مۇناسىپ نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. تۆھپە كۆرسىتىپ، شەرەپ كەلتۈرۈپ تەقدىرلەنگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلىنى كۆپەيتىش، نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرىنى مۇھىم تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق شان - شەرەپ بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلدى. غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش سالمىقى زورايتىلدى.
تۆتىنچى، نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى. بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلىنى تارقىتىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نەپىقە بېرىش - ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلدى. مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاش تەرتىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشنى تولۇقلاپ بېجىرىش ئەھۋالى قوشۇلدى.