جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ بۇيرۇقى

2024-09-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​32 - نومۇرلۇق

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەش، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 - يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى زاتلارغا دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى:

بىرىنچى، ۋاڭ يۇڭجى، ۋاڭ جېنيى، لى جېنشېڭ، خۇاڭ زۇڭدېغا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بېرىلدى.

ئىككىنچى، دىلما روسسېف (ئايال، بىرازىلىيە)قا «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلدى.

ئۈچىنچى، ۋاڭ شياۋمو، جاۋ جۇڭشيەنگە «خەلق ئالىمى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛

بايەكە كەلدىبېك(تاجىك)كە «خەلقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛

تيەن خۇا (ئايال)غا «خەلق سەنئەتكارى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛

شۈ جېنچاۋغا «خەلق ھۈنەرۋىنى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛

جاڭ جىنفەن، خۇاڭ دانيەنگە «خەلق مائارىپچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛

لۇ شېڭمېي (ئايال)غا «خەلق تېببىي خىزمەتچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛

جاڭ جويۈەنگە «ئىقتىساد تەتقىقاتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛

جاڭ شيېلىنغا «تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى