جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 17 ـ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024-09-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن

17 ـ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى:

17 ـ نۆۋەتلىك يازلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرى قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، 94 ئالتۇن مېدال، 76 كۈمۈش مېدال، 50 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك جەھەتتە قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شان ـ شەرەپ كەلتۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!

بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، سىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بۇرچ زىممەمدە، كۈرەش قىلىشتا مەن بار» دەيدىغان روھنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادەڭلار، تىز پۈكمەس ئىستىلىڭلار ۋە قالتىس ئىپادەڭلار ئارقىلىق دۆلىتىمىز مېيىپلەر تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىز مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلدىڭلار. سىلەر جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، ئۆزۈڭلارغا ئىشىنىپ، ئۈمىدۋار، ئوچۇق، دوستانە بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلدىڭلار. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ!

سىلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېيىپلەر تەنتەربىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجە يارىتىپ، كەڭ مېيىپلەرنى سالامەتلىكىنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئەقىل ـ پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشۇڭلارنى؛ پۈتۈن جەمئىيەتنى ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ تىنچ ـ ئامان بولۇشۇڭلارنى، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭلارنى كۈتمەكتە!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

گوۋۇيۈەن

2024 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)