شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024-09-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ مىڭدا، ۋاڭ پۇ) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دوستلۇقى مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشتىن، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر ـ بىرىگە يار ـ يۆلەك بولۇش، بىر ـ بىرىگە ھەمراھ بولۇشتىن، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئىنتىلىشتىكى ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتىن كەلگەن. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا يېڭى جەنۇبىي ئافرىقا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. گەرچە خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش كۆپ يۈزبېرىۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئىنتىلىش بۇرچى ئۆزگەرمىدى، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمىدى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارزۇسى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىش تارىخىي مۇساپىسىگە ماس كېلىدۇ، مۇھىم دەۋر ئەھمىيىتىگە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئىككى تەرەپ «ئۈچ يۆنىلىش»نى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. بىرىنچى، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي يۆنىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىق يۆنىلىشى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان خەلق رايى يۆنىلىشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپى، كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي ئافرىقا ياشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە بىلىم ئاشۇرۇپ تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى ۋە خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق. جۇڭگو − ئافرىقا ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى تۇرغۇزۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت يولى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق تېز پويىزى مۇقەررەر ھالدا بارغانسېرى تېز ماڭىدۇ، بارغانسېرى ياخشى ماڭىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى. خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېلەر يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

رامافۇسا مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 4 ـ قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، جەنۇبىي ئافرىقا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋر»گە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىشكە ۋە چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، نۇرغۇن مەسىلىلەردە مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، نىشانى بىردەك. ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىمىز باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئالاقىمىز كۈنسېرى قويۇقلاشتى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جەنۇبىي ئافرىقا داۋاملىق تۈردە جۇڭگونىڭ ئىشىنىشكە بولىدىغان ۋە ئىشەنچلىك دوستى بولۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە، يېڭى ئېنېرگىيە، نامراتلىقنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقە ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھەمكارلىق جەنۇبىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئافرىقا − جۇڭگو ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئالتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇش»نى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بۇلتۇر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش، ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشى، ئىككى تەرەپلىك سودا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازار ئىجازىتى، مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا رامافۇسا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.