شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق نەشرىياتى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئېچىپ قۇرغان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك نەشر كۆرگەزمىسىدە رەسمىي تورغا چىقىرىلىپ ئېلان قىلىندى.
سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتى قاتارلىقلار ھەمدە ئالاقىدار كىتاب، ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋاقتىدا كىرگۈزۈلۈپ، يېڭىلىنىپ، نوپۇزلۇقلۇقى، كەسپىيلىكى، ۋاقىتچانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى. سانلىق مەلۇمات مەزمۇنى ئاساسىدا، مەزمۇننى سۈرۈشتۈرۈش، دەل جايىدا ئىزدەش، نەقىلنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئېچىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سىستېمىلىق ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىلىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم نەشر ئورگانلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلدى.
سانلىق مەلۇمات ئامبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك، مول ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى نوپۇزلۇق رەقەملىك نەشر مەزمۇن سۇپىسى.