شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى

2024-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

7 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى

تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنى ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتلىنەلەيدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تەكىتلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل بىز بىرقەدەر ئېغىر تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقلارنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، يازلىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، چىلگە شال ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، بۇ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەزمەن قەتئىي بوشاشماي يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنى ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتلىنەلەيدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. كەڭ دېھقانلار ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.