شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار تۇ مىڭ، ۋېن شىن) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كونگو (كىنشاسا) زۇڭتۇڭى چاسېكېدى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ چاسېكېدىنىڭ جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى، بۇلتۇر 5 ـ ئايدا، بىز بىرلىكتە جۇڭگو ـ كونگو مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردۇق. بىز ئەينى ۋاقىتتا ھاسىل قىلغان نۇرغۇن ئورتاق تونۇشلار دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلەپ، ئىككى تەرەپكە بەخت ياراتتى، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى ئۆرنەككە ئايلاندى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە، كونگو(كىنشاسا)مۇ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىككى دۆلەت زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار، مەقسەت ـ نىشانى بىردەك بولغان يېقىن دوستلاردىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئەسقاتىدىغان دوستلاردىن، تىنچلىقنى ئورتاق كۆزلەيدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كونگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، كونگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونگو تەرەپنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى، جۇڭگو − ئافرىقا ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىدۇ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كونگو تەرەپ بىلەن تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغداپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تىنچلىقنى كۆزلىشى، تەرەققىياتقا ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
چاسېكېدى مۇنداق بىلدۈردى: كونگو ـ جۇڭگو ئىككى تەرەپ قېرىنداشلاردەك يېقىن، دوستلۇقى مۇستەھكەم ۋە سەمىمىي، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى باراۋەر ھۆرمەت قىلىش ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كونگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا قايىل، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگونى ئەڭ ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھى دەپ بىلىپ، دوستلۇق ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كونگو(كىنشاسا)نىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، كونگو تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ جەزمەن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ـ كونگو ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، تاموژنا ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، لى دېشىن) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مالى زۇڭتۇڭى گوئىتا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ مالى مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ مالى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆزى بەرپا قىلغان. 60 يىل ئىلگىرى ئىككى تەرەپ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ياردەم بېرىشتىكى سەككىز تۈرلۈك پىرىنسىپىغا تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇستەقىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغانىدى. بۇ پىرىنسىپلار ھەم جۇڭگو بىلەن مالىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ كۆرسەتمىسى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ خەلقئارا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئالدىن ياڭراتقان ساداسى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ مالى تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر ـ بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، مالىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا داۋاملىق ئىلھام بېرىدۇ، مالى تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى خەۋپسىزلىك كاپالىتى ۋە سىياسەت جەھەتتىكى قولايلىق بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، مالى قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىر ـ بىرىنى قوللاپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مالى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
گوئىتا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە ھەم بىزنى قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مالى ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرى قېرىنداشلارچە دوستلۇققا ئىگە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى سەمىمىي، ئەمەلىي. جۇڭگو تەرەپنىڭ مالىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تۈرلۈك قىممەتلىك ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مالى تەرەپ مالى ـ جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە ـ قېزىلما بايلىق، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، مالى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. مالى ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ. مالى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لو شىن، ۋېن شىن) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ كومورو مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كومورو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو بىلەن كومورو گەرچە تۈمەنلىگەن تاغ ـ دەريالار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسى ئوخشاش. ئاڭلىسام جۇڭگونىڭ «تاغ ـ دېڭىز مۇھەببىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى يېقىنقى مەزگىلدە كومورودا قىزغىن قويۇلۇۋېتىپتۇ. جۇڭگو تەرەپ كومورو تەرەپ بىلەن نامراتلىقنى ئازايتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كومورو خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە دېڭىز ـ ئوكيان بايلىقىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو ـ كومورو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغان «تاغ ـ دېڭىز مۇھەببىتى»ىن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كومورو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ بەزگەك كېسىلىنى تېز يوقىتىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، كومورو تەرەپنىڭ «2025 ـ يىلى بەزگەك كېسىلىنى ئۈزۈل كېسىل يوقىتىش» نىشانىنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە، دېڭىز ـ ئوكيان بېلىقچىلىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىمىز.
شى جىنپىڭ كومورونىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە پائال رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ كومورو تەرەپ بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقا ئىتتىپاقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچلەرنى زورايتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئازالى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ بىزنى قېرىنداشلاردەك دوستانە كۈتۈۋالغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگونىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، كومورو تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. كومورو تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، كومورو ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كومورو تەرەپ جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، تەيۋەننىڭ مۇقەررەر ھالدا جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كومورو تەرەپنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى خىزمىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون توقۇنۇشىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن كومورو ئىقتىساد ـ سودا، تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، لۇ چاڭ) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن توگو زۇڭتۇڭى فولېي بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ توگو مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ فولېينىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ـ توگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى مېخانىزمى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەر باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشكە كۈچ چىقىرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ توگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ توگو، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى تەرەپنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورتاق بەرپا قىلغان. يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، جۇڭگو ـ توگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن، ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولۇپ، دۆلەتلەر ئارا سەمىمىي دوستانە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ توگو بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
فولېي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئافرىقا ـ جۇڭگو دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۈۋرۈككە ئايلاندى. بۈگۈنكى دۇنيا بارغانسېرى كۆپ خەۋپ ـ خەتەر، تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقى ئافرىقىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئافرىقا ۋە دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتى ھەم مەدەنىيلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. توگو ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە. جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش توگونىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، توگو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە، پەن ـ تېخنىكا ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. توگو تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن ۋە نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، گو يۈجىڭ) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جىبۇتى زۇڭتۇڭى جىلە بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ جىبۇتى مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ جىلە، سىز جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، مۇنبەر ئۆسۈپ يېتىلىپ زورىيىش داۋامىدىكى گۇۋاھچى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچى بولدىڭىز. مەن بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن، سىز بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن جىبۇتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ جىبۇتى ئىككى دۆلەت بىر ـ بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقلىرى بېرىش ـ كېلىشتە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتتى، بۇنى جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا قوللايدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان مەنپەئەت رىشتىسىنى چىڭىتىپ، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپنىڭ ئەددىس ئەبېبە ـ جىبۇتى تۆمۈريولى، خەلقئارا ئەركىن سودا رايونى قاتارلىق تۈرلەرنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، رايون سودا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، ئافرىقىدىكى تۇنجى لۇبەن ھۈنەرخانىسىنى ئورتاق ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جىبۇتىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېھتىياجلىق بولغان تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئافرىقا تۇمشۇقى، ھەتتا ئافرىقا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدۇ.
جىلە مۇنداق بىلدۈردى: مەن ھەر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولسام ئۆز ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەتراپلىق، قىزغىن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جىبۇتى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى 45 يىلنى بېسىپ ئۆتتى، بۇ جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتى بىلەن جىبۇتى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىياتى ھەمراھ بولغان 45 يىل. جۇڭگو تەرەپنىڭ جىبۇتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جىبۇتى تەرەپ جىبۇتى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە نامايان بولغان ھاياتىي كۈچتىن مەمنۇن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئەددىس ئەبېبە ـ جىبۇتى تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ھازىرقى خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىدە، جىبۇتى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ كۈچ قوشىدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ـ جىبۇتى ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا، تەرەققىيات، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ مىڭدا، ۋېي مېڭجيا) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن سېيشېل زۇڭتۇڭى رامكالاۋان بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ سېيشېل مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ سېيشېل ئىككى دۆلەت ھەرقايسىسى ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپىدە بولۇپ، دوستانە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىغان مۇستەھكەم دوستلۇق ئورناتتى. جۇڭگو ـ سېيشېل مۇناسىۋىتى چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر سەمىمىي دوستانە بولۇش، باراۋەر بىللە ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسى. ئىككى دۆلەت بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىنى قوللاشنى داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئىش تۈرى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، ئورتاق خەۋپسىزلىكتە چىڭ تۇرۇشى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. سېيشېل تەرەپنىڭ جۇڭگو − ھىندى ئوكيان رايونى تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرىگە داۋاملىق قاتنىشىپ، دېڭىز ـ ئوكيان بايلىقىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سېيشېلنىڭ كۆك ئىقتىساد يوشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ سېيشېل تەرەپ بىلەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، سېيشېل تەرەپنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو ـ سېيشېل بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتناش لىنىيەسى ئېچىشنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»ىغا ئىلھام بېرىدۇ. سېيشېلدىكى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلقئارادا ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ سېيشېل قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ قىممەتلىك مول نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
رامكالاۋان مۇنداق بىلدۈردى: سېيشېل ـ جۇڭگو دوستلۇقى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ سېيشېلنى تۈرلۈك قىممەتلىك ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، دەل جۇڭگو ۋاكسىنىسىنىڭ پايدىسىدا، سېيشېل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى بىرقەدەر تېز يېڭىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. سېيشېل تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىگە ۋە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە، تەشەببۇسلىرىغا قايىل، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر ـ بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، بىر ـ بىرىنىڭ ھەقىقىي دوستى بولۇشنى خالايدۇ. سېيشېل تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. سېيشېل تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. چېڭدۇدىن سېيشېلغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى «تىنچلىق كېمىسى»نىڭ سېيشېلدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ـ سېيشېل ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى، يەرلىكلەر ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ماجويەن، جاڭ مەنزى) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئېرىترېيە زۇڭتۇڭى ئىساياس بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى:جۇڭگو ـ ئېرىترېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر ـ بىرىنى قەتئىي، كۈچلۈك قوللاپ كەلدى. بۇلتۇر 5 ـ ئايدا، زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ ئېرىترېيە تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو ـ ئېرىترېيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئېرىترېيە تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئېرىترېيە ئىككى تەرەپ قەلبداش ياخشى قېرىنداشلاردىن، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئېرىترېيە تەرەپ بىلەن ھەرقايسى دەرىجە ـ قاتلام ئالاقىسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، «ئافرىقا تۇمشۇقى تىنچ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى» قاتارلىق تەشەببۇس ۋە مېخانىزم سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېرىترېيە تەرەپنىڭ سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئېرىترېيەنىڭ نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئېرىترېيە تەرەپ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.
ئىساياس مۇنداق بىلدۈردى: مەن 57 يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنىدىم، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم. جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كۈندىن ـ كۈنگە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلاندى. ئېرىترېيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى چوڭقۇر، دوستلۇقى مۇستەھكەم، ھەمكارلىقى ياخشى، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇستەملىكىچىلىك، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقئارادا باراۋەرلىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ. ئېرىترېيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئېرىترېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، دېڭىز ـ ئوكيان قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافرىقا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى خەلقئارادىكى ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە. ئېرىترېيە تەرەپ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خىرىس، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىشىغا كۈچ قوشىدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ئېرىترېيە ئىككى تەرەپ يېزا ئىگىلىكى، رادىيو ـ تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار شاۋ يىبو، جاۋ شۈ) 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گىۋىنېيە زۇڭتۇڭى دۇنبۇيا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گىۋىنېيە − يېڭى جۇڭگو سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقا دۆلىتى، كېلەر ئايدا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش يولىدا مېڭىشىنى قوللىدى؛ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويۇلمىغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى؛ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قارشى تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىر ـ بىرىنى قوللىدى. جۇڭگو تەرەپ گىۋىنېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن گىۋىنېيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق تۈردە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مۇھىم تەدبىرلەرنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، بايلىق ئېچىش، يېزا ـ كەنت تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گىۋىنېيەنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو ـ گىۋىنېيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئافرىقا دۆلەتلىرى قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇل تېشى. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇب − جەنۇب ھەمكارلىقىدىكى بىر بايراق. جۇڭگو تەرەپ گىۋىنېيە تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
دۇنبۇيا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. گىۋىنېيە يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلىتى، گىۋىنېيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بارلىقىنى، يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ئىدىيە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر گىۋىنېيە ئۈچۈن قىممەتلىك ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ گىۋىنېيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گىۋىنېيەدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى گىۋىنېيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسى. گىۋىنېيە تەرەپ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، كان، قاتناش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.