شىنجاڭ سىنىپىنى تىرىشىپ تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

2024-09-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللەتلەر كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

شىنجاڭ سىنىپىنى تىرىشىپ تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللەتلەر كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ سىنىپى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ئەگىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي، نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، سىياسەتنى دەل جايىدا ئىگىلىگەن، ئىرادىدىن قايتماي خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ سىنىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭدىكى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملىق تەربىيەلەش، بولۇپمۇ ئاساسىي تەربىيەلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى سىنىپ باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرى ۋە مۇھىم رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭ سىنىپىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار يېتەكچىلىك قىلىپ ھەمكارلىشىدىغان، شىنجاڭ قوللاپ ماسلىشىدىغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ سىنىپىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىش، كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللەتلەر كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مەكتەپ مۇدىرى (شۆيۈەن مۇدىرى) چېن شى يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەكتىپى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ شىنجاڭ مىللەتلەر كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى شىنجاڭدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭدىكى كادىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي تەربىيەلەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ مىللەتلەر كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋەكىللىرى، كۇرسانتلار ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.