شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، لى چۇنيۈ) 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسىدە چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو - كېنىيە باشتىن - ئاخىر قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئۆزئارا تۇتاشقان، ئۆزئارا راۋانلاشقان زور بىر تۈركۈم بايراقدار تۈرلەرنى قۇرۇپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزدى.
شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپ جۇڭگو - كېنىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى «ئۈچ ھەمراھ» يۆنىلىشىگە قاراپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بىرىنچى، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان سەمىمىي ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللاش. ئىككىنچى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى كېنىيە تەرەپنىڭ «2030 - يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى يىرىك پىلانى» بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شەرقىي قىسىم ئافرىقا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تۈگۈنى ۋە تەرەققىيات كەسىپ بەلبېغى بەرپا قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە ھەم ئىقتىساد - سودا، نامراتلارنى ئازايتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. ئۈچىنچى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
رۇتو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىنى مۇھىم سۇپا ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. كېنىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر دوستلۇق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئاساس قىلغان. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە مومباسا - نايروبى تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇپ، كېنىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كېنىيە - جۇڭگو دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئاتالغۇغا ئايلاندى. كېنىيە تەرەپ بۇ قېتىمقى مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، كېنىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە كېنىيەگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيە، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، كېنىيە تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك قايىل، پائال قوللايدۇ. كېنىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن كېنىيە ئىككى تەرەپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، جاڭ شياۋ) 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چاد زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - چاد مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن چاد ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل چادنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمراھ دۆلىتى بولۇپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى. جۇڭگو تەرەپ چاد تەرەپ بىلەن جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق روھىغا ئەمەل قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاد مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ چاد تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، چاد تەرەپنىڭ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. چاد تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ چاد تەرەپ بىلەن يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، بىرلىكتە تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇقىم كۈچلەردىن بولۇشنى خالايدۇ.
مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ مېنى جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى ھەم قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، چاد بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق رىشتىنى تولۇق نامايان قىلدى. چاد - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مول نەتىجىلىك بولدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ چادنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، چاد تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، خەلقئارادىكى ئورنى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيدى. چاد تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار مۇھىم ئىدىيە - تەشەببۇسلارنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ داۋاملىق تۈردە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىياتىنىڭ چاد، ئافرىقا ھەتتا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بۇ، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، چاد تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق تۈردە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن چاد ئىككى تەرەپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ھەمكارلىقى، خاسىڭ ۋە كۈنجۈتنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، ليۇ ياڭ) 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋېرا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - مالاۋى مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالاۋى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەملەندى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن مالاۋىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئەمەلىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىجىل تۈردە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ مالاۋىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، مالاۋى تەرەپ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، مالاۋىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مالاۋى تەرەپ بىلەن يېزا ئىگىلىكى، تېلېگراف، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالاۋىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ مالاۋى داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە خەلقلىرىنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مالاۋىنىڭ چاڭشادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈشىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە مالاۋى تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
چاكۋېرا مۇنداق بىلدۈردى: ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندە ھەمىشە ئۆيگە قايتقاندەك ھېسسىياتتا بولىمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مالاۋى جۇڭگونى ئەڭ سەمىمىي دوستى دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەن بەختكە يارىشا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدۇق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەچچە يۈز مىليون جۇڭگولۇقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. مالاۋى تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. مالاۋى تەرەپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ، بۇ قېتىمقى مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالاۋى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن مالاۋى ئىككى تەرەپ خاسىڭنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، ئاخبارات تاراتقۇلىرى، تەرەققىيات ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، جى نىڭ) 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ماۋرىتانىيە ئىككى دۆلەت بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماۋرىتانىيەگە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زەمبۇرۇغ ئوتى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ غازۋانىنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈشكە پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلاپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
غازۋانى مۇنداق بىلدۈردى: ماۋرىتانىيە - جۇڭگو دوستلۇقى مۇستەھكەم، چوڭقۇر، ماۋرىتانىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ماۋرىتانىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، جۈملىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ماۋرىتانىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا خىلاپ بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ھازىر دۇنيا نۇرغۇن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئۈمىدى. ماۋرىتانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردىكى مەيدانى يۈكسەك دەرىجىدە بىردەك. ئىككى تەرەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ھۆرمەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، زوراۋانلىققا، ئەسەبىزمگە بىردەك قارشى تۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ھەمدە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى، ماۋرىتانىيە تەرەپ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، پائال قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، جى نىڭ) 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاجى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدىكى بايراق ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلاشتى، ھەمكارلاشتى. مەن جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىپ قۇرغان ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ پۈتۈپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئافرىقىنىڭ سەھىيە ئىشلىرى ۋە خەلقىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو ۋە ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بېغىشلىماقتا. ئافرىقا دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قۇتۇپى، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى يۆنىلىشى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ.
فاجى مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سەككىز يىلدىن بۇيان، ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا گۇۋاھ بولدۇم، جۇڭگو تەرەپنىڭ، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقا - جۇڭگو ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل تۈردە ئافرىقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، ئۇل ئەسلىھە، سەھىيە، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، يەنە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىشىنى باشلامچىلىق بىلەن قوللىدى، ئافرىقا تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئافرىقا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلار ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىشىگە كۈچ قوشتى، بۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشتە، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئاچقۇچلۇق يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.