شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 ـ يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى ئون نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت كەسپى ۋە مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي يۈكسەلدۈرۈپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، مۇلازىمەت ساھەسىدىكى قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەملەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت بازىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپى ۋە مۇلازىمەت سودىسىنى ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
2024 ـ يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى شۇ كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى، باش تېمىسى «يەرشارىۋى مۇلازىمەت، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق بەھرىلىنىش» بولۇپ، سودا مىنىستىرلىقى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇردى.