​يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، داۋاملىق تۈردە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش كېرەك

2024-09-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، داۋاملىق تۈردە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش كېرەك​

لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى  جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى


9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ جاپالىق ئىزدىنىپ، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جۇڭگو تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم، ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەت. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى جۇڭگو سىياسىيسىنىڭ ئاز ساندىكى كىشىلەر ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئېكسپلاتاتسىيە، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھالەتتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان ئۇلۇغ ھالقىشنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمىدىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يارىتىلىشىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم، ئومۇمىي خەلقنىڭ كۈچىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى تۈزۈم.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز مەۋقەنى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىك قانۇنچىللىققا بولغان يېڭى تەلىپى، يېڭى ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن «تۆت ئورگان» تەلىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدۇق. بۇ بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەر پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت قانۇن - تۈزۈمىنىڭ بىردەكلىكى، ئىززەت - ھۆرمىتى، نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسى ئىچىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان قانۇن چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر، چەتكە ئالاقىدار ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھوقۇق ئادىل بولۇش، پۇرسەت ئادىل بولۇش، قائىدە ئادىل بولۇشنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قانۇن - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۇقرالارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرى جەزمەن خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، ئۇلار سادىقلىق بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى، مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئورگان» تەلىپىگە ئاساسەن، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ تولۇق ئادا قىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى شانلىق مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجىلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۆزنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بۇ، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئىلگىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلار ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكى خادىملار، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە قىسمەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.