​سىياسىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ ھەيۋىسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2024-10-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى​

سىياسىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ ھەيۋىسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بۇ لۈينىڭ ئارمىيە تارىخى كارىدورىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، سىياسىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەيۋىسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، چاڭجياڭ - خۇەيخې رايونى تۇپرىقىدا تاغ - دەريالار كۆركەم بولۇپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە، شى جىنپىڭ راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىگە كېلىپ، ئالدى بىلەن بۇ لۈينىڭ ئارمىيە تارىخى كارىدورىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ لۈي 50 نەچچە يىللىق شەرەپلىك تارىخقا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇ لۈي شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قەتئىي تۈردە بايراقنى كۆتۈرۈپ روھنى تاۋلاپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى. قىسىمنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى چىڭىتىش، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

مەشىق مەيدانىدا مەلۇم تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا رەتلىك تىزىلغانىدى. بۇ، بۇ لۈينىڭ يېڭىدىن تىپ ئۆزگەرتكەن ئاساسىي جەڭ قورال - جابدۇقلىرى ئىدى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، قورال - جابدۇقلارنىڭ تېخنىكىلىق - تاكتىكىلىق ئىقتىدارى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مەشغۇلات، مەشىق قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مەشغۇلاتقا پىشقانلىقى، تەربىيە كۆرگەنلىكى، ساپالىقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، كۆپچىلىكنى جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئىلمىي مەشىق قىلىپ، بىخەتەر مەشىق قىلىپ، قولىدىكى قورالنى پىششىق ئىگىلەپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىققا ئىلھاملاندۇردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بۇ لۈينىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنىڭ قىسىمدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىسىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى قويۇپ بېرىش جازىلىرى ئاستىغىچە ئىشلەپ، قىسىمنىڭ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، لۈي پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پىروگرامما بويىچە بەرپا قىلىشنى تۇتۇش ۋە ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يېتەكلەپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە جەڭگىۋارلىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرى ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئورگانلار خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشىلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، «بەش كۆپ بولۇش» مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى، جەڭ قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى پۇختىلاپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى ۋە يادرولۇق مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك. زامانىۋى ئۇرۇش ھالىتى ۋە جەڭ قىلىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇرۇش ۋەزىپىسى، ئۇرۇش رەقىبى، ئۇرۇش مۇھىتىغا يېقىنلىشىپ، يېڭى جابدۇق، يېڭى ماھارەت، يېڭى ئۇرۇش ئۇسۇلى مەشىقىنى قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتىپ، تىپىك ھەرىكەت بويىچە مەخسۇس بولغان سەرخىل مەشىقنى كۈچەيتىش كېرەك. يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ئىشلىتىش شەكلى ۋە تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قولدىكى قورالنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.