شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تۇغۇت مەدىتى سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.
«بىرقانچە تەدبىر»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۇغۇت مەدىتى سىياسەت سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق كىشىلەر توپىنى قاپلىغان ئۆمۈرلۈك نوپۇس مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت تۇغۇتقا ھۆرمەت قىلىدىغان، تۇغۇتقا مەدەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەندى.
«بىرقانچە تەدبىر»دە تۇغۇتقا مەدەت بېرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر تۆت جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بىرىنچى، تۇغۇت مۇلازىمىتى مەدىتى كۈچەيتىلىدۇ. تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى كىشىلەرنى تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. تۇغۇت دەم ئېلىشى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تۇغۇت دەم ئېلىشى، تۇغۇت مۇكاپاتى دەم ئېلىشى، تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى، بالا بېقىش دەم ئېلىشى قاتارلىق تۇغۇت دەم ئېلىشىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. تۇغۇت ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، يەرلىكنىڭ سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پائال، پۇختا، ياخشى تۇتۇلىدۇ. كۆپىيىش ساغلاملىقى مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇۋاپىق بولغان تۇغۇت، ئاغرىق توختىتىش ھەمدە كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسى تۈرلىرىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، بالىلارنى بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. بالىلارنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالىلار دورىلىرى تەرتىپ بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈلىدۇ. ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى تەمىناتى ئاشۇرۇلۇپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىكنى تولۇق قاپلاش ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەھەللىدە سىڭىشمە ھاۋالىلىك بېقىش زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يەسلى ئېچىش، ئائىلە ھاۋالىلىك بېقىش نۇقتىسى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ۋە تەربىيەلەش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىشقا مەدەت بېرىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىغا مۇۋاپىق تىجارەت ياردەم پۇلى بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. بالىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە بالىلارنى قوغداش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى، مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى تەمىناتى كېڭەيتىلىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋە جەمئىيەت ئەمەلىيىتى تۈرلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كۆپ پەرزەنتنىڭ بىر مەكتەپتە ئوقۇشى توغرىسىدىكى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى چىقىرىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. تۇرالغۇ جەھەتتىن قوللاش سىياسىتى كۈچەيتىلىپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئېلاستىكلىق بېرىش - كېلىش، ئۆيدە ئىشلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئائىلەسۆيەر خىزمەت مۇھىتى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
تۆتىنچى، تۇغۇت سۆيەر جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىلىدۇ. يېڭىچە ئۆيلىنىش - پەرزەنت كۆرۈش مەدەنىيىتى پائال بەرپا قىلىنىپ، ئاكتىپ بولغان ئۆيلىنىش - مۇھەببەتلىشىش قارىشى، تۇغۇت قارىشى، ئائىلە قارىشى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنىدۇ. جەمئىيەت تەشۋىقاتى، تەشەببۇسى كۈچەيتىلىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر تەشۋىق - تەربىيە مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. نوپۇس، دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت سىياسىتى تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ، ئالاقىدار مەزمۇنلار ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس مائارىپىغا سىڭدۈرۈلىدۇ.
«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى نوپۇس خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پۇختىلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، شەخس قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.