يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2024-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. 40 يىلدىن بۇيان، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى يارىتىشقا كۈچ قوشۇش؛ ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئالىي دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك كەسىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ 40 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تيەنجىندە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەجرىبە ئېتىزىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

سودا مىنىستىرلىقى، مەركەز ئورگانلىرى ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، تيەنجىن، جياڭسۇ، ئەنخۇي، گۇاڭشى ۋە قىسمەن دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.