شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2024-10-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى قازان يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا (توردا)، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد قاتارلىقلار قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى قازان يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا (توردا)، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد قاتارلىقلار قاتناشتى. سۈرەتتە: ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رۇسىيە قازان، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، خۇ شياۋگۇاڭ) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى قازان يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا (توردا)، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد قاتارلىقلار قاتناشتى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن كىچىك دائىرىلىك يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ يېڭى ئەزالارنىڭ كېسەك ئالتۇن چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلغانلىقىنى ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ كېسەك ئالتۇن ھەمراھ دۆلىتى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەزا كۆپەيتىش كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە، شۇنداقلا خەلقئارا ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىش. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ئورتاق ئىنتىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلاشقان. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، بۇنىڭدا ھەم كۆپ قۇتۇپلىشىش يېڭى ۋەزىيىتى مەۋجۇت، ھەم «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» خەتەرلىك ۋەزىيىتى مەۋجۇت. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ قەد كۆتۈرۈش چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق قىممىتىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق يول، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئاۋانگارت كۈچ قىلىپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا قانچە داۋالغۇش بولغانسېرى، بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى شۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تاۋلاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. تىنچلىق ساداسىنى ياڭرىتىپ، قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولىدىغان يېڭىچە خەۋپسىزلىكنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان داغدام يولدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربون، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سودا سېلىنمىسى ۋە پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ كەڭ دائىرىلىك يىغىنغا قاتنىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم پىكىر بايان قىلىپ، بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، دۇنيانىڭ داۋالغۇش ئىچىدە قېلىشىغا يول قويۇش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ تىنچ تەرەققىياتتىن ئىبارەت توغرا يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكمۇ، بۇنىڭدا ھالقىلىق تاللاشقا دۇچ كەلدۇق. دەۋرنىڭ بوران - چاپقۇنى قانچە كۈچەيگەنسېرى، بىز شۇنچە باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولىدىغان جاسارەت، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش تەدبىرى ئارقىلىق، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

− بىز «تىنچ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» بەرپا قىلىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. پەقەت ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەندىلا، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىك يولىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. «جەڭ مەيدانىنى سىرتقا كېڭەيتىۋەتمەسلىك، ئۇرۇشنى ئۇلغايتىۋەتمەسلىك، ھەرقايسى تەرەپلەر ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماسلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋەزىيىتىنىڭ تېزدىن پەسىيىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. غەززە رايونىدا تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

− بىز «يېڭىلىق يارىتىشچان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېقىندا جۇڭگو − كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقى مەركىزىنى قۇردى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭقۇر دېڭىز بايلىقى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى جۇڭگو ھەمكارلىق مەركىزى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سانائەت ئىقتىدارى جۇڭگو مەركىزى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەقەملىك كەسىپ ئېكولوگىيە ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

− بىز «يېشىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» بەرپا قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم كۈچ قوشتى. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە يېشىل كەسىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ھەمدە يېشىل كان مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ «يېشىللىشىش» تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىقنىڭ «يېشىللىق تەركىبى»نى تولۇقلاپ، تەرەققىيات «قىممەت»ىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

− بىز «ئادىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بولسىمۇ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئۇزاق مەزگىل ئارقىدا قالدى. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

− بىز «ئادىمىيەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» بەرپا قىلىپ، مەدەنىيلىكلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەقەملىك مائارىپ ھەمكارلىقى تەشەببۇسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەقەملىك مائارىپ ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدە مەملىكەت سىرتى ئۆگىنىش مەركىزىدىن ئوننى تەسىس قىلىپ، مائارىپ باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 1000 كىشىنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ!

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر «كۆپ تەرەپچىللىكنى كۈچەيتىپ، ئادىل بولغان يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

رەھبەرلەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى تەرەققىياتى ھەم ئۇنىڭ يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىغا ئىجابىي باھا بەردى ۋە مۇنداق قارىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇسى كۆپ، بايلىقى مول، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، چاقىرىق كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد - سودا - مالىيە - پۇل مۇئامىلە، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ چاقلىق قوزغىتىش» ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى ۋە دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى يادرولۇق رولىنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق تالاش - تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىپ، كىرىزىسلارنى تىنچ ھەل قىلىشقا كۈچ قوشىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللىشى كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىككە مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ھازىر بار بولغان خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە رامكىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى 21 - ئەسىردىكى يېڭىچە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى قىلىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «مەدەنىيلىك سۆھبىتى خەلقئارا كۈنى»گە ئالاقىدار قارارنى ماقۇللىغانلىقىنى ئالقىشلايمىز، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىمىز.

ئۇچرىشىشتا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى قازان خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمراھ دۆلەتلىرىنى تەسىس قىلىش جاكارلاندى.

ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يەنە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى رۇسسېف قاتارلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.