جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى
«20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆزىتىش خىزمىتى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىللەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى سىجىل نامايان قىلدى. كۆزىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، بىراق بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى تەشكىللەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، دادىل ئىش قىلىپ ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشى، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئويۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزۈل - كېسىل بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل ساقلاپ، ھوقۇقنىڭ سەپلىنىشى ۋە يۈرگۈزۈلۈشىگە چەك قويۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ يوقىتىپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.