جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى

2024-10-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2024 - يىل 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى)

سانائەت ئىشچىلىرى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي كۈچى، جەمئىيەت بايلىقى يارىتىشتىكى تايانچ كۈچ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى غوللۇق كۈچ. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1. ئومۇمىي تەلەپ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جان - دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېندا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىستېما قارىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

ئاساسلىق نىشان: سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، باش قەھرىمانلىق ئورنىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئەمگەك شەرەپلىك، ماھارەت قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش؛ سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلتۈرۈپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش. تىرىشىپ 2035 - يىلىغا بارغاندا، 2000 ئەتراپىدا چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى، 10 مىڭ ئەتراپىدا ئۆلكە دەرىجىلىك ھۈنەرۋەن، 50 مىڭ ئەتراپىدا شەھەر دەرىجىلىك ھۈنەرۋەننى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، 1 - قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت تېخنىك ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ماھارەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش.

2. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئىشچىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش

(1) سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ سانائەت ئىشچىلىرى ئارىسىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ توردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى ياخشى ئىشلەپ، باش تېما تەشۋىق - تەربىيەسىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى دۆلەت ئەھۋالى بويىچە تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە قوللاپ، سانائەت ئىشچىلىرىنى ياش ماركسىزمچىلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە قوللاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

(2) سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى قاپلاش ۋە خىزمىتى قاپلاشنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى يوق بەن - گۇرۇپپا مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تايانچلىرىنى پارتىيە ئەزاسىلىققا تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

(3) ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. «جۇڭگو ئارزۇسى . ئەمگەك گۈزەل» باش تېما تەشۋىق - تەربىيەسىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، 1 - ماي ئەمگەك مېدالى، ياشلار 4 - ماي مېدالى، 8 - مارت قىزىل بايراقدارى قاتارلىقلارنى باھالاش خىزمىتىدە، سانائەت ئىشچىلىرىغا بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەرنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس خىزمىتى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەردىن قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى يېتەكچى تەسىس قىلىشنى قوللاپ، كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش)دە «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر چوڭ دەرسخانىسى» تەسىس قىلىش، ئالىي مەكتەپلەردە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەردىن قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تەسىس قىلىش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەرنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، ئورگانلارغا كىرگۈزۈش تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

3. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ باش قەھرىمانلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش

(4) سانائەت ئىشچىلىرى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ باش قەھرىمانلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە كومىتېت ئەزالىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە كومىتېت ئەزالىرى ئارىسىدىكى سانائەت ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرىنى قانۇن بويىچە دېموكراتىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.

(5) كارخانىلارنى دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئاساسىي شەكىل قىلىنغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلاردا جەزمەن قانۇن، نىزامنامە بويىچە ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەر مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر نازارەتچىلىك ھەيئىتى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زاۋۇت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەم تېخنىكىسىدىن پائال پايدىلىنىپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ دېموكراتىك قاتنىشىشىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

(6) ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كوللېكتىپ كېڭىشىش ۋە كوللېكتىپ توختام تۈزۈمىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى ھەر دەرىجىلىك ئۈچ تەرەپ كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچ تەرەپ مېخانىزمى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاممىۋى مۇلازىمىتى پونكىت - نۇقتىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. رايونلاردا ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بويىچە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ساھە، كارخانا ۋە سانائەت باغچە رايونلىرىدا ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(7) سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ باش قەھرىمانلىق ئورنى توغرىسىدىكى تەشۋىقات، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ باش قەھرىمانلىق ئورنىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت، تور كۆرۈش - ئاڭلاش ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىپ، نەشر قىلىپ، ئىشلەپ، كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھۈنەرۋەنلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

4. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، سانائەت ئىشچىلىرى ماھارەت شەكىللەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

(8) زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ تۇتاشتۇرۇلغان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ساھە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلۇش تىپىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، بىر تۈركۈم يادرولۇق دەرس، ئەلا سۈپەتلىك دەرسلىك، ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى، ئەمەلىيەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى، كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپىي مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا - ئەمەلىي مەشىق ئوقۇتقۇچىلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىرقەدەر يۇقىرى خەلقئارالاشقان سەۋىيەگە ئىگە بىر تۈركۈم كەسپىي مەكتەپلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك.

(9) ئۇنىۋېرسال تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرىنى ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ماھارەتلىك جۇڭگو ھەرىكىتى، كەسپىي مائارىپ نەق مەيدان ئىنژېنېرلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەش پىلانى، ياش ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، سانائەت بىلەن ئوقۇتۇش بىر گەۋدىلەشكەن ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

(10) كارخانىلارنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كارخانا ئاساسىي گەۋدە، كەسپىي مەكتەپ ئاساس قىلىنغان، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەت قوللايدىغان، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتنىشىدىغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى تۈزۈشىگە، سانائەت ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىغا، ئاممىۋى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە ئىشچى - خىزمەتچىلەر مائارىپ خىراجىتىنى تولۇق ئېلىپ ۋە ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى سىستېمىسى، ساھە جەمئىيىتى، جەمئىيەت تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماھارەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

(11) سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ بىلىم يېڭىلىشى ۋە ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرىنى داۋاملىق تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ، ئوچۇق داشۆلەردە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلار، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئوقۇش تارىخى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى، ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى ئېچىشقا ئىلھام بېرىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەرنى يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەربىيەلەش لاگېرى ئۆتكۈزۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ چېگرا سىرتىدا تەربىيەلىنىش ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك كەسپىي مائارىپ بويىچە ئاقىل مائارىپ سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە سانائەت ئىشچىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ماھارەت ئۆگىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بازىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمىدىكى، ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

5. كەسپىي تەرەققىيات سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

(12) سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئەمەلىي ئۈنۈمى، تۆھپىسىنى يۆنىلىش قىلغان، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. «يېڭى سەككىز دەرىجىلىك ئىشچى»لار كەسپىي ماھارەت دەرىجە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

(13) سانائەت ئىشچىلىرىنى توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىلانىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى، ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىن باشقا ئۆگىنىش نەتىجىسى، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى ئوقۇش نومۇرىنى ئايلاندۇرۇپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەسپىي سالاھىيەت، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى مۇناسىپ ئۇنۋان، ئوقۇش تارىخى بىلەن قوش يۆنىلىشلىك سېلىشتۇرۇپ بېكىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىش ئورنى، ماھارەت ئىش ئورنى ئۆزئارا تۇتاشقان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

6. ئەمگەك ئىقتىسادىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش

(14) سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىش، ماھارىتى يۇقىرىلار كۆپ ئېلىش، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار كۆپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى سالمىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ مائاشىنى بېكىتىش، مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامىلغا ئاساسەن تەقسىم قىلىشقا دائىر سىياسەت - تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى قىممىتى، ئىقتىدار ساپاسى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، نەتىجە يارىتىش، تۆھپە قوشۇشنى ئاساس قىلغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئىش ھەققى تەقسىمات تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا قارىتا يىللىق مائاش تۈزۈمى، كېلىشىم مائاش تۈزۈمى ۋە پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. شارائىتى بار رايونلارنىڭ كەسىپ (ئىش تۈرى، ئىش ئورنى)، ماھارەت دەرىجىسىگە ئايرىلغان مائاش باھا ئورنى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

(15) سانائەت ئىشچىلىرى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ۋاسىتە قىلىنغان سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، تەربىيەلەش ئۇچۇرلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش، مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سانائەت ئىشچىلىرى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى ئىمزالىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئەمگەك مۇلازىمىتىگە ئەۋەتىلگەن ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىنى كۆپ خىل بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك ساھەسىدىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك. ئەمگەك كاپالىتى بويىچە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك - كادىرلار تالاش - تارتىشى بويىچە مۇرەسسە - كېسىم بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىش كېرەك.

(16) سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، ساغلاملىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك. كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى خەۋپلىك كەسىپ ساھەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى خەۋپلىك ساھەلەردىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئەمگەك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش، ئارام ئېلىش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرى داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئارام ئېلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(17) يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى ساھەسىدە قانۇن چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەمگەك جەھەتتىكى قانۇن نازارەتچىلىكى بويىچە «بىر ئەسكەرتمە، ئىككى نامە»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۇپا كارخانىلىرى ۋە سۇپا ئادەم ئىشلىتىش ھەمكارلىق كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۇيۇشما قۇرۇش، ئۇيۇشمىغا قاتنىشىش ۋە ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن دائىملىق ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

7. تۆھپە قوشۇش، نەتىجە يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش

(18) ئەمگەك ۋە ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. چوڭ - چوڭ ئىستراتېگىيە، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ - چوڭ تۈر، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە بويىچە كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى سىجىل ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى ئەمگەك مۇسابىقىسى، ماھارەت بويىچە بەسلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئاتلىنىش ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك.

(19) سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرىنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، نەق مەيداندىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا يۈزلەنگەن تېخنىكا يېڭىلاش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، تېخنىكا ئىجادىيىتى ۋە كىچىك كەشپىيات، كىچىك ئىجادىيەت، كىچىك يېڭىلاش، كىچىك لايىھەلەش، كىچىك تەكلىپ بېرىش قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كارخانا بەن - گۇرۇپپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى چوڭ - چوڭ تېخنىكا يېڭىلاش، پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

(20) ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى، ماھارەت ئۇستىلىرى ئىشخانىسى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى، ياشلار يېڭىلىق يارىتىش ئاۋانگارتلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. رايون ھالقىغان، ساھە ھالقىغان، كارخانا ھالقىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى ئىتتىپاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر كارخانىلارغا كۈچ قوشۇش سەپىرى»نى يولغا قويۇپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

8. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى سىنىپىي ئاساس ۋە ئاممىۋى ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش

(21) ياسىمىچىلىق سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى چۆرىدەپ، ياسىمىچىلىق تېخنىكا ئاساسى قۇرۇلۇشى ۋە ياسىمىچىلىق ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنى ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ كۆپ ئىش ئورنىغا لايىقلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(22) چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى مۇنبىرىنى سىجىل ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئايال ھۈنەرۋەنلەرنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھۈنەرۋەنلەرنى تەشۋىق قىلىشنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھۈنەرۋەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تەقدىرلەش خىزمىتىنى بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇش كېرەك.

(23) تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. سىياسەت مەدىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ، كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. خىزمەت مۇھىتى ۋە ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاپ، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ياسىمىچىلىق ئىش ئورنىنىڭ ياشلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.

(24) دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۇقىرى ساپالىق زامانىۋى سانائەت ئىشچىلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرگە سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەردە نوپۇسقا ئېلىشقا دائىر سىياسەتلەرنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، كېڭەيتىپ، شەھەرگە كىرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەر - بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى پاراۋانلىق قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

9. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش

(25) تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ بۇ پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى باشلامچى بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىش ئاپپاراتلىرى تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى قانۇن چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

(26) كارخانىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەركەز كارخانىلىرى ۋە يەرلىكتىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاش كېرەك. كارخانىلارنى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى ئەھۋالىنى كارخانىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى دوكلاتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات دوكلاتىغا كىرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان كارخانىلارنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلىشى ۋە مۇناسىپ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.

(27) جەمئىيەت قوللاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى سانلىق مەلۇماتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش، كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى تېما تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)