دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپى خەلق مائارىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمى، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرىكى. دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئېھتىياج بويىچە مۇلازىمەت قىلىش، ئىسلاھ قىلىش ـ يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش ـ يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆلەمنى كېڭەيتىش بىلەن ماھىيەتلىك مەزمۇن قۇرۇلۇشىنىڭ ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيا بويىچە مۇھىم دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپى مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلىرى ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق يېتىشتۈرۈپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن ـ كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. پەن ـ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا ماسلىشالايدىغان پەن ـ كەسىپ تەسىس قىلىش، بەرپا قىلىش ۋە تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، تېببىي پەن تۈرى ھەمدە ئاساس پەنلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پەنلەر، گىرەلەشمە پەنلەر بويىچە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دوكتورلۇقتا كەسىپلەر بويىچە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە نۇقتىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى پەن ـ كەسىپ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېتىشتۈرۈش تەرتىپى ئامىللىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېتىشتۈرۈش جەريانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تارقاقلىشىش، چېكىنىپ چىقىش ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك تاللاشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي ئۇنۋان بويىچە يېتىشتۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇتاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ماسلىشىش مېخانىزمىنى قايتا بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنى يۇغۇرۇش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش قۇۋۋىتىنى قوزغىتىپ، رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپى سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، مۇقىم قوللاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شارائىتى بار رايونلار ۋە يېتىشتۈرگۈچى ئورۇنلارنىڭ ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تۈرگە، تۈركۈمگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.