شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 17 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى
مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا 17 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: 2035 - يىلى مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، مەنىۋى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، قىممەت چاقىرىق كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
بېيجىڭ داشۆنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور يولداش ۋاڭ بو بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھاكىمە قىلدى.
شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇھاكىمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدا مەدەنىيەت ساھەسىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە، مەنىۋى جەھەتتە، مەدەنىيەت جەھەتتە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدىن ئىبارەت تۈپ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلىققا يۈزلەنگەن، دۇنياغا يۈزلەنگەن، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، مىللەتكە تەۋە، ئىلمىي بولغان، ئاممىباب بولغان سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەشكىللەش خىزمىتى مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر تۈركۈم دەۋر كلاسسىك ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ياخشى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىلىم دېموكراتىيەسى، ئەدەبىيات - سەنئەت دېموكراتىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار ۋە مۇتەخەسسىس - ئالىملارنىڭ تۇرمۇشتا يىلتىز تارتىشى، قېتىرقىنىپ ئىجاد قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنىڭ سىجىل ئۇرغۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنى يۇغۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا باشتىن - ئاخىر ئادەمنى كۆزدە تۇتۇش، ئادەمنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ جەھەتتىكى مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەتنىڭ ئىرادىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، پەزىلەت يېتىلدۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى خىسلىتىنى ساقلاش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تاللاش، تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تونۇيدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان ياخشى سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ، كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گۆھىرىنى ياخشى ئاسراش، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئىزاھلاپ، ماركسىزم ئارقىلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر ئامىللارنى قوزغىتىپ ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتنى قىزغىن سۆيۈش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، قوغداشنى 1 - ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئەڭ كىچىك دائىرىدە ئارىلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە بىر تۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. خەلقئاراغا تارقىتىش ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تور تاشقى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ يوللۇق، ئىستېرېئولۇق سىرتقا تارقىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىنسانلارنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، قەدىمكىسى بىلەن ھازىرقىسى يۇغۇرۇلغان، جۇڭگونىڭ بىلەن چەت ئەلنىڭ مۇجەسسەملەنگەن بىر تۈركۈم مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى يارىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كادىر سەپلەش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، بايلىق سېلىنمىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.