يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش، قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، خەۋپ - خەتەرنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك

2024-11-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ جۇخەي شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەرنى سوقۇش دېلوسىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش، قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، خەۋپ - خەتەرنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە، گۇاڭدۇڭ جۇخەي شەھىرى شياڭجوۋ رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەرنى سوقۇش دېلوسى يۈزبەردى، ھازىرغا قەدەر، 35 ئادەم ئۆلدى، 43 ئادەم ئېغىر يارىلاندى.

دېلو يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭدۇڭ جۇخەي شەھىرى شياڭجوۋ رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىيادىلەرنى سوقۇش دېلوسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ. يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە، يارىلانغانلار ھەم ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، كېيىنكى خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان دېلو يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، دېلو ئەھۋالىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەم قاتىلنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىغا ئاساسەن، مەركەز شۇ جايغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ھەم جۇخەي شەھىرى يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش، جەمئىيەت قاتلىمىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.