​خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق، گۈزەل شەھەرنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش كېرەك

2024-11-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرى ياڭپۇ رايونى «لاۋياڭشۇ لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى»دىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

​خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق، گۈزەل شەھەرنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرى ياڭپۇ رايونى «لاۋياڭشۇ لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى»دىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر ئۆز كەچۈرمىشىڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىسىگە تارىخنى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى شاڭخەي شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردىڭلار، بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلەش كېرەك. سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنىڭ خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىناق، گۈزەل شەھەرنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

2019 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى قېتىم «خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلەش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قېتىم شاڭخەينىڭ خەلق شەھىرى قۇرۇلۇشىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى. «لاۋياڭشۇ لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى» شاڭخەينىڭ ياڭپۇ رايونىدا ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يۈزلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى، خەلق شەھىرى ئىدىيەسى قاتارلىقلار بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. يېقىندا، بۇ كوللېكتىپتىكى بارلىق يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەينىڭ خەلق شەھىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.