جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024-11-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

سەي چى مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جەمئىيەت خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جەمئىيەت خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ۋە خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان، ساغلام بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، جەمئىيەت خىزمىتىدە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، جەمئىيەت خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە يۈزلەندى، جەزمەن يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جەمئىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، كەسىپنى باشقۇرۇشتىمۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى پۇختىلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت خىزمىتىنى قانداق كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى سۆزلەپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدا، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى، قىممەت يۈزلىنىشى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، ئاساسىي كاپالىتى قاتارلىقلار چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلدى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي جەھەتتە قاپلىشى ۋە خىزمەت جەھەتتە قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۈچ قوشۇش ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لى گەنجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، مۇ خۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، بېيجىڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، قىسمەن كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.