دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى مۇنداق جاكارلىدى:
پېرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بورۇئارتنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىدىن 17 ـ كۈنىگىچە لىماغا بېرىپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لۇلانىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە رىئودې ژانېيروغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېڭ شىن، جۇ چاۋ) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پېرۇنىڭ لىماغا بېرىپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيروغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشى جۇڭگو ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىغا يۈزلىنىپ قانات يايدۇرغان بىر قېتىملىق مۇھىم دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى». ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۇپىسى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ موتورلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى تونۇشتۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسەت تەشەببۇسىنى بايان قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2040 ـ يىل پۇتراجايا ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيادىكى ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.» ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، يەرشارىۋى تەرەققىيات خىرىسقا دۇچ كەلدى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپەيدى. ھەرقايسى تەرەپلەر 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئاساسىي مۇنبىرىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈمىد قىلماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، «ئادىل دۇنيا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى قوللاش جەھەتتە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېنىق سىگنال تارقىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چېڭ شىن) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پېرۇ، بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پېرۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇھىم دۆلەت، جۇڭگو پېرۇ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ بورۇئارت ئىككى قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ پېرۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى.
ماۋ نىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ پېرۇدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بورۇئارت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ھەم قارشى ئېلىش مۇراسىمى، ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمى، قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتى، شۇنداقلا باشقا ئالاقىدار يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. «شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ».
ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئوخشاشلا يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇھىم بازار دۆلەتلىرى، ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، يەرشارىۋى خاراكتېرلىك تەسىرى سىجىل ئاشتى. بۇلتۇر 4 ـ ئايدا، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ بىرازىلىيەدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، قارشى ئېلىش مۇراسىمى، ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمى، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيە خاراكتېرى، ئىجادىي خاراكتېرى ۋە يېتەكچى خاراكتېرىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دۇنياۋى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 50 يىلى»نى باشلايدۇ.