شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى
لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ۋەكىللەر قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى
3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى
3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى
3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جاۋ لېجى ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت گېربى بىلەن يىغىن مەيدانىنىڭ ئەگمە تورۇسىدىكى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز چىراغ بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ليۇ چى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.
شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2929 كىشى. 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا قاتناشقانلار 2880 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 49 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جاۋ لېجى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى ئېچىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.
يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2024 ـ يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، 2025 ـ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى؛ ئۈچىنچى، 2025 ـ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر.
لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ناھايىتى ئالاھىدە بولدى. تاشقى قىسىمدا بېسىم زورىيىۋاتقان، ئىچكى قىسىمدا قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن ـ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل ئاشتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق: بىرىنچى، ۋاقىت ـ ۋەزىيەتكە قاراپ ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ ئىككىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردۇق؛ ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللىشىشى، دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ تۆتىنچى، شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇردۇق؛ بەشىنچى، جەمئىيەت ئىشلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇردۇق؛ ئالتىنچى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قوغداشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق؛ يەتتىنچى، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.
لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بىز يەنە دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە خىرىسنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يەتتۇق. بىز ھەم قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرگە توغرا قارىشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر ـ بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5 ئەتراپىدا بولۇش، شەھەر ـ بازارلاردا يېڭىدىن 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %2 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ماس قەدەمدە بولۇش؛ خەلقئارا كىرىم ـ چىقىمنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش؛ ئاشلىق ھوسۇلى 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ ئەتراپىدا بولۇش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش.
لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا، جەزمەن شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش بىلەن كۆلەم ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ يىل ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. بىز مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتىمىز: ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىمىز؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز؛ دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز؛ بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، پائال تۈردە تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرىمىز؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلايمىز؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز؛ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش ۋە رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىمىز؛ كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىمىز؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.
دوكلاتتا، لى چياڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.
يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2024 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2025 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2024 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋەكىللەر قانۇنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈپ قانۇن. بۇ قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇش زۆرۈر. ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنى باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان ۋەكىل ئورگانغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. ۋەكىللەر قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى جەمئىي 34 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئومۇمىي پىرىنسىپقا قىسمەن بەلگىلىمىلەرنى تولۇقلاش، «ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش» تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مەزگىلىدىكى خىزمەتلىرىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپى ۋە تەۋسىيەسىنى بېجىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى باشقۇرۇش ـ نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تولۇقلاش.
رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن، ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.
شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.
چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.