شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئاياللار، بالىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاياللار خىزمىتىنى قوللايدىغان ياخشى مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش ئۈچۈن، «8 - مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پۈتۈن جەمئىيەتكە 2025 - يىللىق «كۈرەش قىلغۇچى ئەڭ گۈزەل ئايال»لارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ جىچىن، ماھىنۇر نىياز، لى نالو، ياڭ شۇتىڭ، جىن مېيلىن، جاۋ خەيلىڭ، جاۋ چۇنلىڭ، خۇاڭ خۇڭيىڭ، سۈي يۈفاڭ، لياڭ دەيخۇادىن ئىبارەت ئون نەپەر مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدار ئۈلگىسى شەرەپ بىلەن 2025 - يىللىق «كۈرەش قىلغۇچى ئەڭ گۈزەل ئايال» بولۇپ تاللاندى. ئۇلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمايدۇ دەيدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، «يېرىم دۇنيا»لىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، بەزىلىرى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش داۋامىدا قالتىس بولۇشقا ئىنتىلدى، بەزىلىرى ھايۋانات بىيو ياسالمىلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، بەزىلىرى مېيىپ بولسىمۇ ئىرادىسى چىڭ بولۇپ، مېيىپلەرنى ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشقا يېتەكلىدى، بەزىلىرى كەسىپكە تايىنىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى، بەزىلىرى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى... ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئېگىلمەس، قەيسەر، ئەقىللىق، مەردانە يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ سالاپىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.
كەڭ ئاياللار مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىدە بىز ھەممىمىز دەۋرنىڭ خاتىرىلىگۈچىلىرى، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار، «كۈرەش قىلغۇچى ئەڭ گۈزەل ئايال»لارنى ئۈلگە قىلىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەت تۇرمۇشى ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىچە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچان بولغان، ئائىلىگە تۆھپە قوشىدىغان يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، 2025 - يىللىق «كۈرەش قىلغۇچى ئەڭ گۈزەل ئايال»لارنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى مەخسۇس پىروگراممىسى يېقىندا كۆرسىتىلىدىكەن.