ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

2025-03-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− 2025 - يىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىدا بېرىلگەن

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ

ۋەكىللەر:

ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. 2024 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى، يىغىندا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە كۈرەش روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتۇق. بىر يىلدىن بۇيان، تاشقى بېسىم زورىيىۋاتقان، ئىچكى قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرى ئوڭۇشلۇق ئورۇندالدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەمدە راۋاجلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل ئېشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

«مۇقىملىق» ۋەزىيىتى مۇستەھكەملەندى ۋە داۋاملاشتى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى شۇكى، ئىقتىساد كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىلدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 134 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، شەھەر - بازارلاردا 12 مىليون 560 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.1 بولدى، ئاھالە ئىستېمال باھاسى %0.2 ئۆستى. خەلقئارادىكى كىرىم - چىقىم ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتى، تاشقى سودا كۆلىمىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، خەلقئارادىكى بازار ئۈلۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى پۇختا مۇستەھكەملەندى، ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %5.1 نەق ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارنىڭ كاپالەت سالمىقى ئاشتى. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك تۈگىتىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىدە مۇقىملىق ساقلاندى.

«ئىلگىرىلەش» قەدىمى پۇختا، كۈچلۈك بولدى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى شۇكى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، ئاشلىق ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭلىق يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، مو بېشى ھوسۇلى 10.1 جىڭ ئاشتى؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %8.9، %7.7 ئاشتى، يىللىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 13 مىليونلۇق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى؛ ئۇچۇر يوللاش يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكى، ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10.9، %10.4 ئاشتى. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىدا يېڭى يۈكسىلىش بولدى، توپلانما توك يولى، سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ «چاڭئې 6 - » ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كەلدى، «مېڭشياڭ» ناملىق بۇرغىلاپ چارلاش ئوكيان پاراخوتى پۈتۈپ سەپكە كىردى؛ تېخنىكا توختامىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى %11.2 ئاشتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىدە يېڭى ياخشىلىنىش بولدى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە ئۇششاق دانچە (PM2.5)نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %2.7 تۆۋەنلەپ، ئەلا - ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %87.2كە ئۆرلىدى، يەر ئۈستى سۈيى كەسمە يۈز سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %90.4كە يەتتى؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %3تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى؛ ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك گېنېراتور سىغىمى يېڭىدىن 370 مىليون كىلوۋات كۆپەيدى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى پۇختا، كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش قاتارلىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ياسىمىچىلىق ساھەسىدە تاشقى مەبلەغ ئىجازىتىگە چەك قويۇش تەدبىرلىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش سودا - سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى ۋە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى.

ئۆتكەن بىر يىلغا نەزەر سالىدىغان بولساق، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمىدى. تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرگەن پايدىسىز تەسىرلەر داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، دۆلەت ئىچىدە ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان بەزى چوڭقۇر قاتلاملىق، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر مەركەزلىك ئىپادىلىنىپ چىقتى، ئىچكى ئېھتىياج كۈچلۈك بولماسلىق، كۆزلىمە ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر گىرەلىشىپ دەستىلىنىپ كەتتى، قىسمەن رايونلاردا كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈزبەردى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاش قىيىنلىشىپ كەتتى. قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز ساقلانما مىقدار سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇپ، پائال، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق. بولۇپمۇ 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا كەسكىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يۈرۈش ئاشۇرما مىقدار سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ كۆرۈنەرلىك قايتا يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، ھەم پۈتۈن يىللىق نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ھەم بۇ يىللىق تەرەققىياتقا ياخشى ئاساس سالدۇق. بۇ جەرياندا، بىز ئىقتىسادىي خىزمەتكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ، ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ، ئاشۇرما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇشنىڭ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىشىمىز شەرت ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتۇق. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلساقلا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەل يوق.

بىر يىلدىن بۇيان، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

بىرىنچىدىن، ۋاقىت - ۋەزىيەتكە قاراپ ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بۇلتۇر 1 - پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ تەرەپلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 2 - پەسىلدىن كېيىن ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئۇدا تۆۋەنلەپ، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمى زورايدى. بىز تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتى بىلەن ئاشۇرما مىقدار سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېھتىياجنىڭ تېزرەك قايتا ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىپ، بازار كۆزلىمىسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرىلاش، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۆۋەنلەش، كېيىنكى مەزگىلدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. مالىيە، پۇل سىياسىتىنى كۈچلۈك يولغا قويۇپ، چىقىم كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ مالىيە كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە سىياسەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلىتىپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتتۇق. ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتىنى كۈچەپ قوللىدۇق، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش سېلىنمىسى %15.7 ئاشتى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى %12.3 ئاشتى. ئۆي - زېمىن بازىرىدا باھانىڭ چۈشۈشتىن توختاپ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتۇق، ئاھالە ساقلانما ئۆي قەرزىنىڭ يىللىق ئۆسۈم چىقىمى تەخمىنەن 150 مىليارد يۈەن ئازايدى، سودا ھالقىلىرىنىڭ باج - ھەق سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. كاپىتال بازىرىنى پائال مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇللۇق تۈزۈملەرنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش، پاينى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىپ، ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىشكە تەكرار قەرز بېرىش قاتارلىق سىياسەت قورالىنى بەرپا قىلىپ، بازارنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇردۇق. يەرلىكنىڭ ساقلانما يوشۇرۇن قەرزىنى مەخسۇس قەرزگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا 6 تىرىليون يۈەن كۆپەيتتۇق، جايلاردىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق.

ئىككىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردۇق. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازارغا توسالغۇ بولىدىغان بەلگىلىمە، ئۇسۇللارنى ئېنىقلاپ بىكار قىلدۇق، رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش نىزامىنى چىقىرىپ يولغا قويدۇق، جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇردۇق. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇندۇق. تاشقى سودىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردۇق، تاشقى سودا ئېكسپورتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى زورايدى. چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. قوشۇلما قىممەتلىك تېلېگراف، بىيوتېخنىكا، شېرىكسىز دوختۇرخانا ساھەلىرىنى ئېچىۋېتىش سىنىقىنى يولغا قويدۇق. بىر تەرەپلىك ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە مەھسۇلاتىدىن ئومۇميۈزلۈك تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەمىناتى بەردۇق. بىر تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، چېگرادىن ۋىزىسىز كىرىپ تۇرۇش ۋاقتىنى 240 سائەتكە ئۇزارتتۇق، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش ئىشى داۋاملىق جانلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلار، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلدى.

ئۈچىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللىشىشى، دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ ۋە يولغا قويۇپ، زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرى سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەرخىل، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقتا تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنى %9.2 ئاشۇردۇق. بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق توپلىرىنى يېڭىدىن يېتىلدۈردۇق، تىجارەتلىك ئالەم قاتنىشى، بېيدوۋدىن پايدىلىنىش، يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى. مۇھىت قوغداش، بىخەتەرلىك قاتارلىقلارغا دائىر مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزدۇق ۋە ئۆزگەرتتۇق. رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، يادرولۇق رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلىرى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى سالمىقى %10 ئەتراپىغا يەتتى.

تۆتىنچىدىن، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇردۇق. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە دائىر بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، شەھەرلەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، دائىمىي ئاھالىنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى %67كە يەتتى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى قەتئىي بوشاشماي پۇختىلاپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. رايونلار تەرەققىياتىغا دائىر بىر تۈركۈم سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم رايونلۇق چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارغا دائىر تۈزۈم - سىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق.

بەشىنچىدىن، ئىجتىمائىي ئىشلارنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردۇق. يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتتۇق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇقىم بولدى. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق. دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات - ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، ئوقۇش ياردىمى قەرزىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆسۈمىنى تۆۋەنلەتتۇق، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن ئوقۇغۇچى 34 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. «ئىككىنى يېنىكلىتىش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي مائارىپ ئېكولوگىيەسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇردۇق. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتۇق، ئاساسىي قاتلامنىڭ سوزۇلما كېسەل ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەلگە ئىشلىتىلىدىغان دورا تۈرلىرىنى كۆپەيتتۇق. نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدۇق. ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىدىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈردۇق. ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاق باشلار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقتۇق. مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. نەپىقە - ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى مەنپەئەتلەندۈردۇق. مەملىكەت خاراكتېرلىك بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىنى سىجىل جانلاندۇردۇق. 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۇختا تەييارلىق كۆردۇق، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېگرا سىرتىدا قاتناشقان مۇسابىقىلەردىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

ئالتىنچىدىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلەتتۇق. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، چۆللەشكەن يەر كۆلىمى بىلەن قۇملاشقان يەر كۆلىمىنى داۋاملىق ئازايتتۇق. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، زور مىقداردىكى ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان، ياۋا ئۆسۈملۈكلەر تۈر توپى پۇختا كۆپەيدى. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش - كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدۇق، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتتۇق، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيەدىن چىقىرىلغان توكنىڭ ئومۇمىي توك مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40كە يېقىنلاشتى. مەملىكەت بويىچە پارنىك گازى چىقىرىشنى ئۆزلۈكىدىن ئازايتىش سودا بازىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە كاربون چىقىرىش ھوقۇقى سودىسى تېخىمۇ جانلاندى.

يەتتىنچىدىن، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى چوڭقۇر تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق كۈچەيتتۇق. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قانۇن تەكلىپىدىن 19نى سۇندۇق، 28 مەمۇرىي نىزام تۈزدۇق ۋە ئۇنى ئۆزگەرتتۇق. نازارەتنى قانۇن بويىچە ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق مەمۇرىي تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇردۇق. «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش» بويىچە ئىككى تۈركۈمدە نۇقتىلىق ئىشلار تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور ۋە تور سىرتى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق ياراتتۇق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشنى كۈچەيتتۇق، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، يېقىلغۇ گاز، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تولۇق زەنجىرلىك مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردۇق. كەلكۈن، ھۆلچىلىك، تەيفېڭ بورىنى، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتتىن ئۈنۈملۈك ھالدا مۇداپىئەلەندۇق ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. چەكتىن ئاشقان دېلو، ۋەقەلەر يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، قەبىھ جىنايەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلەندۈردۇق.

ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپلىگەن دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئالىي يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يىغىنلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى قاتارلىق مۇھىم ساھىبخانلىق دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە خەلقئارا، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ، ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىنىڭ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتتىكى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يەتتۇق. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش تېزلىشىۋاتىدۇ، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ ۋە كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ سودا، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلىرىنى تېخىمۇ زور زەربىگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك ئەمەس، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۈچىيىۋاتىدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تاموژنا بېجى توسۇقلىرىنىڭ كۆپىيىشى دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. جۇغراپىيەۋى سىياسىي جىددىيلىك ئامىللىرىنىڭ ھېلىھەم بىرقەدەر كۆپ بولۇشى دۇنياۋى بازار كۆزلىمىسى ۋە سېلىنما ئىشەنچىگە تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقئارا بازارنىڭ داۋالغۇش خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتتى. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك بولغىنى يوق، بولۇپمۇ ئىستېمال جانلىق ئەمەس. قىسمەن كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، ھېسابتىكى پۇلنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك. ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. بەزى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام مالىيەسىدە قىيىنچىلىق بار. ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى خىزمەتلەردە ماسلاشتۇرۇش - ماسلىشىش يېتەرلىك بولمىدى، بەزى سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئاستا بولۇپ، ئۈنۈمى كۆزلىمىگە يەتمىدى. بەزى تارماقلارنىڭ مۇلازىمەت قارىشى كۈچلۈك ئەمەس، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايۋاتىدۇ. بەزى كادىرلاردا قالايمىقان ئىش قىلىش، قىلىدىغان ئىشنى قىلماسلىق، ئىشنى ياخشى قىلماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت، بەزى ساھە ۋە جايلاردا چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ. بىز قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە جىددىي قارىشىمىز، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىزدە دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك بازار، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، مول ئادەم كۈچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىت، يىراق كەلگۈسىنى پىلانلايدىغان، ئىلمىي تەڭشەپ تىزگىنلەيدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن ماسلىشىدىغان ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش مېخانىزمى، تەمىنات دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرىدىغان، قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرىدىغان كەڭ ئاشۇرما مىقدار بوشلۇقى بار، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرگىنى يوق ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد پاراخوتى جەزمەن دولقۇن يېرىپ، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلەيدۇ!

2. 2025 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشى

بۇ يىل 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ئاخىرلىشىدىغان يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆي - جاي بازىرى، پاي بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداپ، 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5 ئەتراپىدا بولۇش؛ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %2 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش؛ ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزۈش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش.

يۇقىرىقى كۆزلىمە نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ۋە ھەر جەھەتتىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئېھتىياجنىمۇ، ئىمكانىيەتنىمۇ كۆزدە تۇتتۇق. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆزلىمە نىشانىنى %5 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتىش ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئېھتىياجى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تىرەك بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچ ۋە پايدىلىق شارائىتمۇ بار، بۇنىڭدا ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات نىشانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى. شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتىشتە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %2 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتىشتە، تۈرلۈك سىياسەت ۋە ئىسلاھاتلارنىڭ ئورتاق رولى ئارقىلىق تەمىنات بىلەن تەلەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق دائىرىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ، جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز شەرت.

بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋۋال ئورنىتىپ، ئاندىن بىكار قىلىشتا، سىستېمىلاشتۇرۇش - توپلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت قورالى ساندۇقىنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتلەرنى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن جانلىق تەڭشەپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرىمىز. نىشاننى يېتەكچى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، پەيت ۋە سالماققا ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېما تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. كىرىم، زايوم قاتارلىق تۈرلۈك مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ يىل قىزىل رەقەم نىسبىتى %4 ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر پىرسەنت پوئىنتى ئۆستۈرۈلىدۇ، قىزىل رەقەم كۆلىمى 5 تىرىليون 660 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ كۆلىمى 29 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ. 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 300 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ. 500 مىليارد يۈەن ئالاھىدە زايوم تارقىتىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ سودا بانكىلىرىنىڭ كاپىتالىنى تولۇقلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىدىن 4 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 500 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ، بۇ پۇل مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش، يەرلەرنى يىغىپ ساقلاش - سېتىۋېلىش ۋە ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋېلىش، كارخانىلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت نېسى قالدۇرغان پۇلىنى ھەزىم قىلىش قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 11 تىرىليون 860 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، مالىيە چىقىمىنىڭ سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. تۈرلۈك مەبلەغلەرنى ئاجرىتىپ بېرىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي چىقىمنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چىقىم قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەز مالىيەسى جايلارغا قارىتىلغان ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مايىللىشىدۇ. دەرىجىگە ئايرىپ كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى پۇختىلاش، مۇستەھكەملەش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىقتىسادچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، بۇزۇپ چېچىپ - ئىسراپ قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى تېجەپ، تەرەققىيات ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، خەلق ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئىشلىتىش كېرەك.

مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ ئومۇمىي مىقدار ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە ئۆسۈمنى مۇۋاپىق پەيتتە تۆۋەنلىتىپ، يۆتكىلىشچانلىقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى ۋە پۇل تەمىناتى مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ كۆزلىمە نىشانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك. قۇرۇلمىلىق پۇل سىياسىتى قورالىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆي - جاي بازىرى، پاي بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشنى ۋە پۇقراۋى كارخانا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پۇل سىياسىتىنىڭ ئۆتۈشمە يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى ئۆتمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەرزنىڭ دىرىنى قايتۇرمىسىمۇ داۋاملىق قەرز بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەۋپ - خەتەرنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق قوللاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئېرىشىشچانلىقى ۋە قولايلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. مەركىزىي بانكىنىڭ ماكرو جەھەتتىن ئېھتىياتچان بولۇش ۋە پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە قورالىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

ماكرو سىياسەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ قارىتىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، بايلىقنىڭ «ئادەمگە مايىللىشىشى»، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىستېمالغا رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشكە مەدەت بېرىپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

سىياسەت «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىش كېرەك. مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، سودا، مۇھىت قوغداش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشى، شۇنىڭدەك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇشى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ماكرو سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن ئىقتىسادىي سىياسەتتىن باشقا سىياسەتلەرنى بىردەكلىك جەھەتتىن باھالاش دائىرىسىگە بىرتۇتاش ئېلىپ كىرىپ، سىياسەت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت نىشانى، قورالى، پەيتى، سالمىقى، رىتىمىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسەت چىقىرىش ۋە يولغا قويۇشتا، بالدۇر چىقارغىلى بولسىلا بالدۇر چىقىرىش، بالدۇر بولۇپ قالسا مەيلىكى كېچىكتۈرمەسلىك، تۈرلۈك ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن چىقىرىپ، كۆزى يەتكەنلىرىنى بىراقلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە توغرا لىنىيە بويىچە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ «دەسلەپكى بىر كىلومېتىر»دىن «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە راۋان جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە كۆزلىمە يېتەكچىلىكىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئاكتىپ ئىجتىمائىي كۆزلىمە يارىتىش كېرەك.

بۇ يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداشتا، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش بىلەن كۆلەم ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شەرت. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا خەلقئارا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى زورايتىپ، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستېمال بىلەن تەمىنات ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق ئېھتىياجنى يېتەكلەشكە، ئېھتىياجنى يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

3. 2025 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر

بۇ يىل ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. بىز مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

(1) ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىمىز. ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج جەھەتتىكى، بولۇپمۇ ئىستېمال جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مۇقىملىغۇچى لەڭگەرگە ئايلاندۇرىمىز.

ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز. ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك تەمىناتنى ئاشۇرۇش، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش مەخسۇس تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، كۆپ خىللاشقان، پەرقلىق ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاپ، ئىستېمال سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇراھال، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايومدىن 300 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. ئىشنى ئىجازەتنى كەڭ قويۇۋېتىش، چەكلىمىنى ئازايتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىمىز. ئىستېمال مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال، ئاقىل ئىستېمال قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىقلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغايمىز. باجسىز دۇكانغا دائىر سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرادىن كىرىش ئىستېمالىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز. خەلقئارا ئىستېمال مەركىزىي شەھىرى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ناھىيە سودا سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئومۇمىي ئىستېمال ئىستاتىستىكىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىمىز.

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال ئاشۇرىمىز. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى چىڭ ئىگىلەپ، تۈرلۈك ھۆكۈمەت سېلىنمىسى قورالىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تۈر زاپىسى ۋە ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى تېز يولغا قويۇپ، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تۈرلەرنى ھەقىقىي تۈردە توغرا، ياخشى تاللاپ، مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، ئۈنۈمى تۆۋەن، ئۈنۈمسىز تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. بۇ يىل مەركەز خامچوتىدا 735 مىليارد يۈەن سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايومدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل قاتارلىقلارغا دائىر يانداش مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىلغان تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللايمىز. يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سېلىنما ساھەسىنى پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش، تۈرلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇق دائىرىسىنى تۆۋەنگە بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ياخشى يولغا قويىمىز. مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى تارماق، رايون ھالقىپ ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز ۋە تاكامۇللاشتۇرىمىز. مۇلازىمەتچىلىك سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىقى يېڭى مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئىچى كاپىتالىنى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە، ئىجتىمائىي ئىشلار، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنى تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىمىز.

(2) يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ توپلىنىپ ئەۋزەللىككە ئايلىنىشىنى، ئەنئەنىۋى قۇۋۋەتنىڭ يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما، توپلاشما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇھىتتىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىجارەتلىك ئالەم قاتنىشى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. كەلگۈسى كەسىپلەر سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بىيوياسىمىچىلىق، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، 6G تورى قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرىمىز. ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ياسىمىچىلىقنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. كەسىپلەرنى بىرتۇتاش جايلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشى ۋە ياخشى رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. ئىجادچان كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈپ، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەركىدان كارخانا، جەرەن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولىدا تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ياسىمىچىلىقنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپ ئاساسىنى قايتا بەرپا قىلىشنى ۋە زور تېخنىكا جابدۇقلىرى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىمىز. دائىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شەرتنى تۆۋەنلىتىپ، ياسىمىچىلىقتا زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش - دەرىجە ئۆستۈرۈش ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىشىنى تېزلىتىپ، كەسىپتىنمۇ، رەقەملەشتۈرۈشتىنمۇ خەۋىرى بار بىر تۈركۈم مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىمىز. ياسىمىچىلىقتا «تۈر كۆپەيتىش، سۈپەت ئۆستۈرۈش، ماركا يارىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داڭلىق، سەرخىل مەھسۇلات ۋە تىپىك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىمىز.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. «سۈنئىي ئەقىل +» ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، رەقەم تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىق ئەۋزەللىكى، بازار ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ مودېلنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىپ، تورغا ئۇلانغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاقىل ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ۋە كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئاقىل تېرمىنال ۋە ئاقىل ياسىمىچىلىق جابدۇقلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. 5G تورىنى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سانائەت ئالاقە تورىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە ھېسابلاش ئىقتىدارى بايلىقىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىمىز. سانلىق مەلۇمات ئۇل تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتلەردىكى ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

(3) پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىنى مۇستەھكەملەيمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز. يېڭى دەۋردە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئاساسىي مائارىپنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نوپۇس ئۆزگىرىشىگە لايىقلاشقان بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەقسىملەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، باراۋەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا ئوقۇغۇچى ئورنىنى كۆپەيتىپ، ناھىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى تەدرىجىي يولغا قويىمىز. ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملاشما مائارىپ، مەخسۇس مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەيمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىمىز. ئالىي مەكتەپلەر ئىسلاھاتىنى تۈرلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەتلىك تولۇق كۇرسنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «قوش بىرىنچى دەرىجە» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پەنلەرنى تەسىس قىلىش، تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مەكتەپلەردە تەنتەربىيە پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىمىز. مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىمىز، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئۆتۈش قەدىمىنى تېزلىتىمىز.

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭى تىپتىكى پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىمىز. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسىنىڭ يېڭىچە پەن تەتقىقات تەشكىلىي ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. پەن - تېخنىكا چىقىمىنىڭ ئۇل تەتقىقاتقا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رىقابەتلىك قوللاش بىلەن مۇقىم قوللاش بىرلەشتۈرۈلگەن سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز. پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر تەدبىر بەلگىلەش ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن - تېخنىكا خىراجىتىنى تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى قوللاش سىياسىتى ۋە بازار مۇلازىمىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە ھوقۇق بېرىش ۋە مۈلۈكنى ئايرىم باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز. ئۇقۇمنى دەلىللەش سۇپىسى، ئارىلىق سىناق ئارقىلىق دەلىللەش سۇپىسى ۋە ساھە ئورتاق تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى فوندىنى پەرقلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە تاقەتلىك كاپىتالنى زورايتىشنى تېزلىتىمىز. پەن - تېخنىكىدا ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرىمىز. ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى ۋە ئىختىساسلىقلار سۇپىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى تېز بەرپا قىلىپ، سەرخىل ئىجادچان ئىختىساسلىقلار، نۇقتىلىق ساھەلەر جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، دادىل ئىشلىتىمىز. ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان سانائەت تېخنىك ئىشچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىمىز. چەت ئەللەردىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى قوللاش - كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارغا قارىتىلغان مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرىمىز. ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى بىرلىشىپ تەربىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئىختىساسلىقلارنىڭ رايونلارغا مۇۋاپىق جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىمىز. ئىختىساسلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ باھالاش ئىسلاھاتى ۋە پەن - مائارىپ ساھەسىدىكى «قالپاق»نى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپەت، ئەمەلىي ئۈنۈم، تۆھپە يۆنىلىش قىلىنغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا، كارامىتىنى تەدرىجىي نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز.

(4) بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ جانلىق بازار مۇھىتى بەرپا قىلىمىز.

تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتىمىز. «ئىككى قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يېتەكچىلىكىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بۇرچنى ئادا قىلىشىنى باھالاش تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىمىز. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قانۇن - نىزام ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە ھەقىقىي قوغداپ، شارائىتى بار پۇقراۋى كارخانىلارنى جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىمىز. كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مەنبەدىن تۈزەش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئالاقە قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىمىز. يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز. كارخانىلارغا چېتىشلىق قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان پېچەتلەشنى مەركەزلىك تۈزەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە پايدا كۆزلەش خاراكتېرلىك قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە سىڭدۈرۈپ، ئىللىق مۇلازىمەت ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. ئۇللۇق تۈزۈم - قائىدىلەرنى تېز ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق قىلىش ۋە بازارنى بۆلۈۋېتىشنى تۈگىتىپ، بازار ئىجازىتىدىن چېكىندۈرۈش، ئامىللارنى تەقسىملەش جەھەتلەردە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەيمىز. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىنى يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەردە بازار ئىجازىتى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەردە ئادىل رىقابەتلىشىشكە دائىر يېتەكچى قائىدىنى تۈزۈپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرلىككە كەلگەن تۈزۈمىنى بەرپا قىلىمىز. كارخانىلارنى ئاددىي چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى پائالىيەت قىلغان جايدا ئىستاتىستىكىلاشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرىمىز. بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن قاتناش - تىرانسپورت بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز.

مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. مەركەز تارماقلىرىنىڭ نۆللۈك خامچوت ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، جايلارنىڭ نۆللۈك خامچوت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، چىقىم ئۆلچىمى، نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تۈزۈملەردە پائال يېڭىلىق يارىتىمىز. قىسمەن تۈردىكى مالدىن ئىستېمال بېجى ئېلىش ھالقىسىنى كەينىگە سۈرۈش ھەمدە جايلارغا چۈشۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىكنىڭ خاس مالىيە كۈچىنى ئاشۇرىمىز. باج ئېتىبار سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرىمىز. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جايلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا مالىيە مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مالىيە باقىدىغان خادىملارنىڭ كۆلىمىنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز. پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە ئۆلچەم سىستېمىسى ۋە ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچ زاپىسى ۋە بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. پاي چېكىنى تارقىتىش، بازارغا سېلىش ۋە سېتىۋېلىپ قايتا تەشكىللەش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىمىز ۋە ئەلالاشتۇرىمىز. كۆپ قاتلاملىق زايوم بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز.

(5) يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى پائال مۇقىملاشتۇرىمىز. تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش ۋە بىر تەرەپلىك ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ زاكازنى مۇقىملاشتۇرۇشى، بازارنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىمىز. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، راسچوت قىلىش، تاشقى پېرېۋوت قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتىلاش كۆلىمى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى ۋە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشىنى قوللاشنى كۈچەيتىمىز. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان يەتكۈزمە - ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلدە ئىسكىلات قۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىپ، ئارا مەھسۇلات سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان بازارنى كېڭەيتىمىز. ئىچكى - تاشقى سودىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۆلچەم ئىسپاتى، بازار يولى جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىمىز. مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل مۇلازىمەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېكسپورتىغا ئىلھام بېرىپ، ئەلا مۇلازىمەتنىڭ ئىمپورت دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. يېشىل سودا، رەقەملىك سودا قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ يېڭىچە تاشقىرغاق سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشى، چېگرا سودىسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز. ئىمپورت كۆرگەزمىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى، رەقەملىك سودا يەرمەنكىسى، ئىستېمال يەرمەنكىسى قاتارلىق چوڭ - چوڭ كۆرگەزمە - يەرمەنكىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئۆتكۈزىمىز. ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا زور كۈچ بىلەن ئىلھام بېرىمىز. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالاقە تورى، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېلېگراف، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى ئېچىۋېتىش سىنىقىنى كېڭەيتىمىز. چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەكرار سېلىنمىنى كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھالقىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىنى قوللايمىز. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئامىلغا ئېرىشىش، ساپا ئىجازىتى بېجىرىش، ئۆلچەم بېكىتىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇقراۋى مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى داۋاملىق يارىتىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە دائىر ھوقۇقىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىغا دائىر يادرولۇق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى داۋاملىق يارىتىپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. چوڭ - چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە ئاددىي ھەم گۈزەل خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز. جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇقىم، راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ساغلام، بىخەتەر، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇن، پۇل مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارغا دائىر چەت ئەل ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرىمىز.

كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن 3.0 نۇسخىسىنى ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇپ، «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «تىنچ ئوكيان ھالقىغان ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

(6) نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلايمىز. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ - خەتەرنى تەرەققىيات داۋامىدا تەدرىجىي تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئۆي - زېمىن بازىرىدا باھانىڭ چۈشۈشتىن توختاپ تۇراقلىشىشىغا داۋاملىق كۈچەپ تۈرتكە بولىمىز. شەھەرلەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، چەكلىمە خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى تەڭشەپ ۋە ئازايتىپ، شەھەردىكى كەنت ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، مۇتلەق تۇرالغۇ ئېھتىياجى ۋە ياخشىلىما تۇرالغۇ ئېھتىياجى جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق قوزغايمىز. شەھەرلەرنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسى ۋە يەردىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆي - زېمىن كەسپىگە يېڭىدىن يەر كۆپەيتىپ بېرىشنى مۇۋاپىق تىزگىنلەيمىز. ساقلانما يەر ۋە تىجارەت - ئىشخانا ئۆيلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ساقلانما تاۋار ئۆي سېتىۋېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سېتىۋېلىش سۇبيېكتى، باھاسى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى جەھەتتە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىمىز. كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەكرار قەرز پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئۆي - زېمىن كەسپىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئۆي - زېمىن كارخانىلىرىنىڭ قەرز توختامىغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز. ئالاقىدار ئۇللۇق تۈزۈملەرنى تەرتىپلىك ئورنىتىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئۆلچەم - قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر، راھەت، يېشىل، ئاقىل «ياخشى ئۆي» سېلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز خەۋپ - خەتىرىنى سالماقلىق بىلەن تۈگىتىمىز. تەرەققىي قىلىش داۋامىدا قەرزنى تۈگىتىش، قەرزنى تۈگىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر يۈرۈش قەرز تۈگىتىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھالاش ۋە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قەرز خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى رايونلار تىزىملىكىنى جانلىق تەڭشەپ، يېڭى مەبلەغ سېلىش بوشلۇقى ئېچىشقا مەدەت بېرىمىز. ئىلمىي تۈرگە ئايرىش، دەل جايىدا ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىش ئەھۋالىنى قەتئىي توسىمىز. يەرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش فۇنكسىيەسىنى تېز ئايرىۋېتىپ، بازارلاشتۇرۇش يولى بىلەن تىپنى ئۆزگەرتىش ۋە قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

پۇل مۇئامىلە ساھەسى خەۋپ - خەتىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئالىمىز. بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، جايلاردىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، دەسمايە تولۇقلاش، قوشۇۋېتىپ قايتا تەشكىللەش، بازاردىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، خەۋپ - خەتەرنى تۈرگە ئايرىپ تۈگىتىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى بەلگىلەش ۋە ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەرقلىق، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تارماق ھالقىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە قارىتا يۇقىرى بېسىم، قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلايمىز. ئامانەت پۇل سۇغۇرتا فوندى، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش كاپالەت فوندى قاتارلىق خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش بايلىقىنى تولۇقلايمىز. تاشقى خەۋپ - خەتەر زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدايمىز.

(7) يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز.

ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى سىجىل ئاشۇرىمىز. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقا ئاساسلىق كۈچەيمىز. دادۇرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قازىمىز. پاختا، شېكەر، كاۋچۇك قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، يېمەكلىك بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئاچىمىز. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىمىز. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەسى ۋە زامانىۋى سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېكىنگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئىشلىتىش ۋە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىمىز. ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق سەۋىيەدە ساقلاشقا تۈرتكە بولىمىز. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلىغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش رايونلىرىدا ئۆلكىلەر ئارا توغرا لىنىيەلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغدايمىز. جايلار دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى مۇقىم زىممىسىگە ئېلىپ، تاماق مەسىلىسىنى بىرلىكتە تېخىمۇ پۇختا ھەل قىلىشى كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي بوشاشماي مۇستەھكەملەيمىز ۋە كېڭەيتىمىز. كۆزىتىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» نەتىجىلىرى ۋە ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش ئەھۋالىنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. كۆچۈرۈلگەنلەرنى داۋاملىق يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يار - يۆلەك بولۇش كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تۈرلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار ئارا ھەمكارلىشىش، نۇقتا بەلگىلەپ يار - يۆلەك بولۇش، ئىستېمال ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سېلىنمىسىدىن شەكىللەنگەن مۈلۈكنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. يېزىلاردا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ، نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرگە، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا قاتلام، تۈر بويىچە يار - يۆلەك بولۇش تۈزۈمىنى بىرتۇتاش بەرپا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىنكى يار - يۆلەك بولۇش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

يېزىلارنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىنىقىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ھۆددە يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىمىز. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىمىز. يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىمىز. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، تەمىنات - سودا كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى قاتارلىقلارغا دائىر ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىشنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئورمانلىق ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنت ئۆزگىچە كەسىپلىرىنىڭ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، يېزىلاردا ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى، ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە ياشاش مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ياشاشقا ۋە ئىشلەشكە باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىمىز.

(8) يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىمىز. رايونلار ماس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز.

يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايدا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىمىز. ناھىيە بازارلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت كەمتۈكلۈكىنى تېزدىن تولۇقلاپ، ناھىيە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ يۇغۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. زامانىۋى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بوشلۇق ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى زامانىۋى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەر يېڭىلاش ۋە شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەردىكى تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەرلەرنى قايتا ئېچىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - سۇنى چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېقىلغۇ گاز، سۇ بېرىش - چىقىرىش، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىش ۋە ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. رەقەملىك، ئاقىل ئۇل ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توسالغۇسىز، ياشانغانلارغا لايىقلاشقان يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ياشاشقا باب، ئەۋرىشىم، ئاقىل شەھەر بەرپا قىلىمىز.

رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىمىز. رايون ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايون زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەستىلەنمە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى پائال يېتىلدۈرىمىز. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايوننى تېز يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايوننىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىمىز. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا، خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولىمىز. ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ يۈكنىڭ ئېغىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئامىل كاپالىتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىشىغا مەدەت بېرىمىز. باشقا رايونلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىشىغا ئىلھام بېرىمىز. شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىمىز. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرتىپلىك، پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىنى قوللاپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇپ چېگرانى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىمىز. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز. دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىمىز.

(9) كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىمىز. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىمىز.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭى بۇلغىمىنى ھەمكارلىشىپ تۈزەش ۋە مۇھىت خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلار بويىچە ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك جېڭىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا دائىر چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىمىز. ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى رېئاللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. گۈزەل جۇڭگو باشلامچى رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىتقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىيات ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىمىز. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىلغار تېخنىكا ئۈلگە قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېشىل ئىمارەت، يېشىل ئېنېرگىيە، يېشىل قاتناش قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرىمىز. بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تېجەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، سۇ ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلاردا ئېنېرگىيە، سۇ تېجەشنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى تۈرلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك باشقۇرىمىز ۋە تىزگىنلەيمىز. تاشلاندۇقلاردىن ئايلانما پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي ماتېرىيال ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرىمىز، ئايلانما ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېشىل ئىستېمالنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەتنىڭ 2 - تۈركۈمدە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش سىنىقىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم نۆل كاربونلۇق باغچە رايونى، نۆل كاربونلۇق زاۋۇتلارنى قۇرۇپ چىقىمىز. كاربون چىقىرىشنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە كاربون چىقىرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنىڭ ساھەلەرنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. كاربون چىقىرىشنى ئىستاتىستىكا قىلىش، ھېسابلاشنى قانات يايدۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ كاربون ئىزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، كاربون بەلگىسىنى دەلىللەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېشىل سودا توسۇقىغا پائال تاقابىل تۇرىمىز. «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دېڭىز شامال ئېلېكتىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىدا ئىشلىتىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز. كۆمۈر ئېلېكتىرىنى تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىش سىنىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرىمىز. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا دائىر بىر قاتار چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى پىلانلاپ، يەرشارى مۇھىتى ۋە كىلىماتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

(10) خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىش − خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مەبلەغ، بايلىقنىڭ بىرتۇتاش مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پۇل قايتۇرۇش، باج - ھەقنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تولۇق، ياخشى يۈرگۈزىمىز. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، يېڭى تېخنىكا قوللىنىش بىلەن ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ ياشلىقلار، مېيىپلەر، ئۇزاقراق ئىشسىز قالغانلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەرگە يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىمىز. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي زەخمەت كاپالىتى سىنىقىنى كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئەھۋاللىرىنى ئېنىقلاپ ۋە تۈزەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى تۈرلۈك كەمسىتىشلەرنى قەتئىي تۈزىتىمىز. كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش بويىچە كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىككە ماھارەتلىك، قىس ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يەتكۈزۈپ بېرىمىز. ماھارەت يۆنىلىش قىلىنغان ئىش ھەققى تەقسىمات تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ ئىشلىگەنلەرنى كۆپ ھەق ئېلىش، يۇقىرى ماھارەتلىكلەرنى كۆپ ھەق ئېلىش ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنى كۆپ ھەق ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئاساسىي داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. ساغلاملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تېبابەت - دورىگەرلىكنى ماس راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاممىۋى پاراۋانلىق يۆنىلىش قىلىنغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشتاتنى جانلىق تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى يېتەكچى قىلىنغان ھەق ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىش ھەققى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئۈنۈمنى باھالاشنى ئەلالاشتۇرىمىز، كېسەلخانا ۋە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى بىمارلارنى مەركەز قىلىپ داۋاملىق ياخشىلايمىز. ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى، تۆۋەنگە يۈزلىنىشى ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. پەرۋىش، بالىلار بۆلۈمى، پاتولوگىيە، ئۇنىۋېرسال بۆلۈم، ياشانغانلار تېبابىتى بويىچە كەسپىي قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دورا ۋە دورا خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دورا سۈپىتىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ خاتىرجەم دورا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. دورا باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجادىي دورا مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ، ئىجادىي دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرى ۋە كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەيمىز. ئاھالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى ساغلاملىق مۇلازىمىتى خىراجىتى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 يۈەن ۋە 5 يۈەن ئۆستۈرىمىز. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بىرتۇتاش غەملەشكە پۇختا قەدەمدە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى غەملەش ۋە تەمىناتىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دورا خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ھەربىر پۇڭ پۇلنىمۇ خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىمىز.

ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەر - يېزا ئاھالىسى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى يەنە 20 يۈەن ئۆستۈرىمىز، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىمىز. 3 - تۈۋرۈكلۈك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنى ياخشى يولغا قويىمىز. ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرىدىغان سىياسەت - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاق باشلار ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. ئاقىل كۈتۈنۈشنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. مەھەللە قوللاش ئاساسىدىكى ياشانغانلار ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلار غىزالىنىش مۇلازىمىتى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوشۇمچە سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىجارىگە بېرىش ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىمىز. تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈپ، بالا بېقىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، يەسلى بىلەن بالىلار باغچىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىمىز. قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا يولغا قويىمىز. ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا ئېتىبار - نەپىقە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلار، بىللە كۆچكەن بالىلار ۋە ئۆيدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. ئېغىر مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنى جانلىق كۆزىتىش ۋە دائىملىق قۇتقۇزۇش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، قاتلام، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە دائىر تۈزۈم - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى ۋە پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئارخىپ قاتارلىق ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز. تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىمىز. مەدەنىيەت كەسىپلىرى سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش سەۋىيەسى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. ماھارەت تەنتەربىيەسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 12 - نۆۋەتلىك دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ئىقتىسادىنى پائال راۋاجلاندۇرىمىز. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى تەنھەرىكەت مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىشنى كۈچەيتىپ، ياش ئەۋلادلارنى ھەرىكەت داۋامىدا ئىرادىسىنى كۈچەيتىش، جىسمانىي - روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئاساسى ۋە كۈچىنى ئاشۇرىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسىمىز. يېمەكلىك - دورىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار تامىقى، سۇپا زاكاز تامىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتىمىز. مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. كەلكۈن، ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق، تەيفېڭ بورىنى، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى، گىيوئاپەت، يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. شىزاڭ دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئۆي، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىدامچانلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - بازار، كوچا باشقارمىلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچلىرىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئاممىۋى پاراۋانلىق - خەيرىيەت ئىشلىرى قاتارلىقلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز ۋە مەدەت بېرىمىز. ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ساھە تەلەپچانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، ئاساسىي قاتلام ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ۋە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىمىز، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىمىز. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە قولايلىقىنى ئاشۇرىمىز. ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە پىسخىكىلىق كىرىزىسقا تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، غۇرۇرىنى ساقلايدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، تەمكىن ئىش قىلىدىغان، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرىمىز. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا - رەزىل كۈچلەرگە، تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

بۇ يىل «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات نىشانىنى ئىلمىي بېكىتىپ، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، زور سىياسەت - تەدبىر، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ياخشى پىلانلاپ، يىرىك پىلاننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يول باشلاش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ھۆكۈمەت خىزمىتىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. قەتئىي تۈردە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپاراتلىرى، فۇنكسىيەسى، ھوقۇق چېكى، تەرتىپى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىشىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زور تەدبىرلەر، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مەمۇرىي ئىشلارنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىز كېرەك. قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل ۋە مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقى جەھەتتىكى ئۆلچەم تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان تۈزۈم - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، قانۇنچىللىقنى قەتئىي يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەمۇرىيەت ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، يېتەكلەش خاراكتېرى، قوزغىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان خىزمەت تۇتقىسى ۋە ۋاسىتىسىنى پىلانلاپ، ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش»تىن ئىبارەت نۇقتىلىق ئىشلارنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان بىر گەۋدىلەشكەن مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى تور سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئوڭ يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىناش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن كۆپ تارماق تەكرار تەكشۈرىدىغان، كۆرسەتكۈچى چۇۋالچاق، ئۇسۇلى مۇرەككەپ بولغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى ھەقىقىي تۈردە ئازايتىپ، كەڭ كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئەمەلىي ئىش قىلىشقا قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پۇختا، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يارىتىشى كېرەك.

بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. چياۋمىنلار خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىرلىكتە شانلىق نەتىجە يارىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى بىر يىلدا، بىز شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئۇرۇش قىلىش كۈچىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنداپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەرەققىياتىغا دائىر چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتلارنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ سىستېمىسى ۋە جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم بولغان ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، خەلقئارا ئالاقە - ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز.

بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىمىز، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرىمىز، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقە - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىمىز، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز.

بىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىمىز، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىمىز، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويىمىز، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا، ھەرقانداق شەكىلدىكى يەككە تەرەپچىلىككە، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىمىز، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايمىز. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك ئاساستا كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، سىغدۇرۇشچانلىق ئاساسىدا دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

ۋەكىللەر! ئىشەنچ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئەمەلىي ئىشلەشتىن ئۇلۇغ سەھىپە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ تولۇق ئورۇندىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(تەرجىمىسىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)