يىللىق دەم ئېلىش، بالا بېقىش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى!

2025-03-19 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. ھەرىكەت لايىھەسىدە سەككىز جەھەتتىكى 30 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، بۇ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قوللاش ھەرىكىتى، مۇلازىمەن ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش، ئەلالاشتۇرۇش ھەرىكىتى، مەدەت بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ھەرىكەت لايىھەسىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ «ياشانغانلار ۋە بالىلار» مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، قار-مۇز ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرادىن كىرىش ئىستېمالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۇرالغۇ ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئىستېمال زەنجىرىنى ئۇزارتىش كېرەك.

  دەم ئېلىش-ئارام ئېلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، ھەرىكەت لايىھەسىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش بىلەن قىسقا دەم ئېلىشنى قوشۇپ ئۇلاپ دەم ئېلىشقا ئىلھام بېرىش، ئېلاستىكلىق ھالدا يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي دەم ئېلىشنىئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش-ئارام ئېلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولمايدۇ. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئەتىيازلىق، كۈزلۈك دەم ئېلىش تەسىس قىلىش توغرىسىدا ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  بالا بېقىش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىش كېرەك، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسلارنىڭ شەھەر-بازارلارغا ساپ ئېقىپ كىرىشى بويىچە مائارىپ بايلىقى تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك... ھەرىكەت لايىھەسىدە دىققەت پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان داۋالاش، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىك بېقىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سىياسەت مەدىتى بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقرالارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ئازايتىش مەقسەت قىلىندى.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى