بەختلىك تۇرمۇش گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلدى

2025-03-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجوۋ ۋە يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، جۇ سىشيۇڭ

نۆۋەتچى پويىز ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان غەربىي جەنۇبىدىكى ئېگىز تاغ چوققىلىرى ئارىسىدا ئۇچقاندەك يۈرمەكتە، بۇ يەردە ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تاغ - دەريالار بار، مول تارىخ بار، يارقىن مەدەنىيەت بار، گۈللەپ ياشناۋاتقان تەرەققىيات بار.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ يېپىلغىنىغا بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ۋە يۈننەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بەش يىل ئىلگىرى، «13 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىلى يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ» دەپ تەلەپ قىلغانىدى. تۆت يىل ئىلگىرى، «14 - بەش يىل» باشلانغان يىلى گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەتنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ» دەپ جاكارلىغانىدى.

دەۋر داۋاملىق كۈرەش قىلىش جەريانىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، «14 - بەش يىل» پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، «15 - بەش يىل» پىلانلانماقتا.

«گۈزەل گۇيجوۋ»دىن «رەڭدار يۈننەن»گىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇڭجەيگە بېرىپ گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا پاراڭلاشتى، قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلىپ كەسىپلەرنى كۆردى، يول بويى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مۇھىم سۆز قىلىپ، يۈننەن - گۇيجوۋ تۇپرىقىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى سالاپىتىنى نامايان قىلىشقا يېتەكلىدى.

(1) دۇڭجەيگە بېرىپ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا پاراڭلاشتى − «كۈنلىرىڭلارنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن»

گۇيجوۋدىكى لىپىڭ ناھىيەسى جاۋشىڭ دۇڭجەينىڭ «دۇڭشياڭدىكى بىرىنچى كەنت» دېگەن نامى بار. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، دۇڭزۇلار بۇ يەردە ئەۋلادمۇئەۋلاد خاتىرجەم ماكانلىشىپ كەلدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلدى.

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ مۇنداق دېدى: «گۇيجوۋغا كۆپ قېتىم كەلدىم، چيەندۇڭنەن تەرەپكە تېخى كېلىپ باقمىغانىدىم، بۇ قېتىم دۇڭزۇ يۇرتداشلارنى يوقلىغىلى كەلدىم».

باش شۇجى كەنت ئېغىزىدىكى سۇپىغا كەلگەندە، دۇڭشياڭنىڭ خاتىرجەملىككە، ئىناقلىققا چۆمگەن گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىدا نامايان بولدى: تۆت ئەتراپى ياپيېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، ئېتىز قىرىدا قىچىلار چېچەكلىگەن بولۇپ، دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ كۆك كاھىشلىق ياغاچ ئۆيلىرى رەت - رەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

ناخشا - مۇزىكا ساداسى دۇڭجەي دەرۋازىسى تەرەپتىن ئاڭلاندى. چىرايلىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيگەن دۇڭزۇ يۇرتداشلار قومۇش نەي چېلىپ، نيۇتۇيچىن سازىنى چېلىپ، قىزغىن دۇڭزۇ خەلق ناخشىسىنى ئېيتىپ، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

«كاككۇكنىڭ باھارنى چىللىشى» ناملىق لەرزان، مۇڭلۇق ناخشا خۇددى كاككۇكنىڭ سايرىغان ئاۋازىدەك ۋاقتى - قەرەلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. باش شۇجى دۇڭزۇ خەلق ناخشىلىرىنىڭ بەدىئىي مەنبەسى، ئاھاڭ ئالاھىدىلىكى، ئېيتىش شەكلى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئارىلاپ سورىدى.

گۈزەل تاغ - دەريالار مۇنبەت ئېتىزلاردىكى خۇش پۇراق شاللارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

«سىلەرنىڭ بۇ يەرنىڭ ئاشلىقى ئۆزۈڭلارنى قامداشقا يېتەمدۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«يېتىدۇ، ھەممىسى سۇلۇق ئېتىز. بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ شياڭخې نومى گۈرۈچىنىڭ نامى يىراق - يېقىنغا داڭلىق» دەپ جاۋاب بەردى كەنت ياچېيكا شۇجىسى.

دۇڭزۇ مەدەنىيىتى كۆرگەزمە مەركىزى يېزىق، سۈرەت ۋە ئەمەلىي بۇيۇم مودېلى قاتارلىقلار ئارقىلىق دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ خاس مەدەنىيىتىنى يىغىنچاقلىغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ تارىخى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە كىيىم - كېچىكى، زىبۇ - زىننىتى، بىناكارلىقى قاتارلىق خاس مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ ئىگىلىدى.

كەنت ياچېيكا شۇجىسى ئالدى بىلەن دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ خاس كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلىرىنى تونۇشتۇردى، بۇلار بىر يىڭنە، بىر يىپ بىلەن نەپىس ئىشلەنگەن، رەڭلىرى ئوچۇق ئىدى، «بۇ <بىر باشلىق ئۈچ تەنلىك بېلىق سۈرىتى> دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ خاسلىقى بولۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىققا سىمۋول قىلىنغان».

«مەنىسى ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى قۇتلۇق ئىكەن، خۇددى بەش ئۆچكىنىڭ خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشى دېگەنگە ئوخشاش. دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ناھايىتى قەدىمىي ھەم ناھايىتى مودا ئىكەن» دېدى باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ.

«پەلەككە تاقاشقان گۇلوۋ راۋىقىغا مىخ كەتمەيدۇ، لەمپىلىرى ئاي - يۇلتۇزغا تۇتىشىدۇ» كۆرگەزمە زالىنىڭ تېمىغا دۇڭزۇلارنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى گۈزەل مىسرالار بىلەن سۈرەتلەپ بېرىلگەنىدى. باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن».

گۇلوۋ راۋىقى، فېڭيۈ راۋىقى، دياۋجياۋ راۋىقى، خۇاچياۋ كۆۋرۈكى قاتارلىق ئەمەلىي بۇيۇم مودېللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «دىپىڭ فېڭيۈ كۆۋرۈكى ناھايىتى كۆركەم ئىكەن» دېدى؛ دۇڭزۇ تىياتىرىنى قانداق ئېيتىشنى سورىدى، كىلاسسىك تىياتىر «جۇلاڭ ۋە نياڭمېي»نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھېكايىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى؛ قومۇش نەي، دۇڭزۇ نېيى، باربىت، نيۇتۇي غېجىكى، ماڭتۇڭ قاتارلىق چالغۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىدى... باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دۇڭزۇ مىللىتى مەدەنىيىتى ناھايىتى مول ئىكەن».

دۇڭجەينىڭ ئاساسىي يولىدا شىنتۇەن گۇلوۋ راۋىقى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ قوش لەمپىلىك مۇنارسىمان شەكىلدىكى بۇ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى دۇڭشياڭلىقلارنىڭ يىغىلىش، كېڭىشىش سورۇنى.

گۇلوۋ راۋىقى ئىچىدىكى ئوتدان ئەتراپىغا بىرنەچچە ئۇزۇن ياغاچ ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى.

«كۆپچىلىك ئازادە سۆزلەڭلار، بىز مۇڭدىشايلى.» سەمىمىي سۆزلەر كۆپچىلىككە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

2 - قېتىم كەنتتە تۇرۇشقا كەلگەن 1 - شۇجى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى قېتىم كەنتتە تۇرغان ۋاقتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى مەزگىلى ئىدى، ھازىرقى ۋەزىپە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن.

باش شۇجى جاۋابەن مۇنداق دېدى: «1 - شۇجى تۈزۈمىدە يەنىلا چىڭ تۇرۇش كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى ئوخشاشلا مۈشكۈل، بۇ جەھەتتە يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ».

پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مۇنداق بىلدۈردى: پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىرادەمدىن قايتماي، كەنتكە قايتىپ چامىمنىڭ يېتىشىچە ئىشلارنى قىلىپ، زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىشقا دائىر بەزى خىزمەتلەرنى ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلىدىم.

باش شۇجى بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى: «بۇمۇ يېڭى دەۋردىكى <فېڭچياۋ تەجرىبىسى>نىڭ بىر خىل ئىپادىسى. زىددىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك».

ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ئىگىسى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە يۇرتىنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى باشلامچى بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنى كۆكتات، مېۋە - چېۋە، چوشقا، كالا، قوي گۆشلىرى بىلەن تەمىنلەپ، بۇلتۇر سېتىش سوممىسىنى 4 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى؛ دۇڭزۇ مىللىتى چالغۇلىرىنى ياسايدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى باھار بايرىمىدىن ھازىرغىچە زاكاز تالونىنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقىنى، ئىشىك ئالدىدىلا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى، يەنە ياشانغانلار ۋە بالىلارغا ھەمراھ بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى...

كۈلكە سادالىرىدا دۇڭجەي يېزا - كەنتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«كەنتتىكىلەردىن سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار يەنە كۆپمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«پۈتۈن كەنتتە 5000دىن ئارتۇق ئادەم بار، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار ئاران 500 ئەتراپىدا، كۆپ قىسمى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى» دەپ جاۋاب بەردى كەنت ياچېيكا شۇجىسى.

«بۇ ئەھۋال كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەر ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭلار. سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلاردىن، سىلەرنىڭ روھىي ھالىتىڭلاردىن كەنتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ».

«ھازىر ساياھەت ناھايىتى چوڭ كەسىپ، يېزا - كەنت ساياھىتى قالتىس قىزىپ كەتتى. قانداق قىلغاندا ساياھەتنى ياخشى تۇتقىلى بولىدۇ؟ ئۆز خاسلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز، باشقىلاردا يوق بىزدە بار نەرسىلەرنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى جانلىق بايان قىلىپ بەردى. «دياۋجياۋ راۋىقى، قەدىمىي كەنت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چالغۇلىرى، دۇڭزۇ مىللىتى خەلق ناخشىلىرى، موم بىلەن گۈل بېسىش ھۈنەر - سەنئىتىدىن ئىبارەت بۇ مىللەت خاسلىقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش داۋامىدا ئۇنىڭ نۇرىنى تېخىمۇ ياخشى جۇلالاندۇرۇش كېرەك. كۈنلىرىڭلارنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!»

گۇلوۋ راۋىقىدىن چىققاندا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە چۆرىدىشىپ كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ناھايىتى ياخشى كەيپىيات يارىتىپسىلەر، شۇنچە روھلۇق ۋە تېتىك كۆرۈنىدىكەنسىلەر، دۇڭزۇ خەلقى ئاددىي - ساددا، ئىشچان، مەدەنىيەتلىك، ئەقىل - پاراسەتلىك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، يۇرتداشلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ۋە ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

«گۈزەل دۇڭجەي، سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل، مەنزىسى گۈزەل. گۇلوۋ راۋىقى ئاستىدا ئېيتىمىز ناخشا، مىڭ يىللىق دۇڭزۇ ناخشىسىنى ئېيتىپ پارتىيەنى كۈيلەيمىز، پارتىيەنى كۈيلەيمىز. يالويالويې، يالويې، يالويې...»

دۇڭشياڭ خەلقى باش شۇجىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «دۇڭزۇ ناخشىسى ئېيتىپ پارتىيەنى كۈيلەيمىز» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى. باش شۇجى توختىماي يۇرتداشلارغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.

يېقىملىق تەبەسسۇم چېھىرلەردە جىلۋىلەندى؛ بەخت ناخشىسى كەنت ئارىسىدا ياڭرىدى.

(2) قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلىپ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلدى − «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»

باھاردىكى بىر مەيدان قار 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە يۈننەن لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىنى تېخىمۇ قەدىمىي، كۆركەم تۈسكە كىرگۈزدى.

سۈپسۈزۈك ئېقىن سۇ قارلىق تاغدىن ئېقىپ چۈشۈپ، شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن سانسىزلىغان تارماق ئېقىنلارغا بۆلۈنۈپ كوچىلارنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ، ناشى مىللىتىنىڭ قاتار - قاتار تۇرالغۇلىرى تاغنى بويلاپ سېلىنغان، دەرياغا يانداش بولۇپ، رەتلىك گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ يەرگە كەلگەندە، پۈتۈن قەدىمىي شەھەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

ساياھەتچىلەر باش شۇجىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدى ھەم خۇشال بولدى، ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

«سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار، قانداق كەلدىڭلار؟» «كەلگىلى قانچە كۈن بولدى، قانچىلىك تۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟» «قانداق ئۆزگىچە تائاملارغا ئېغىز تەگدىڭلار؟» «سىلەر كىيگەن مىللىيچە كىيىم بەك چىرايلىق ئىكەن»... باش شۇجى يول بويى كۆپچىلىك بىلەن سالاملاشتى. زىچ كەتكەن كوچىلاردا ئالقىش سادالىرى، كۈلكە سادالىرى، تەنتەنە سادالىرى توختىماي ياڭرىدى.

كىچىك تاش كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، باش شۇجى گىرانت تاش ياتقۇزۇلغان يولنى بويلاپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

يۈننەن، سىچۇەن، شىزاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان لىجياڭدىن ئىبارەت بۇ «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» ئەينى يىللاردىكى چايچىلار قەدىمىي يولىنىڭ ئاۋاتلىقىغا گۇۋاھ بولغان، بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش كۈچلۈك دولقۇنىدا پارلاق نۇر چاچماقتا.

خاس يەرلىك قورۇما ئاشخانىسى، قوتاز گۆشى خوگوخانىسى، كىچىك پۇرچاقلىق قەھۋە دۇكىنى، پۇئېر چاي دۇكىنى، دۇڭبا قەغەزچىلىك ھۈنەرخانىسى، ۋاڭخۇڭ كىتابخانا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كۈمۈش زىبۇ - زىننەت دۇكىنى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى تاۋارلىرى دۇكىنى، يەنە ساياھەت فوتو سۈرەت دۇكىنى... دۇكانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى. سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، بارغانلا جاي بىر گۈزەل مەنزىرە ئىدى.

«بۇ دۇكاننىڭ ئورنى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدۇق» «تاماق تىزىملىكىڭلارنى كۆرۈپ باقاي» «يۈننەن قەھۋەسى يەنىلا جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدۇ»... باش شۇجى پات - پات تىجارەتچىلەر، دۇكان ئىگىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى كۆپ كىشى يۈننەنگە كەلدى، لىجياڭغا كەلدى، قەدىمىي شەھەرگە كېلىپ داكا قىلىش بىلەن بىللە يەنە، بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىشنى تاللىدى، «يۈننەنچە تۇرمۇش دەيدىغان بىر خىل تۇرمۇش»نى ھېس قىلدى. 2024 - يىلى، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىغا كىرگەن ساياھەتچى 22 مىليون 170 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى لىجياڭ ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «لىجياڭ ساياھەت بىلەن داڭ چىقارغان، بۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتى، مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ، يەنە بۇ يەردىكى ئىمارەتلەر، كىچىك كۆۋرۈكلەر ئاستىدا ئېقىن سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان مۇھىتمۇ كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، كۆپچىلىك كەلگەندىن كېيىن، ھەممىسى ياخشى تەسىرات ئالىدۇ».

مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى، ئۆزئارا ئىلگىرىلىشى توغرىسىدا باش شۇجى چوڭقۇر ئويلاندى: «ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقى»دىن ئىبارەت مۇھىم تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش»نى يەنىمۇ تەكىتلەشكىچە، مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چوڭقۇر ئۇل ۋە ئۇزاق تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى سىجىل، ساغلام تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك».

مۇشى قەسىرى لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت يەر بەلگىسى بولۇپ، 400 يىلدىن ئارتۇق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىغا گۇۋاھ بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشى قەسىرىدىكى ئاساسلىق ئىمارەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ناشى مىللىتىنىڭ دۇڭبا مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

مۇشى قەسىرىدە، ناشىلىقلارنىڭ مەدەنىيەتنى قەدىرلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار: مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان ئىشىك تاختىسىغا «يامغۇر بارلىق شەيئىلەرنى ياشارتىدۇ» دېگەن چوڭ خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، «تەبىئەتنىڭ شىپالىق يامغۇر سۈيى پۇقرالارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ناشى تىلىدا ئۇنىڭ «ئوقۇشقا بارايلى» دېگەن يەنە بىر قاتلام مەنىسى بار. بۇ، شۇ جاينىڭ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىشتىكى ھېكمەتلىك سۆزگە ئايلانغان.

ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇزاق تارىخىي ئېقىننىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشىدىن ھاسىل بولغان. ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئاساسىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مۇشى قەسىرىدەك بۇنداق مۇھىم مەدەنىيەت يەر بەلگىلىرىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئاڭلىق مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

«和» فامىلىسى ناشى مىللىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان فامىلە. «和» خېتى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بىردەكلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

لىجياڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرگە مۇنداق دېدى: «لىجياڭ ياخشى جاي، چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم، خۇددى ناشى مىللىتىدە كەڭ تارقالغان فامىلە <和> فامىلىسىگە ئوخشاش ئىناق، گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

(3) كەسىپنى كۆرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى − «كوزىرنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك»

ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك دۇڭزۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مەدەنىيەتنى ئىشىك ئالدىدىكى كەسىپكە ئايلاندۇردى.

جاۋشىڭ دۇڭجەيدىكى دۇڭشياڭ خاس كەسىپلەر بازىسىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى سېرىق مومنى سىياھ، موم پىچاقنى قەلەم قىلىپ، ماتاغا نەپىس نەقىشلەرنى سىزماقتا ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ زور قىزىقىش بىلەن كامالەتكە يەتكەن ھۈنەر - سەنئەت ۋە ھەر خىل موم بىلەن گۈل بېسىش مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا «ھۈنەرنى كىچىكىڭىزدىن ئۆگەنگەنمۇ» «مەھسۇلاتىڭىز ئالقىشقا ئېرىشتىمۇ» «ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا قانچە ئەزا بار» «ئۆزىڭىزنىڭ ماركىسى بارمۇ» دەپ سورىدى.

بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنتتىكى 200دىن ئارتۇق ئايالنى مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، 2024 - يىلى مەھسۇلات قىممىتى 18 مىليون يۈەنگە يەتتى.

يېزا كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ پۇقرانى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئاممىنىڭ خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىغا قولاي بولغان يول ۋە ئۇسۇللارنى تېپىپ، مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات پايدىسىدىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيجوۋنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، 2024 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باش شۇجى يەنە گۇيجوۋنىڭ «كەنت دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى»نى مەخسۇس تىلغا ئالدى.

«گۇيجوۋنىڭ <كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى>، <كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى>دىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئامما ئارىسىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، چوقۇم ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يېتىشتۈرۈش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك».

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم يول.

يۈننەن ئۆزگىچە تۆۋەن كەڭلىك، دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكى جۇغراپىيەلىك ھاۋا كىلىماتىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا ئېتىراپ قىلغان شەكىل چىقىرىدىغان يېڭى گۈل ئۆستۈرۈشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۈچ چوڭ رايوننىڭ بىرى. بۈگۈنكى كۈندە، گۈزەل يۈننەندە، گۈل ئېتىزىدىن گۈل كوچىسىغىچە، ئاندىن گۈل بازىرىغىچە، «يۈننەن گۈلى» كەسپى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

لىجياڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدا، ئېگىز تاغ باغرىدا، بىپايان مۇنبەت دالادا، كۆز يەتكۈسىز گۈزەل گۈل دېڭىزى شەكىللەنگەنىدى. 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن لىجياڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن لىجياڭ زامانىۋى گۈل - گىياھ كەسىپ باغچىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

كەسىپلەر باغچىسى كۆرگەزمە زالىدا، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار باش شۇجىغا دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى: 2024 - يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1 مىليون 950 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شەكىل چىقىرىدىغان يېڭى گۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 350 مىڭ مو، مەھسۇلات مىقدارى 20 مىليارد 600 مىليون تال بولۇپ، بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

كۆرگەزمە سۇپىسىدا ھەر خىل ئەتىرگۈل، ماتىليەن گۈلىدىن ئىبارەت شەكىل چىقىرىدىغان يېڭى گۈل سورتلىرى قاتار تىزىلغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماڭغاچ كۆرۈپ، سورتى، باھاسى، قايسىلىرىنىڭ بازاردا قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىر - بىرلەپ سورىدى.

كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تېخنىك خادىمى مۇنداق تونۇشتۇردى: «ھازىر نۇرغۇن ئىستېمالچى سۇس رەڭلىك ئەتىرگۈلنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ ياشلار. يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئەتىرگۈلنىڭ لوڭقىدا ساقلىنىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 45 كۈنگە يېتىدۇ، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلۇپ، ئەتىگەندە تارقىتىلىپ، كەچتە يەتكۈزۈلىدۇ».

بۈگۈنكى كۈندە، يۈننەننىڭ گۈل - گىياھ كەسپى ھەر يىلى 190 مىڭ ئائىلىلىك گۈل ئۆستۈرگۈچى دېھقاننىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى، يېتەكچىلىك قىلدى. «گۈزەل كەسىپ» ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان «بەخت كەسپى»گە ئايلانماقتا.

ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە تېخنىك خادىملار بۇ يەردە ئىشلەۋاتاتتى.

«ھەممىڭلارنىڭ ئۆيى مۇشۇ ئەتراپتىمۇ؟» باش شۇجى كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

«ئۆيىمىزگە ناھايىتى يېقىن، چۈشتە ئۆيگە قايتىپ تاماق يەپ، ئارام ئالالايمىز، پۇل تېپىشىمىز ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ھېچقايسىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ».

«كىرىمىڭلار قانداقراق؟»

«ھازىر بىر ئايدا 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئاۋات پەسىلدە 7000 يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدۇ».

«بۇ يەردە گۈل ئۆستۈرۈپ، كەيپىياتىڭلار ناھايىتى ياخشىدۇ؟»

«بىز گۈل دېڭىزىدا بەكلا خۇشال ئىشلەيمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ بۇ كەسپىڭلار ناھايىتى گۈللىنىپتۇ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. تۇرمۇشۇڭلارنىڭ گۈلدەك گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!»

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلات يىغىنىدا، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېزا ئىگىلىكىنى يۈننەننىڭ «ئۆزەك» كەسپى قىلىپ تۇتۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.

«ئېگىزلىك خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى يۈننەننىڭ خاس كەسپى، بۇ سىلەرنىڭ يەر شەكلىڭلار، يەر تۈزۈلۈشىڭلار، كىلىمات شارائىتىڭلار ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتىڭلار ئارقىلىق شەكىللەنگەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «يۈننەننىڭ يەرلىك چېيى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەينى يىللاردىلا چايچىلار قەدىمىي يولى ئىدى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، كىچىك پۇرچاقلىق قەھۋە ناھايىتى ئىچىشلىك، يەنە كاۋچۇك ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون، ئىسسىق بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغنىڭ مېۋىلىرى، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلىرى بار... بۇ خاس مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ كوزىرىڭلار، كوزىرنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

باش شۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقايسى جايلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئاساسىي شارائىتى قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئۆز خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك».

(4) خىزمەتنى تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش − «كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىش كېرەك»

گۇيجوۋ بىلەن يۈننەن ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى بىرقەدەر ئېغىر ئۆلكىلەر ئىدى، شۇ يىلىدىكى مەملىكەت بويىچە 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوننىڭ تۆتى يۈننەن ۋە گۇيجوۋدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىدە ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قانداق مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، «ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا».

تەكشۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ خىزمىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تۇتۇشقا يۈزلەندى، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ يېزىلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، يېزا خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش جەزمەن پولاتتەك مۇستەھكەم بولۇشى، ھەرگىز كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش ئەھۋالى يۈزبەرمەسلىكى كېرەك. ئاچقۇچلۇقى، بۇ ئىشلارنى ئەمەلىي ئىشلەپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك».

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىنكى بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئۆتكۈنچى مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسلارغا يەنە ياردەم قىلىپ، بىرتۇتاش تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، تۈرگە ئايرىپ يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك».

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىدىن ئىبارەت بىر ئۇرۇق بېسىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت پۈتۈن شاھمات جانلاندۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسى»غا ئايلاندى.

«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان قارارلارنىڭ قايسى بىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلمىدى؟ بىز نېمىنىلا تۇتساق تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ ماڭدۇق».

گۇيجوۋ ۋە يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىشىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى تىلغا ئالدى: «بۇ يىللاردا، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ھەقىقەتەن تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى، كەيپىيات يېڭىلاندى، ئىلگىرىكى ھەل قىلىش قىيىن بولغان ئەھۋاللارنىڭ كۆپ قىسمى تۈگىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بەزى جايلاردا بوشاڭلىق كۆرۈلدى، بەزى جەھەتلەردە يەنىلا قاراڭغۇ رايون، ئۆلۈك بۇلۇڭ مەۋجۇت، بەزى ناچار كەيپىياتلار قايتا باش كۆتۈردى. مىخ قېقىش ئەمەسمۇ، يەنە بىرنەچچە قېتىم قېقىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ياخشى ئىستىلنى ياخشى كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك».

باش شۇجى ئالاھىدە مۇنداق تاپىلىدى: «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاددىي، ئەمەلىي ھالدا ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللىشى، شەكىلۋازلىق قىلماسلىقى كېرەك، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىدە دەل شەكىلۋازلىقنىڭ ئۆزىگە قارشى تۇرۇلىدۇ».

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

90 يىل ئىلگىرى، غەربىي جەنۇبتىكى تاغ - دەريالار ئارىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە قانلىق كۈرەش سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھايات - ماماتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇڭداۋدا ئەسكەر يۆتكەشتىن لىپىڭ يىغىنىغىچە، خوۋچاڭ يىغىنىدىن زۇنيى يىغىنىغىچە بۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھاياتلىق يولى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاياتلىق يولى، بۇ چوغ ساقلىنىپ قالغاچقا، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بار بولدى. ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە زۇنيى يىغىنى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك».

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندە، چوقۇم ھەر مىللەت ئاممىنى چىرايلىق گۈللەر ئېگىزلىكتە پورەكلەپ ئېچىلغاندەك، يېقىملىق ناخشا ساداسى تاغ جىلغىسىدا ياڭرىغاندەك بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ\كۇنمىڭ، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)