مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى پۈتۈن زەنجىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2025-03-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى پۈتۈن زەنجىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

«پىكىر»دە يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ماسلىشىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك تىجارىتى قىلىش ئىجازىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، يېمەكلىك ساقلاشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش، يېمەكلىك تىرانسپورتىنى ماسلىشىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش، يېمەكلىك ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇش، توردا يېمەكلىك سېتىش يېڭى كەسىپ ھالىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىمپورت يېمەكلىك خەۋپ - خەتىرى بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ھەم ئۇنىڭ ئىشخانىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى تېخنىكا بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ پۈتۈن زەنجىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. چوڭ - چوڭ ئىشلار توغرىسىدا ۋاقتىدا، تەرتىپ بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىن يوليورۇق سورىشى ۋە دوكلات قىلىشى كېرەك.