​ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2025-03-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


 لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى

ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى» ئېلان قىلىندى

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسىگوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى، 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام» جەمئىي بەش باب، 37 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇن تۆۋەندىكىچە.

بىرىنچى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دۆلەت ۋە يەرلىك قاتلىمىدىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار، شۇنداقلا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش - تىرانسپورت، سۇچىلىق، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى تەپسىلىي بەلگىلەندى. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىككىنچى، پۇل بېرىش جاۋابكارلىقى كۈچەيتىلدى. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پۇل بېرىش مۇددىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مال، قۇرۇلۇش، مۇلازىمەت تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە پۇل بېرىش كېرەكلىكى؛ ساھە قائىدىسى، سودا ئادىتى بويىچە پۇل بېرىش مۇددىتىنى مۇۋاپىق پۈتۈشكەن بولسا، 3 - تەرەپ بېرىدىغان پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پۇل بېرىش شەرتى قىلىشقا ياكى 3 - تەرەپنىڭ پۇل بېرىش سۈرئىتى نىسبىتى بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پۇل بېرىشنى پۈتۈشۈشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سودىسىدا، قىسمەن تالاش - تارتىش بولسىمۇ، لېكىن باشقا قىسمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسا، تالاش - تارتىش بولمىغان قىسمىغا پۇل بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى.

ئۈچىنچى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش، چاقىرتىپ سۆزلىشىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش سالمىقىنى زورايتىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى. ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى تارماق، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلغۇچى تارماق، ئەرز قىلغۇچى، ئەرز قىلىنغۇچى قاتارلىق ھەرقايسى ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتى ھەم ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش مۇددىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولسا ياكى جەمئىيەتتە ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارغا قارىتا مالىيە مەبلىغى بىلەن قوللاش، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە چەك قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

تۆتىنچى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقى زورايتىلدى. دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇپ ناچار ئاقىۋەت ياكى ناچار تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، شۇنداقلا ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئالاقىدار قانۇن جاۋابكارلىقى تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.