​جۇڭگو - مالايسىيا دوستلۇق كېمىسىنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈش قىلدۇرايلى

2025-04-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مالايسىيا تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى​

جۇڭگو - مالايسىيا دوستلۇق كېمىسىنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈش قىلدۇرايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇئالالۇمپۇر، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، كۇئالالۇمپۇرغا بېرىپ مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالايسىيا «شىڭجوۋ گېزىتى»، «شىڭباۋ گېزىتى»، «ياڭگۇاڭ گېزىتى»دە «جۇڭگو - مالايسىيا دوستلۇق كېمىسىنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈش قىلدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

جۇڭگو - مالايسىيا دوستلۇق كېمىسىنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈش قىلدۇرايلى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ئىبراھىم ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن پات ئارىدا مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ مېنىڭ 12 يىل ئۆتۈپ بۇ گۈزەل دۆلەتكە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم. مەن مالايسىيانىڭ يېڭى تەرەققىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، مالايسىيالىق دوستلار بىلەن دوستلۇقنى بايان قىلىپ، ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. دېڭىز يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنىڭ مىڭ يىلدىن ھالقىغان دوستانە ئالاقىسىگە گۇۋاھ، قەتئىي ئۈزۈلمەيدىغان ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇق رىشتى تارىخىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. 1300 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يىجىڭ فاشى دېڭىزدىن ئۆتۈپ نوم تەھسىل قىلىش سەپىرىدە مالاي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، قەدىمىي جىدا پادىشاھلىقىنىڭ تارىخىنى تۇنجى قېتىم يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلىگەن. 600 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خې يەتتە قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلغاندا مالاككاغا بەش قېتىم بېرىپ، تىنچلىق، دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچقان، مالاككادىكى سەنباۋمياۋ ئىبادەتخانىسى، سەنباۋشەن تېغى، سەنباۋجىڭ قۇدۇقىغا شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەن. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، مالايسىيا نەنياڭ خۇاچياۋ ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە رېمونتچىلار جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە يۈننەنگە بېرىپ، يۈننەن - بېرما تاشيولىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى تۇتاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. تىللاردا داستان بولغۇدەك بۇ ئىش ھازىرغىچە جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالماقتا. ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا توختىماي يۈرۈپ كەلگەن بۇ دوستلۇق كېمىسىگە يەنە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، پۇختا يىراققا يۈرۈش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بىز ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىككە ئىگە بۇ رولنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. 51 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تۇمانلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر مەۋقەنى ئىستراتېگىيەلىك ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇشقا قويۇپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، دۆلەت بىلەن دۆلەت بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. 2023 - يىلى، مەن زۇڭلى ئەنۋەر بىلەن جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تارىخىي يېڭى سەھىپە ئاچتۇق. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

بىز ئەمەلىي ھەمكارلىقتىكى تۇراقلاشتۇرغۇچنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. 2024 - يىلى، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 212 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا 1000 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جۇڭگو ئۇدا 16 يىل مالايسىيانىڭ 1 - چوڭ سودا ھەمراھى بولدى. مالايسىيانىڭ يېڭى ئۈزۈلگەن ليۇليەنلىرى بىر كۈن ئىچىدە مېۋىلىك باغدىن جۇڭگونىڭ تاللا بازارلىرىغا توشۇپ كېلىنىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. مالايسىيا - جۇڭگو گۇەندەن كەسىپلەر باغچە رايونىغا جەمئىي 11 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى، باغچە رايونىغا ماكانلاشقان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن نۇرغۇن ئۇزاق مەزگىللىك ئىش ئورنى يارىتىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، كۆك ئىقتىساد، ساياھەت ئىقتىسادى ھەمكارلىقىغا نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

بىز ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ كېمە پالىقىنى كۈچەپ ياخشى ئۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئۆزئارا قارشى تەرەپ دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىمتىيازى بەردى. 2024 - يىلى، ئىككى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى 6 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن ئىلگىرىكى سەۋىيەدىن ئاشتى. «مالايسىياغا ئاسىيانىڭ جەلپكارلىقى مۇجەسسەملەنگەن» دېگەن بۇ ئېلان سۆزى مالايسىيانىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، مەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىپ، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ساياھەتچىنى بېرىپ ئىستىراھەت ساياھىتى قىلىشقا جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مالايسىيالىق بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، مول «قەدىمكى ئۇسلۇب» ۋە رەڭگارەڭ «ھازىرقى زامان تۈسى»نى ھېس قىلدى. جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەت خەلقى تۇغقان يوقلىغاندەك دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرى بىلەن، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

بىز كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنىڭ يەلكىنىنى چىقىرىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇھىم دۆلەتلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىگىلىكى گەۋدىلىرى، يەرشارى جەنۇبىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مەيدانى يېقىن، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە زىچ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيانىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھ دۆلىتى بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ، يەرشارى جەنۇبىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىدىكى دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا ۋەنلۇڭ يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە ۋەنلۇڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا مۇھىتنى قوغدىشى كېرەك.

جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەت تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەردە بىللە بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. «ھالاۋەتنى تەڭ كۆرۈپ، جاپانىمۇ تەڭ تارتىش» ئىككى دۆلەتكە ئورتاق ماقال - تەمسىل بولۇپ، جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ چىن مەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىي قىلىش، قۇدرەت تېپىش، گۈللىنىشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقى دەۋرنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەتلىشىش ھەمراھلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»گە كىرگەن، ھەممىدىن ئاۋۋال شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن سودا رايونى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى رايون ھەمكارلىقى ئىچىدە ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ مول بولۇۋاتىدۇ. ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق خىرىس ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىكى تەتۈر ئېقىم ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى بارغانسېرى مۇستەھكەملىدى. 2024 - يىلى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سودا سوممىسى 980 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، ئۇدا بەش يىل ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ 1 - چوڭ سودا ھەمراھى بولدى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسى سۆھبىتى ماھىيەتلىك ئاخىرلاشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىردى، جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات، كارتون، كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە بەس - بەستە كىرىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە جەلپكارلىققا تولغان زامانىۋى تۇرمۇش ھىدىنى ئېلىپ باردى.

جۇڭگو قەتئىي تۈردە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون رامكىسىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى قوللايدۇ. جۇڭگو مالايسىيانىڭ 2025 - يىللىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، مالايسىيانىڭ جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو 2025 - يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆزلىمە نىشانىنى %5 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، رايون ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ئورتاق پايدا ئالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو مالايسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ۋە تەرەققىيات تارىخىي ئېقىمىغا ماسلىشىپ، جۇغراپىيەلىك سىياسى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشنىڭ يوشۇرۇن ئېقىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.