شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن بىلەن كۆرۈشتى

2025-04-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، ليۇ كەي) 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن بىلەن فىنوم پېندىكى تىنچلىق سارىيىدا كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، شۇنداقلا جانجىگەر دوستلار. جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. ھازىر، جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، ئىلگىرىلەش كۈچى بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىنىڭ چوقۇم ماڭغانسېرى كېڭىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ كامبودژا خەلقىنى يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ساقلىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، كامبودژانىڭ رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «2 + 2» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كامبودژا «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى»، «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى» قۇرۇلۇشى ۋە ئېنېرگىيە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كامبودژانى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تېخىمۇ كۆپ ھەمبەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم تېمىلار توغرىسىدا كامبودژا تەرەپ بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ كامبودژا كېڭەش پالاتاسى، پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىشىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە زومىگەرلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، ھېچقانداق دۆلەت بېكىنمە ھالەتتىكى يېگانە ئارالغا قايتىشنى خالىمايدۇ، سودا ئۇرۇشى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىگە زەربە بېرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئاسىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

خۇڭ سېن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ كامبودژا تەرەپ ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو بۇلتۇرقى ئېشىش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى ھەم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، كامبودژا تەرەپ بۇنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئەڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، ئەڭ تايىنىشقا بولىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگونىڭ قوللىشى كامبودژانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، كامبودژا تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. كامبودژا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. كامبودژا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا تەۋرەنمەس دوستلۇق بار، ئىككى دۆلەت يېڭى دەۋردىكى دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشنى قارار قىلدى. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ كامبودژاغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا چوڭقۇر زەربە بېرىدۇ. كامبودژا تەرەپ جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدا جارى قىلدۇرغان ئىجابىي رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى ۋە ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. سودا ئۇرۇشى، تاموژنا بېجى ئۇرۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ، كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.