− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خاۋ ۋېيۋېي، ياڭ يىجۈن، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى
دوستانە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قىزغىن تەكلىپى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىنىشى. 2025 ـ يىلى باھاردا، جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقى تۇنجى قېتىم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقتى.
4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتە كەينى ـ كەينىدىن زىيارەتتە بولۇپ، كەڭ زېمىندا يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.
ئىش قىلىشقا ماھىر كىشىلەر پىلانلاشقىمۇ ماھىر كېلىدۇ. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ئەتراپ ئەندىزىسى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، «دىققەتنى ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەتراپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»نىڭ ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى.
بۈگۈنكى جۇڭگو ۋە ئاسىيا دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە دۇچ كەلدى. جۇڭگو ئەتراپنى دۇنياۋى نەزەر بىلەن كۆزەتتى، دۇنيامۇ جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە كەلگۈسىنى ئېنىق پەرق ئەتتى.
زومىگەرلىك، زوراۋانلىق خەلقئارا قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، چوڭ دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى گەۋدىلىك تېما بولۇپ قالدى. قوشنا دۆلەتلەر كۆپ بولغان دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو قانداق ئىناق قوشنىدارچىلىق يولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ؟
يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە زەربە بېرىدۇ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو قانداق ھەمكارلىق يولى بىلەن ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ؟
يەرشارىنىڭ جەنۇبى يېڭى «ئويغىنىش دەۋرى»گە قەدەم قويدى، دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىش چوڭ دولقۇنى كۈنسېرى مەۋج ئۇردى. 5000 يىللىق مەدەنىيلىككە ئىگە شەرقتىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو يەنە قانداق مەدەنىيلىك يولى بىلەن ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىدۇ، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىدۇ؟
داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قىلغان سەپىرىدىن خەلقئارا جەمئىيەت شەرقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى چاقناپ تۇرغان جۇڭگو جاۋاب قەغىزىنى كۆردى.
بىرىنچى، ئىناق قوشنىدارچىلىق يولى: تارىخنى كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرۇش
«جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، جېنلا خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو چاڭئەندە زىيارەتتە بولۇش»تىن «600 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خې يەتتە قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلغاندا مالاككاغا بەش قېتىم بېرىش»قىچە، يەنە يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى دۆلەت خەلقى «قول تۇتۇشۇپ دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنقىلاب ئوتىنى تارقىتىش»قىچە... زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يىللارغا پۈتۈلگەن دوستلۇق ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
تارىختىن كەلگۈسىنى يارىتىدىغان ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىندى. دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى رول تۇتۇپ يول باشلاپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام، جۇڭگو ـ مالايسىيا، جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇق كېمىسىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ پارلاق دەۋر يولىغا باشلاپ كىردى.
جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.
باھاردىكى خانويدا، قىزىل رەڭ «شەھەر رەڭگى»گە ئايلاندى. ئايروپورتتا، ئەنئەنىۋى قىزىل دۇمباقلار شادىيانە ياڭرىدى؛ يول بويىدا، «جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ» دېگەن تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلار چاقنىدى؛ رەئىس مەھكىمىسى مەيدانىدا، قىزىل گالىستۇك تاقىغان، قىزىل كىيىم كىيگەن نەچچە يۈز تېتىك ئۆسمۈر بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە ئالتۇن رەڭدىكى يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىپ، خۇشال تەبەسسۇمى بىلەن گۈزەل ئۈمىد گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.
تۇنجى كۈندىكى پائالىيەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى سۇلىن كېلىشىۋالغاندەكلا قىزىل گالىستۇك تاقىغانىدى. «يولداش شى جىنپىڭ، ياخشىمۇسىز!» «يەنە كۆرۈشتۇق!» ئۇلار كۈلۈمسىرەپ ئېھتىرام بىلدۈردى، قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ۋيېتنام تەرەپ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولغان شېڭلۇڭ خۇاڭچېڭدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىپ، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە ھۆرمەت بىلدۈردى، شۇنداقلا بۇنى بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە چوڭ ئىشى سۈپىتىدە تەبرىكلىدى.
ۋيېتنامدا زىيارەتتە بولغان 20 نەچچە سائەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا باش شۇجى سۇلىن، دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ، زۇڭلى فەن مىڭجېڭ، پارلامېنت رەئىسى چېن چىڭمىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ۋە كۆرۈشۈپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. «ئوبيېكتىپ تەلەپ» «ئىستراتېگىيەلىك تاللاش» «بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش»، باش شۇجى سۇلىن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇدا ئۈچ سۆز بىلەن ئىزاھلىدى.
«يېقىن يولداش ۋە ئۇلۇغ دوست» − ۋيېتنام تەرەپ رەھبەرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنى سەمىمىي ھالدا شۇنداق ئاتىدى. باش شۇجى سۇلىن باش شۇجى شى جىنپىڭنى ئىككى قېتىم چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدى، دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ، زۇڭلى فەن مىڭجېڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى، ئۇزىتىپ قويدى، تۈرلۈك ئالاھىدە ئىززەت ـ ھۆرمەتكە تولۇپ تاشقان ئېھتىرام مۇجەسسەملەنگەنىدى. ۋيېتنام رەئىس مەھكىمىسىدىن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايغىچە، كۇاڭ ترۇڭ مەيدانىدىن نويباي خەلقئارا ئايروپورتىغىچە، ھەربىر قېتىملىق يانمۇيان تەڭ مېڭىشتا، ھەربىر قېتىملىق قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشتە «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتىنىڭ چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» ئىكەنلىكى كونكرېت ھەم جانلىق نامايان بولدى.
جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ «مۇستەھكەم مۇناسىۋەت قەتئىي ئۈزۈلمەيدۇ» دەيدىغان ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇق رىشتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.
قەدىمكى ئۇسلۇب بىلەن ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى يۇغۇرۇلغان كۇئالالۇمپۇر جۇڭگولۇق ئەزىز مېھماننىڭ كېلىشى بىلەن تېخىمۇ رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى. شەرقىي قىسىمدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن تەشكىللەنگەن ئارتىسلار قىزغىن مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىدى، جۇڭگو تىل ـ يېزىقى مەكتىپىنىڭ ئوركېستىرى كىلاسسىك مالاي ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى. يېتىپ بارغاندا يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلغانىدى، تۇرىدىغان جايغا كەلگەندە ھەممە ئائىلىنىڭ چىرىغى يورۇپ بولغانىدى، كۇئالالۇمپۇر قوش مۇنارىدىكى جۇڭگو ـ مالايسىيا دۆلەت بايراقلىرى چىراغ مەنزىرىسى ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇراتتى.
تاغنى بويلاپ سېلىنغان دۆلەت خان ئوردىسىدا پالما دەرەخلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئالىي رەھبەر ئىبراھىم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغان ھالدا خان ئوردىسى مەيدانىدىكى پارات مۇنبىرىدە يانمۇيان تۇردى. خان ئوردىسىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك ئەگمە تورۇسى، ھەيۋەتلىك خان جەمەتى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتى كۇئالالۇمپۇرنىڭ زامانىۋى كەيپىياتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنىدى. ئالىي رەھبەر ئىبراھىم مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مالايسىياغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى مالايسىيا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.
2013 ـ يىلى، 2025 ـ يىلى مالايسىيادا ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مالايسىيانىڭ مۇستەھكەم مۇناسىۋەت قەتئىي ئۈزۈلمەيدۇ دېگەن ماقال ـ تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ جۇڭگو ـ مالايسىيا دوستلۇقىنى سۈپەتلىدى. دوستلۇق مېھرى قويۇق بولغاچقا، زۇڭلى ئەنۋەر رەئىس شى جىنپىڭ مالايسىيادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدىكى بارلىق پائالىيەتتە پۈتۈن مۇساپىلىك ھەمراھ بولدى. ھەربىر مەيدان پائالىيەتتە، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا خەۋەر تارقاتتى ھەم ئۇنىڭغا جۇڭگو تىلىدىكى بىر ناخشىنى كىرىشتۈرۈپ بەردى. ئايروپورتتا رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالغاندا، «مېنىڭ ياخشى قېرىندىشىم» ناملىق ناخشىنى تاللىدى.
جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ يىمىرىلمەيدىغان تەۋرەنمەس دوستلۇقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم.
يەسىمەن گۈلنىڭ تونۇش بولغان خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالغانىدى. تەختكە چىققان 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئايروپورتقا بېرىپ چەت ئەللىك ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالدى، تۇنجى قېتىم ئايروپورتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، پادىشاھ سىخامونى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان مېھمان كۈتۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلدى. خان جەمەتى ئەزاسى مەلىكە جېننا يەسىمەن گۈلدىن ياسالغان نەپىس بىلەك ھالقا تەقدىم قىلدى، 24 قىز ئالتۇن ئىستاكانغا چىلانغان يەسىمەن گۈل بەرگىلىرىنى قىزىل پاياندازغا چاچتى.
ئايروپورتتىن باشلاپ يولنىڭ ئىككى تەرىپى قارشى ئېلىشقا چىققان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بىلەن تولغانىدى. سىخانوك يولىنىڭ يېنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پادىشاھ سىخامونىنىڭ چوڭ سۈرىتى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى، ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئەركەك شىر، «ياشىسۇن كامبودژا ـ جۇڭگو دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلار بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، گۈزەل دوستلۇق مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.
2020 ـ يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا خان ئانىسى مونىلېغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەرگەنىدى؛ بۇ قېتىم زىيارەتكە كەلگەندە، پادىشاھ سىخامونى رەئىس شى جىنپىڭنى فىنوم پېن خان ئوردىسىنىڭ ئوردا قوبۇلخانىسىغا تەكلىپ قىلىپ، «ئۇلۇغ دوست»ىغا «كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى چوڭ مېدالىيون دەرىجىلىك ئوردېنى»نى بەردى. قىزىل دۇخاۋا رەخت ئۈستىدە چاقناپ تۇرغان ئالتۇن رەڭلىك ئوردېنغا كامبودژا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى مۇجەسسەملەنگەنىدى.
خان ئوردىسىنىڭ كۇنتابوپا سارىيىدا، خان ئانىسى مونىلې بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇ ياقتۇرىدىغان گۈل توقاچ ئالغاچ كەلگەنىدى: «جۇڭگو سىزنىڭ ئىككىنچى ئائىلىڭىز، ھەر ۋاقىت جۇڭگوغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.» زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەتتىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇقىنى ئورنىتىپ يېتىلدۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت تەسىرلىك ئىشلار بىر ـ بىرلەپ ئەسلەپ ئۆتۈلدى. قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، شاھىنشاھ سىخانوك ئۆزى يازغان جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇقىنى مەدھىيەلەيدىغان مۇزىكا باشتىن ـ ئاخىر زىياپەت سورۇنىدا ياڭرىدى.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە، چىنۋاڭ خۇڭ سېننىڭ شىددەت بىلەن يامراۋاتقان يۇقۇمغا قارىماي «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگەن»لىك ھېكايىسى جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇقىدىكى ئېسىل داستانغا ئايلانغانىدى. بۇ قېتىم، ئۇ خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسىلىك يېڭى سالاھىيىتى بىلەن ئايروپورتقا بېرىپ رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى، ئۇزىتىپ قويدى. كۆرۈشۈشتىن باشقا، رەئىس شى جىنپىڭنى بىللە ناشتا قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى، باش ۋەزىر خۇڭ مانەي، مۇئاۋىن باش ۋەزىر خۇڭ مانى، مۇئاۋىن سىلىڭ خۇڭ مانېمۇ بىرلىكتە قاتناشتى. «جۇڭگو كامبودژانىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى»، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، باش ۋەزىر خۇڭ مانەي شۇنداق بىلدۈردى.
يېڭى دەۋردىكى چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ باشلىنىش پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆزىتىپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىللاردا، بۇ يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوران ـ چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، يېڭى بىر مەنزىل ئاچتى. جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆسۈپ، ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇ دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق بارغانسېرى گىرەلىشىپ كەتكەن مۇشۇ پەيتتە، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىگە نەزەرىنى ئاغدۇردى. جۇڭگونىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق يولى نېمە؟ كىشىلەر بۇنىڭدىن نېمىلەرنى ھېس قىلالايدۇ، نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى ۋە ئىزدەندى.
جاۋاب «خۇددى تۇغقان يوقلىغاندەك» زىچ ھەمتۈرتكە بولۇشتا، «ئۇرۇق ـ تۇغقان، قوشنا ـ قولۇملار بىر ـ بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىش»تىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقتا ئىپادىلەندى.
ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، ۋيېتنام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە جەنۇبىي رايون ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋيېتنام تەرەپنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ۋيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ناھايىتى خۇشال بولدى.
زۇڭلى ئەنۋەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەنۋەر تەشەببۇس قىلغان «گۈللەنگەن بۈيۈك مالايسىيا» ئىدىيەسىنىڭ كۈنسېرى گۈزەل رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى.
كامبودژا كالېندارى بويىچە يېڭى يىل پەيتىدە تەكلىپ بىلەن زىيارەتتە بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ كامبودژا خەلقىنىڭ يېڭى يىلىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئەمگەكچان، ئەقىل ـ پاراسەتلىك كامبودژا خەلقىنىڭ چوقۇم دۆلەتنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي ـ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
زىيارەت مەزگىلىدە، «ئۈلگە» دېگەن بىر سۆز قايتا ـ قايتا تىلغا ئېلىندى: جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشىدىكى ئۈلگە، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى، جۇڭگو بىلەن كامبودژا چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى... زۇڭلى ئەنۋەر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىر قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي گەۋدە، لېكىن مالايسىيا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئەزەلدىن بېسىم ھېس قىلىپ باقمىدى، بەلكى باراۋەرلىككە ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشتى.
زىيارەت مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان ئۈچ پارچە قوشما باياناتنى كۆرۈپ باقايلى:
جۇڭگو ـ ۋيېتنام قوشما باياناتىنىڭ باش تېما سۆزى «ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» بولدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»تىن «جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»قىچە، يەنە «ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش»كىچە... جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋاقىت تۈگۈنىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋيېتنام تەرەپ رەھبىرى بىلەن جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يەنە مۇئەييەنلەشتۈردى، يەنە تېزلەتتى.
جۇڭگو ـ مالايسىيا قوشما باياناتىنىڭ باش تېما سۆزى «يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو ـ مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» بولدى. 2023 ـ يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەنۋەر بىلەن جۇڭگو ـ مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى؛ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يەنە يۈكسىلىپ، يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى ئارقىلىق جۇڭگو ـ مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 50 يىلى» باشلاندى.
جۇڭگو ـ كامبودژا قوشما باياناتىنىڭ باش تېما سۆزى «يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» بولدى. تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىمزالاشتىن ئىككى تەرەپ قاتلىمىدا يېڭى دەۋردىكى دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىشقىچە، جۇڭگو بىلەن كامبودژا باشتىن ـ ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. ئىككى تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا 2025 ـ يىلىنى «جۇڭگو ـ كامبودژا ساياھەت يىلى» قىلىشنى جاكارلىدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، بىر مەيدان «خەلق يىغىلىشى» چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولدى.
ئوقۇغۇچىلار، ئىنژېنېرلار، كارخانىچىلار، داشۆ پۈتكۈزگەن كەنت كادىرلىرى، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت خىزمەتچىلىرى... جۇڭگو ـ ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى تەرەپ ـ تەرەپتىن كېلىپ بىر يەرگە جەم بولدى. 4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، خانوي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى سۇلىن، دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن بىللە جۇڭگو ـ ۋيېتنام خەلقى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋيېتنام ياشلىرىنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ قانات يايدۇرىدىغان «قىزىل تەتقىقات ـ ئۆگىنىش سەپىرى»نى قوزغاتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى: «بۇ يىل جۇڭگو ـ ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم <جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى>، بىز ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ كىچىك ئېقىنلىرىنى جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئەزىم دەرياسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى».
پائالىيەتتىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى سۇلىننىڭ ھەمراھلىقىدا خۇ جىمىڭ قەبرىسىگە ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى. باش شۇجى سۇلىن، دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو ـ ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى. جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىسى خاتىرىلەنگەن سۈرەتلەر ئۇنتۇلغۇسىز يىللار ۋە ھەيۋەتلىك مۇساپىنى تۇتاشتۇرغانىدى.
جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قويۇق دوستلۇقى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. تارىخ كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش بولۇشتىن تەقدىرداش بولۇشقا قاراپ قەدەم تاشلاندى.
ئىككىنچى، ھەمكارلىشىش يولى: رايون ئارقىلىق دۇنيا بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش
45، 26، 37. زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژا ئۈچ دۆلەت بىلەن جەمئىي 108 پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.
«رېكورت يارىتىلغان» ھەمكارلىق نەتىجىلىرى قارار قىلىنغان پەيتتە، جۇڭگودىن يەنە بىر خۇش خەۋەر تارقالدى: بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادى %5.4 ئاشتى.
«108» بىلەن «%5.4»تىن ئىبارەت ئىككى سانلىق مەلۇمات ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. خەلقئارا تاراتقۇلار ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، «مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىقنىڭ مەنبەسى»گە ئايلاندى.
قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئۈچ مەنزىرە كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى.
خانوي، ۋيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ 1 ـ قەۋىتىدىكى كارىدور زالى.
ئوڭ ـ سول ئىككى تەرەپتىكى ئۇزۇن ئۈستەلگە 45 پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتى بىر ـ بىرىگە يېقىن قويۇلۇپ، تولۇق ئۈچ رەت تىزىلغانىدى. بۇلار ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى سۇلىن بىلەن بۇلارنى كۆرگەچ پاراڭلاشتى.
باش شۇجى سۇلىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە بولغان ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان خەۋپسىزلىك توسۇقى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ كەڭ بولغان خەلق رايى رىشتىنى مەھكەم تۇتاشتۇرۇش، تېخىمۇ قويۇق بولغان كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى بولغان دېڭىز ئۈستى ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ 45 پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتىدە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» سىزىپ چىقىلدى.
ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «بىز قول ئېلىشايلى» دېگەن تەكلىپنى بەردى. باش شۇجى سۇلىن دەرھال قىزغىن جاۋاب قايتۇردى. كەينىدە ھەيۋەتلىك بايراق سېپى، ئالدىدا گۈزەل ئىستىقبال بار ئىدى، كامېرادا ئىككى سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى يېڭى «يارقىن پەيت»كە ئاتلانغانلىقى خاتىرىلەندى.
پۇتراجايا، مالايسىيا زۇڭلى سارىيىنىڭ G قەۋەت ئىمزا قويۇش زالى.
پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئۆرە تۇرغان بولۇپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى. جۇڭگو ـ مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى ئەنۋەر قول ئېلىشىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئىككى رەھبەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
«رۇجيا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكى سۆھبىتى»، رەقەملىك ئىقتىساد، مۇلازىمەت سودىسى، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچە رايونى»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۈشۈكئېيىقنى قوغداش... ھەمكارلىق تۈرلىرى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز كۆپ ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىدىن ئىبارەت بىر پارچىسىغا ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.
«ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ـ ئۆزىگە ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش» «تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى يارىتىش» «ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشكە ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، رەئىس شى جىنپىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو ـ مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈن ئىدى.
فىنوم پېن، تىنچلىق سارىيىنىڭ 2 ـ قەۋىتىدىكى ئىمزا قويۇش زالى.
نەپىس ئالتۇن رەڭ خۇديېلەن بىلەن «جۇڭگو ـ كامبودژا ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمى» دېگەن خەت بېسىلغان يېشىل ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، رەئىس شى جىنپىڭ باش ۋەزىر خۇڭ مانەي بىلەن بىرلىكتە رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى.
ئىشلەپچىقىرىش ـ تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىقى، تەرەققىيات ياردىمى ھەمكارلىقى، تاموژنا تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش ھەمكارلىقى... ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىر ـ بىرلەپ زال مەركىزىدىكى قىزىل پاياندازدا مېڭىپ، ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇردى. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى مۇستەھكەملەش، تېخىمۇ قويۇق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ساھەگە كۈچەش چىقىش قىلىنىپ، جۇڭگو ـ كامبودژا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە ئاتلاندى.
مۇراسىم ئاخىرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ باش ۋەزىر خۇڭ مانەي بىلەن قىزغىن قول ئېلىشتى. بۇ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بولدى، بۇ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش بولدى، بۇ، تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش بولدى.
فۇنەندېزو ئۇنىۋېرسال سۇ ئىنشائاتى تۈرىنى قۇرۇش كامبودژانىڭ يۈز يىللىق ئارزۇسى، جۇڭگو كامبودژا تەرەپنىڭ بۇ تۈرگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تولۇق چۈشەندى ھەم زۆرۈر مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. بىر ئۇچى سانائەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، يەنە بىر ئۇچى يېزا ئىگىلىكىنى پەن ـ تېخنىكىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشكە تۇتىشاتتى، جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزگەن «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى»دىن ئىبارەت ئىككى ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنىڭ تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى جۇڭگو ـ كامبودژا «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى يەنىمۇ بېيىتتى.
پايانسىز كەتكەن خۇڭخې دەرياسى قىرغىقىدا، ئالدىراش قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مالاي يېرىم ئارىلىدا، ساياھەتچىلەر بىلەن تولغان مېيگۇڭخې دەرياسى بويىدا يىراققا نەزەر سالغاندا، كەڭ ئېچىۋېتىش، كەڭ ھەمكارلىشىش، كەڭ ئالماشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنىڭ مەۋج ئۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ۋيېتنامنىڭ لازىسى، مالايسىيانىڭ كوكۇس مېۋىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە «چىقىش بېلىتى»گە ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ سودا ئايروپىلانى، 5G تېخنىكىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىدا يېڭى زاكازلارغا ئېرىشتى، جۇڭگو ـ ۋيېتنام، جۇڭگو ـ كامبودژا ياشلىرى تېخىمۇ كۆپلەپ قوش يۆنىلىشلىك ئاتلاندى، جۇڭگو ـ مالايسىيا ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرى بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى...
جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ «چوڭقۇر» بولدى، تېخىمۇ «يېڭى» بولدى − بۇ، چەت ئەل كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت نەتىجىسىگە بولغان چۈشەندۈرۈشى.
تېخىمۇ «چوڭقۇر» بولغىنى ئۆزئارا ئىشىنىش بولدى. ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق، جۇڭگونىڭ ھەربىر سۆز ـ ھەرىكىتىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر كۆردى، جۇڭگوغا بولغان تونۇش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى: جۇڭگو ئاچقۇچلۇق سودا ھەمراھى ۋە سېلىنما مەنبەسى دۆلىتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىياسىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھ.
زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، گۇڭئەن «3 + 3» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت مېخانىزمىنى مىنىستىر دەرىجىلىك قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلدى، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى «2 + 2» سۆھبەت مېخانىزمى ئورنىتىشقا قوشۇلدى، جۇڭگو بىلەن كامبودژا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «2 + 2» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت مېخانىزمى ئورنىتىشنى قارار قىلدى.
تېخىمۇ «يېڭى» بولغىنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىدىغان ساھەلەر بولدى. جۇڭگو ـ ۋيېتنام، جۇڭگو ـ مالايسىيا، جۇڭگو ـ كامبودژا قوشما باياناتىدا كېلىشىۋالغاندەكلا «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى» تىلغا ئېلىندى: جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام «جۇڭگونىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى، ۋيېتنامنىڭ يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى»، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا «بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ رايون يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ھەمكارلىق ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى»، جۇڭگو بىلەن كامبودژا «بىرلەشمە تەتقىقات، تېخنىكا يۆتكەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ»...
ۋيېتنام تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىمزالىق ماقالىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان «جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە كارتون كىنو ـ تېلېۋىزىيەسى»نى تىلغا ئالدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭ دولقۇنى مەۋج ئۇردى، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت «جۇڭگودا كەلگۈسىنى كۆردى»، جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشنى تاللىدى.
جۇڭگو ـ ۋيېتنام خەلقى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر جەم بولغاندا، ۋيېتنام پوچتا ـ تېلېگراف پەن ـ تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى چېن گۇاڭيىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ «چىڭخۇا ھېكايىسى»نى سۆزلەپ بەردى. چىڭخۇا داشۆدە ئۆگىنىۋاتقان كۈنلەردە، ئۇ گۈزەل نېلۇپەر كۆلىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىۋالغانىدى، يەنە «توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، گۈزەل ئەخلاق ـ پەزىلەت ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتنى قوينىغا ئېلىش» دېگەن مەكتەپ تەلىمىنىڭ روھىي ئوزۇقىغا ئېرىشكەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ «جۇڭگودىكى داشۆلەر بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدۇ».
چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە، ئىنچىكە نۇقتىلارنى كۆزىتىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىقتىدار بار، مەۋقەنى ئومۇملۇققا قويىدىغان ئۇلۇغۋار پىلان بار.
زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى سۇلىن، زۇڭلى فەن مىڭجېڭ بىلەن جۇڭگو ـ ۋيېتنام تۆمۈريول ھەمكارلىق مېخانىزمىنى قوزغىتىشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريولىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلۇشى رايونلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش چوڭ مەنزىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولىدىن جۇڭگو ـ تايلاند تۆمۈريولىغىچە، ھىندونېزىيە جاكارتا ـ ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدىن مالايسىيا شەرقىي دېڭىز قىرغىقى تۆمۈريولىغىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش شەرق شامىلىغا تايىنىپ، كەڭ ئاسىيا تۆمۈريول تورى ئۇلۇغۋار ئارزۇسى ئاز ـ ئازدىن رېئاللىققا ئايلاندى.
بىرى دۇنيادىكى 2 ـ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، بىرى دۇنيادىكى 5 ـ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى 2 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنى تۇتاشتۇردى. ئىلگىرى دۇنيا سىستېمىسىدىكى «چەتتە قالغۇچى» دەپ قارالغانلار بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۆنىلىشىگە ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېنېرگىيە ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولدى.
مالايسىيا بۇ يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭلى ئەنۋەرگە ئېيتقان بۇ سۆزى ئىككى تەرەپلىكتىن ھالقىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە: «جۇڭگو تەرەپ مالايسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسىنى بالدۇرراق ئىمزالاپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق <ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش>، <كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش> ۋە قالايمىقان تاموژنا بېجى ئېلىشقا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يۇتۇۋالىدىغان ئورمان قائىدىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېنىقلىقى ئارقىلىق دۇنيانىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ».
«تەنھا كىچىك قولۋاق دەھشەتلىك دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولغاندىلا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ.» ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق كۈچى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى.
باش شۇجى سۇلىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى ۋيېتنام تەرەپنىڭ خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىش ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا سودا قائىدىسىنى قوغداشنى خالايمىز.
زۇڭلى ئەنۋەر مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئېلىپ كەلگىنى مۇقىملىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئۈمىد. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەرقانداق يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش قىلمىشىنى قوللىمايدۇ، ھەمكارلىق ئارقىلىق بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلايدۇ.
باش ۋەزىر خۇڭ مانەي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يەككە تەرەپچىلىك دۇنيا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتقان، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭگو رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانى قىممەتلىك ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلىدى.
ئۈچىنچى، مەدەنىيلىك يولى: شەرق ئارقىلىق دۇنياغا ئىلھام بېرىش
4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، مالايسىيا زۇڭلى سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، زۇڭلى ئەنۋەر رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. مالاي مىللىتى توپى، خۇايىلار توپى، ھىندى ئەۋلادى توپىدىن بولغان ئارتىسلار مىللىيچە ئۇسسۇللارنى ئويناپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
بۇ، دوستلۇق زىياپىتى، شۇنداقلا مەدەنىيلىك سۆھبىتى.
زۇڭلى ئەنۋەر «مۇھاكىمە ۋە بايان»نى تەتقىق قىلىپ ئوقۇغان بولۇپ، ئىسلام مەدەنىيلىكى بىلەن رۇجيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقاردى. كەچلىك زىياپەتتىكى تەبرىك سۆزىدە، ئۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماڭا <مۇھاكىمە ۋە بايان>دىكى: جاھاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى قېرىنداش دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ئەسلەتتى».
بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭلى ئەنۋەر بىلەن 3 ـ قېتىم كۆرۈشۈشى. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتە، سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن باشقا، ئىككى رەھبەر ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۇرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. سۆھبەت بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، شۇنداقلا بارغانسېرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. زۇڭلى ئەنۋەر مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي داھىي، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى پىششىق بىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئېنىق مەنزىلى بار، مەدەنىيلىك قىممىتىنى چۈشىنىدىغان ئۇلۇغ زات».
ئىككى ئوكيان قۇچاقلاپ تۇرغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قەدىمدىن تارتىپ «كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ئىگە دۇنيا» بولۇپ كەلدى. پۈتكۈل ئاسىياغا نەزەر سالساق، ئۇ يەنە رەڭدار چاقناپ تۇرىدۇ. بۇنداق جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەت ۋە تارىخىي كەچۈرمىش جۇغلىنىپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈردى.
بۇنداق قىممەت قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئاسىيا دۆلەتلىرى زامانىۋىلىشىشقا قەدەم قويۇش مۇساپىسىدە مۇستەقىل ـ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئوچۇق ـ سىغدۇرۇشچان بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا خاسلىقىغا ئىگە تەرەققىيات يولىدا ماڭدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىگە ئېتىبار بېرىدىغان ئاسىيا ئۇسۇلىنى ياراتتى.
ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا، چاينىڭ خۇشپۇراق ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ تۇراتتى. باش شۇجى سۇلىن باش شۇجى شى جىنپىڭنى كىچىك دائىرىدە چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدى. پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، ئاندىن زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغىچە، ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىشقا بىردەك قوشۇلدى.
مالايسىيا دۆلەت خان ئوردىسىنىڭ كۆرۈشۈش زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئالىي رەھبەر ئىبراھىم بىلەن كېلىشىۋالغاندەكلا «خەلق» توغرىسىدا توختالدى. جۇڭگو ـ مالايسىيا قوشما باياناتىغا مۇنداق بىر جۈملە سۆز يېزىلدى: «ئىككى تەرەپ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، نامراتلارنى يۆلەش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ».
ئاسىيا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشىدىكى ئالدىنقى بەلباغ، جۇڭگو دەل بۇ بەلباغنىڭ مۇھىم موتورى. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىشىشىنىڭ چوڭ دولقۇنى مەۋج ئۇرغان پەيتتە، دۇنيا ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىدىغان «ئاسىيا ئەقىل ـ پاراسىتى» «جۇڭگو لايىھەسى»نى كۈتمەكتە.
جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو تەشەببۇسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا زېمىنىدا قىزغىن مۇزاكىرە قىلىندى ھەم كەڭ كۆلەمدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىندى.
باش شۇجى سۇلىن مۇنداق بىلدۈردى: ۋيېتنام تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇش مەنزىلىنى ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىقتا چىڭ تۇرۇش فاڭجېنىنى بېكىتكەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ.
زۇڭلى ئەنۋەر مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلار دۇنياغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلنى نامايان قىلدى: «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدا سىغدۇرۇشچان ئىلگىرىلەش تەكىتلەندى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىدا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىدا پەرققە ھۆرمەت قىلىش ئىناقلىقنىڭ توسالغۇسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى».
«ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس» جۇڭگو ـ كامبودژا قوشما باياناتىدىكى يادرولۇق ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىككى تەرەپ ئايرىم ـ ئايرىم 10، 9، 12 ھەرىكەت يۆنىلىشىنى تۈزۈپ چىقتى.
«ئاسىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ».
ئەتراپ − جۇڭگونىڭ خاتىرجەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى. بۇ يەرگە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يول ئېچىپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش مەزمۇت قەدىمى ئويۇلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشقا ئاتلانغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە تارقالغان. 2025 ـ يىلى باھاردا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى قالتىس سەھىپە پۈتۈلدى. ئەتراپتىن باشلاندى، قەدەم تاشلاندى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى داغدام يولىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق...
(قاتناشقان مۇخبىرلار: خەن لياڭ، جاڭ يۈەن، زوۋ شۆميەن، ماۋ پېڭفېي، ۋۇ چاڭۋېي)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)