□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خاۋ ۋېيۋېي
ھازىرقى دەۋردە داۋالغۇش كەسكىنلىشىپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، گاڭگىراش ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىمۇ ئۆرلەپ، دۇنيا مۇقىملىققا، ئىشەنچكە، يۆنىلىش تۇيغۇسىغا تەشنا بولماقتا. نەزەرنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىگە ئاغدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، دۇنيا «مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىقنىڭ مەنبەسى»نى تاپتى، شۇنداقلا ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە داۋالغۇش ئىچىدە چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك قىياپەتنى كۆردى.
ھەقىقىي چوڭ دۆلەت دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. چىن قەلب بىلەن دوستلاشقاندا، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق داۋاملىشىدۇ.
بۇ، ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىككى دانە ئالاھىدە ئوردېن توغرىسىدىكى ھېكايە.
ئون يىلدا ۋيېتنامدا تۆت قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەپەر جەدۋىلىدە ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش باشتىن - ئاخىر بىردەك بولدى: بىرى، بادىن مەيدانىغا بېرىپ خۇ جىمىڭ مەقبەرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇش، يەنە بىرى، جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستانە زاتلار، بولۇپمۇ ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش. تارىخقا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، خەلق ئارىسىغا بېرىش، جاپا - مۇشەققەتتىن باش تارتماي، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشنىڭ ھەممىسى «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. ۋيېتناملىق يولداشلار بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، سەمىمىي ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنى «يېقىن يولداش ۋە ئۇلۇغ دوست» دەپ ئاتىدى.
كامبودژادا، جۇڭگو «ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوست» دەپ قارىلىدۇ، ئىككى دانە ئالاھىدە ئوردېن جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنىڭ نۇرىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. بىرى، 2020 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ خان ئانىسى مونىلېغا بەرگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»، يەنە بىرى بۇ قېتىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان سەپىرى مەزگىلىدە، پادىشاھ سىخامونى رەئىس شى جىنپىڭغا بەرگەن «كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى چوڭ مېدالىيون دەرىجىلىك ئوردېنى». پادىشاھ سىخامونى بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ كامبودژا خان جەمەتى بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ»؛ خان ئانىسى مونىلې بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو سىزنىڭ ئىككىنچى ئائىلىڭىز، ھەر ۋاقىت جۇڭگوغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز»... دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدا «مەڭگۈلۈك مەنپەئەت» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مېھىر - شەپقەت ۋە ئىللىقلىق بولىدۇ، ھېسسىيات ئورتاقلىقى، ئىدىيە ئىناقلىقى بولىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى: بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولغانلار ھەمراھ بولالايدۇ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالغانلارمۇ ھەمراھ بولالايدۇ. سەمىمىي بولۇش، ھۆرمەت قىلىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش جۇڭگولۇقلارنىڭ دوست تۇتۇش يولى دېگەنىدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىدىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا بىر قەدىناس دوستى − ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېزنى كۈتۈۋالدى. مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتتى، باھار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى، ئىككى رەھبەرنىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا بىللە سەيلە قىلغان كۆرۈنۈشى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان باش ۋەزىر سانچېز مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەگە بولغان «ھۆرمىتى ۋە دوستلۇقى»نى يەنە بىر قېتىم ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
جۇڭگو دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇپ، مېھىر - مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان نۇرغۇن ئېسىل داستانلارنى يازدى. بۇ ئېسىل داستانلار: بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا باشچىلىقىدىكى جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى ئۈچۈن ئورۇنلانغان بىرازىلىيەنىڭ «يېڭى دەۋر» ناملىق داڭلىق مۇزىكىسى، جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف ئۈچۈن تەييارلانغان ھورى چىقىپ تۇرغان تۇغۇلغان كۈن چۆپى، زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى بىللە ئۆتكۈزگەن لائوس بېنشېنا جەمەتىدىكى دوستلار بىلەن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش، ئوكيان توسۇقىدىن ھالقىپ ئامېرىكىنىڭ ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى قەدىناس دوستى بىلەن دائىم بېرىش - كېلىش قىلىش...
كۆپ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر نۇرغۇن قېتىم: تىنچلىقنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش، تىنچلىققا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ دەپ سورىدى. جۇڭگو بۇنى ئۆز لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ بولسىمۇ چىن قەلب بىلەن دوستلىشىش، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئەمەل قىلىش، چۈنكى «بىر دوستلۇققا تولغان دۇنيالا تىنچ دۇنيا بولالىشى مۇمكىن».
ھەقىقىي چوڭ دۆلەت ئىشەنچكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. لەۋزىدە تۇرىدۇ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، دېگىنىگە جەزمەن ئەمەل قىلىدۇ.
جۇڭگو ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەممىلا جايدا بىر پىرىنسىپنى، يەنى «ئىشەنچ»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى بازىرى باشتىن - ئاخىر ۋيېتنامغا ئېچىۋېتىلىدۇ» دەپ ۋەدە بەردى، ۋيېتنامدا زىيارەتتە بولۇش نەتىجە تىزىملىكىدە لازا، بەيشياڭگو، ماۋيەن ۋە يېمەكلىك يەنۋو، گۈرۈچ كېپىكىنى جۇڭگوغا يەتكۈزۈش كېلىشىمنامىسى بار؛ «جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالايسىياغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ» دەپ ۋەدە بەردى، بايراقدار تۈر بولغان مالايسىيا - جۇڭگو گۇەندەن كەسىپلەر باغچە رايونىغا جەمئىي 11 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلى مەبلىغى سېلىنىپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچە رايونى» دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى؛ «كامبودژانىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ» دەپ ۋەدە بەردى، كامبودژا تەرەپنىڭ بىرىنچى چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، بىرىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، بىرىنچى تاغ ھالقىغان ئاسما كۆۋرۈك قۇرۇشىنى قوللاپلا قالماي، يەنە كامبودژا تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى»دىن ئىبارەت ئىككى ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئاتلاندى.
مۇشۇ يىللاردىكى چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە قاراپ باقايلى: سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشلىرىنى قوللاپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى... ھەربىر قەتئىي ۋەدە ھەربىر پۇختا ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى. يېڭىلا ئاياغلاشقان ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ئۇدا ئۆتكۈزگەن 5 - نۆۋەتلىك كۆرگەزمە. ھەر يىلى باھاردا، جۇڭگو ئۆز قەرەلىدە دۇنياغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.
سىياسىي بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى سۆھبەتلىشىش دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ دەرىجىسىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىدە، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، گۇڭئەن «3 + 3» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنى مىنىستىر دەرىجىلىك قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلدى، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى «2 + 2» سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا قوشۇلدى، جۇڭگو بىلەن كامبودژا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «2 + 2» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى قارار قىلدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ «2 + 2» سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. ھەمكارلىق توغرىسىدىكى ھەربىر يېڭى خەۋەرنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشى تاسادىپىيلىق ياكى توغرا كېلىپ قېلىش ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.
ھەقىقىي چوڭ دۆلەت ئەخلاق - ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئادالەتنى ياقلاپ، باراۋەرلىك ۋە ئىناقلىققا ئىنتىلىدۇ.
چوڭ دۆلەتنىڭ «چوڭلۇقى» ھەم كۈچىنىڭ چوڭلۇقىدا، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيىتىنىڭ چوڭلۇقىدا. ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچنى ئىشلىتىشى «ئۆزىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» پىرىنسىپىغا مۇلازىمەت قىلىش بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنيادىكى ئادىل ئۆزگىرىشنىڭ تەلىپىگە توغرا قاراپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئاممىۋى مەھسۇلاتلارنى پائال تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت.
جۇڭگو - مالايسىيا قوشما باياناتىدا «ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە مەنپەئەتلەنگىلى بولۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى» تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەرگە جۇڭگو بىلەن مالايسىيا قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان يىللارنى ئەسلەتتى. دۇنياۋى كىرىزىس پەيتىدە، جۇڭگو ۋاكسىنىنى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت ۋەدىسىنى قەتئىي ئەمەلدە كۆرسەتتى، «داغدام يولدا مېڭىۋاتقان جۇڭگو» ئوبرازى بارغانسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
ھازىرقى دۇنيا يېڭى، قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە زەربە بەرمەكتە، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، يەرشارىنىڭ جەنۇبى قانداق ھەمكارلىشىشى كېرەك؟
«تەنھا كىچىك قولۋاق دەھشەتلىك دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغاندىلا كېمە پۇختا يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ» دېگەن ئوبرازلىق ئىزاھلاش بار، «تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يۇتۇۋالىدىغان ئورمان قائىدىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش»تەك يۆنىلىش يېتەكچىلىكى بار، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، زىچ ماسلىشىپ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇقىملىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاق كەلگۈسىگىچە داۋاملىشىدىغان ئۈمىدنى ئېلىپ كەلدى.
توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدىن يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسى، ئافرىقىغا قارىتىلغان چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش خىزمەت فاڭجېنىغىچە، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشقىچە... يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا سەھنىدە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرىدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك كۈچىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىناۋەتكە ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشتى.
ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي مەدەنىيلىك مۇساپىسىدە، چوڭ دۆلەتلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ھەم دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولالايدۇ، ھەم توقۇنۇش ۋە ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقان دۇنيا قانداق چوڭ دۆلەتكە ئېھتىياجلىق؟ دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىشەنچكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەخلاق - ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان جۇڭگو، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، دەۋر تەرەققىياتى تەرىپىدە چىڭ تۇرىدىغان جۇڭگو چوڭ دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى تېخىمۇ ئېنىق، جانلىق، تېخىمۇ يېقىملىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىپ نامايان قىلدى.
بۇمۇ نېمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ جۇڭگوغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقى، جۇڭگوغا تايىنىدىغانلىقى، جۇڭگوغا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)