«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. بىز 2035 - يىلى مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، مەنىۋى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، قىممەت چاقىرىق كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.
ماقالىدە مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە قارىتا بەش جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىرىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش. بۇ يولنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى دەل پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. جەزمەن پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدا مەدەنىيەت ساھەسىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە، روھىي جەھەتتە، مەدەنىيەت جەھەتتە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ماركسىزم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈپ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەنگەن، دۇنياغا يۈزلەنگەن، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، مىللەتكە تەۋە، ئىلمىي، ئاممىباب بولغان سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك.
ئىككىنچى، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇش. مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى يېڭىلىق يارىتىشتا، ئىجاد قىلىشتا. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا، جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى، يېتەكلەش، تەشكىللەش خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر تۈركۈم دەۋر كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ياخشى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى پائال بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن پەن - تېخنىكىنى يۇغۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا باشتىن - ئاخىر ئادەمنى كۆزدە تۇتۇش، ئادەمنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى «كۈچلۈك بولۇش» ئاخىرقى ھېسابتا خەلقنىڭ ئىدىيەۋى مەنزىلى، روھىي ھالىتى، مەدەنىيەت ساپاسىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەتنىڭ ئىرادىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، پەزىلەت يېتىلدۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي خىسلىتىنى ساقلاش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، قوشۇن قۇرۇشنى مۇھىم ھەم تەخىرسىز ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ، كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
تۆتىنچى، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گۆھىرىنى ياخشى ئاسراش، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە مۇقەددەس بۇرچى. قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىلىرىنى يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئىزاھلاپ، ماركسىزم ئارقىلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر ئامىللارنى قوزغىتىپ ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قوشۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتنى قىزغىن سۆيۈش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، قوغداشنى 1 - ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئەڭ كىچىك دائىرىدە ئارىلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
بەشىنچى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش. ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تەسىر كۈچى رىقابىتىمۇ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جەزمەن تېخىمۇ تەشەببۇسكار ھالدا جۇڭگو تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىشىمىز، تونۇشتۇرۇشىمىز، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىشىمىز، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. خەلقئارا تارقىتىش ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ يوللۇق، ئىستېرېئولۇق سىرتقا تارقىتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق دۇنيا بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، قەدىمكى بىلەن ھازىرقى يۇغۇرۇلغان، جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن چەت ئەل مەدەنىيىتى تۇتاشقان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى يارىتىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.