«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (كامبودژا تىل - يېزىقى نۇسخىسى) كامبودژادىكى تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلدى

2025-04-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (كامبودژا تىل - يېزىقى نۇسخىسى) كامبودژادا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پىروگراممىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. پىروگرامما شۇ كۈندىن باشلاپ كامبودژا دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلدى.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر پىروگراممىسى «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (كامبودژا تىل - يېزىقى نۇسخىسى)دە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان بولۇپ، دىققەت ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلقئارالاشقان نەزەر دائىرە ۋە جانلىق، ھەقىقىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، كامبودژادىكى كۆرۈرمەنلەرگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى نامايان قىلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ئىزاھلانغان.