ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تەدرىجىي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
«لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ نېگىزى تېرىلغۇ يەردە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش بىر مۇھىم تۇتقا. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، باشقۇرۇش - قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش ۋاقىت تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىدىن قۇرۇش بىلەن ئۆزگەرتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، سان بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇش - قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شارائىتى ھازىرلانغان تېرىلغۇ يەرلەرنى، بولۇپمۇ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كېلىدىغان، قۇرغاقچىلىق - ھۆلچىلىك بولغاندىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق زامانىۋىلاشقان مۇنبەت ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.
«لايىھە»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق نىشان: 2030 - يىلىغىچە، تىرىشىپ جەمئىي 1 مىليارد 350 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇپ چىقىش، جەمئىي 280 مىليون مو ئېتىزنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماس قەدەمدە يولغا قويۇپ، 80 مىليون مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش؛ 2035 - يىلىغىچە، تىرىشىپ شارائىتى ھازىرلانغان مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جەمئىي 455 مىليون مو ئېتىزنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، 130 مىليون مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش.
«لايىھە»دە قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنى باشقۇرۇش، يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش - قوغداش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، كاپالەت تەدبىرى جەھەتتە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.