قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى

2025-04-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ كامبودژا تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، فىنوم پېنغا بېرىپ كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژانىڭ «گاۋميەن ۋاقىت گېزىتى» «جىيەنخۇا گېزىتى» ۋە كامبودژا «يېڭى خەۋەرلەر» تور بېكىتىدە «قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولايلى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلى پەيتىدە تەكلىپ بىلەن ياخشى دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بېرىپ، قېرىنداش كامبودژا خەلقىگە ئەڭ گۈزەل يېڭى يىللىق تىلەك بىلدۈرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ مېنىڭ توققۇز يىلدىن كېيىن كامبودژادا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قوشنىلار ئىناق دوستانە ئۆتۈش جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تارىخىي ئاساسىي رېڭى. جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، دوستلۇق ئالاقىسىنى 2000 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرىكىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، جېنلا خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگونىڭ چاڭئەندە زىيارەتتە بولۇپ، «بىنخەن» دەپ ھۆرمەتلەنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى ئىزچىل قويۇقلاشتى. جۇڭگونىڭ فارفۇر بۇيۇملىرى، سىرلانغان بۇيۇملىرى دېڭىز يىپەك يولى ئارقىلىق كامبودژاغا توشۇلغان، كامبودژانىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى، مەشۇت قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، باروڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قاپارتما نەقىشلەردە تارىختىكى ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسى قايتا ئايان بولغان. كامبودژادىكى كۆپلىگەن راھىبلار ئىلگىرى جۇڭگوغا كېلىپ نوم يەتكۈزۈپ، بۇددا ئەقىدىسىنى ئەۋج ئالدۇرغان، جۇڭگونىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جوۋ داگۇەن يازغان «جېنلانىڭ تەبىئىي شارائىت خاتىرىسى» كامبودژا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلۇغ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن گاۋمىيەن مەدەنىيىلىكى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدىن ھالقىپ، بىر - بىرىنى جۇلالاندۇردى.

دوستلۇق ۋە ھەققانىيلىقنى ئەلا بىلىش جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. رەئىس ماۋ زېدۇڭ، زۇڭلى جوۋ ئېنلەي قاتارلىق جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ۋە چىنۋاڭ سىخانوك جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇق ئىشلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلغۇچىلار. 70 يىل ئىلگىرى، چىنۋاڭ سىخانوك بىلەن زۇڭلى جوۋ ئېنلەي ۋەنلۇڭ يىغىنىدا بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردەك بولۇپ كەتكەن، كامبودژا قاتمۇقات توسالغۇلارنى يېڭىپ 1958 - يىلى يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، جۇڭگو كامبودژانىڭ سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىنى قوغداش ھەققانىي كۈرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. ئۆزئارا ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان پەيتتە، ئىككى تەرەپ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. چىنۋاڭ سىخانوك جۇڭگودا 40 يىلغا يېقىن تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونى ئىككىنچى يۇرتۇم دەپ قارايدۇ، ئۇ ئىجاد قىلغان «جۇڭگونى ئەسلەيمەن» قاتارلىق جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلار ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە. پادىشاھ سىخامونى بىلەن خان ئانىسى مونىلې ھەر يىلى جۇڭگوغا كېلىدۇ، مەن كۆپ قېتىم بۇ ئىككى ئالىيلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم، پاراڭلاشتىم. 2020 - يىلى، مەن خان ئانىسى مونىلېغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردىم. بۇ قىممەتلىك ئوردېن جۇڭگو خەلقىنىڭ كامبودژا خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەسىر يۇقۇمى ئالدىدا، ئەينى چاغدىكى باش ۋەزىر خۇڭ سېن خەۋپ - خەتەرگە قارىماي جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، جۇڭگو نۇرغۇن داۋالاش ئەترىتىنى كامبودژاغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كۆپ مىقداردىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنى بەرپا قىلدى.

باراۋەر بولۇش ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژانىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھ دۆلىتى ۋە ئەڭ چوڭ سېلىنما مەنبەسى دۆلىتى بولۇپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو - كامبودژا ئەركىن سودا كېلىشىمى شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شاڭجاۋ، ماڭگو، لۇڭيەن قاتارلىق كامبودژانىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىردى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا ھەمكارلىشىپ ئاچقان سىخانوك پورتى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى 200دىن كۆپرەك خەلقئارا كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، كامبودژا سانائىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. كامبودژادىكى بىرىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، بىرىنچى تاغ ھالقىغان ئاسما كۆۋرۈك، بىرىنچى چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق جۇڭگو قوللاپ قۇرۇپ بەرگەن ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى كامبودژا خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا كامبودژانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى يەنە كامبودژانىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك زىيارەت قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە ياردەملەشتى. جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىقى كامبودژانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى. جۇڭگو ئەۋەتكەن زور بىر تۈركۈم ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى، گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش، مەدەنىيەت - تارىخ، بىناكارلىق سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر كامبودژادا 30 يىلغا يېقىن يىلتىز تارتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جوۋسا ئىبادەتخانىسى، چاجياۋ ئىبادەتخانىسى، ئاڭكور خان ئوردىسى خارابىسىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىلىكى گۆھىرىنى قايتا جۇلالاندۇردى. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچى كامبودژاغا بېرىپ، مول تارىخىي مەدەنىيەتتىن بەھرىلەندى. تېخىمۇ كۆپ كامبودژالىق دوست جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىپ، قەدىمىي جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كامبودژادا «دوستلۇق يولى» ياساپ، «بەخت بۇلىقى»نى قېزىپ، جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئۈلگە كەنتى بەرپا قىلدى. كامبودژاغا ئەۋەتىلگەن جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئەترىتى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىز قىزچاقنى ھاياتىدا تۇنجى قېتىم «ئانا» دەپ چاقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئۇزاق مەزگىل چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغان ئاغرىقنى قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئاسىيا ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى تېز ئېشىپ، دۇنيا تەرەققىيات تارىخىدا «ئاسىيا مۆجىزىسى»نى ياراتتى. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئاسىيا ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىدۇ.

ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت تارىخ ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى ۋە ئۈلگە كۆرسەتكۈچى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

− تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىچكى ئىشقا ئارىلىشىشى، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى، جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بىرلىكتە سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغدىشى كېرەك.

− تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىش كېرەك. تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلقنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - كامبودژا ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى كامبودژانىڭ «بەش بۇرجەكلىك ئىستراتېگىيە»سى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، مۇستەھكەملەپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

− تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، «رەڭلىك ئىنقىلاب»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە مانېۋىر، بىرلەشمە مەشىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تۈرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ئىدىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىكتە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

− تېخىمۇ قويۇق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، مىراسلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ياشلار ئالاقىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە ئاسىيا قىممەت قارىشى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

− تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ۋە ۋەنلۇڭ روھىدىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تىنچ - خاتىرجەم، گۈللەنگەن - گۈزەل، دوستانە بىللە ئۆتىدىغان ئاسىيا ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. زومىگەرلىككە، زوراۋانلىق سىياسىيسىغا، لاگېرلار قارشىلىشىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، بىرلىكتە قورۇقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا مۇھىتنى قوغداش كېرەك.

«ساپ ئالتۇندەك چاقنار قەدىمكىلەر دوستلۇقى، سىناقلاردىن ئۆتكەن ھەم ئۆزگەرمەي خىسلىتى.» شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يىللارنىڭ تاۋلىشى ۋە بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى چوقۇم ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىقنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، گۈللىنىشنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇشنى خالايدۇ.