شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ۋيېتنام تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى) ۋيېتنامدا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. شۇ كۈنى، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن ۋيېتنام تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەمكارلىق مۇراسىمى − جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى خانويدا ئۆتكۈزۈلدى.
«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ۋيېتنام تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى)دە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى ۋە سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر تاللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتى، چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ھەم ئەتراپلىق بولغان چوڭ تارىخ قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى جانلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ۋيېتنامدىكى كۆرۈرمەنلەرگە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىنى كۆرسەتتى.
نەق مەيداندا يەنە «جۇڭگو ـ ۋيېتنام تاراتقۇ ياشلىرىنىڭ دۆلەت ھالقىش سەپىرى» پائالىيىتى باشلاندى، جۇڭگو ـ ۋيېتنام ياش مۇخبىرلىرى بىرلىكتە گۇاڭشى، يۈننەن، خۇبېي، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيىتى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش داۋامىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.