− يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى مېي شىشيۇڭ، لى بىڭشۈەن
«ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئارمىيەمىزنىڭ غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك».
2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنى شەنشىنىڭ يەنئەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىدىكى «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نىڭ بىرى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكىلەر ۋە ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ ۋاڭجياپىڭ ئىنقىلابىي كونا جايغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. «تاۋلىن مەيدانى»دىن ئۆتكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشى ـ گەنسۇ ـ نىڭشيا چېگرا رايونىدا ئىككىنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئىجادىي قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئەينى يىللاردىكى ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھىغا تولغان جەڭگىۋار تۇرمۇشنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ھەيۋەتلىك باۋتاشەن تېغى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەنخې دەرياسى ئىككىنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ 82 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. بۇ جەرياندا، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە بارلىققا كەلدى، كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر مەقسەتتە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئارقا ـ ئارقىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندا، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى يەنىلا بىزنىڭ كۈچ مەنبەيىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىشقا دائىر مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. 2020 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر(ناھىيە)لەرگە نام بېرىش ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدىن بۇيان، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆزلەپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ گۈزەل شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.
ۋەتەننى سۆيۈپ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ھەربىيلىك پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندى
«بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەيىمىز ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى، كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىزنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.
«ئەڭ ئاخىرقى بىر قاچا گۈرۈچنى ھەربىي ئاشلىق قىلىشقا ئاپىرىپ بەردى، ئەڭ ئاخىرقى بىر چى رەختنى ھەربىي فورما تىكىشكە ئاپىرىپ بەردى، ئەڭ ئاخىرقى بىر كونا پاختىلىق چاپاننى نوسىلكىدا ياتقان يارىدارنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرەك پارىسىنى جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتتى.» ئۇرۇش يىللىرىدا كەڭ تارقالغان بۇ خەلق قوشىقىدا خەلق ئاممىسىنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلەرگە بولغان قويۇق چوڭقۇر مۇھەببىتى كۈيلەنگەن.
يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى تەرەققىياتتا ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق، تىنچ مەزگىلدىمۇ ئۇرۇش بولغان چاغلارنى ئۇنتۇماسلىقتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت بىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن قىسىم ۋە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.
دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش −
2024 ـ يىلى، مەلۇم قىسىم بۇيرۇققا بىنائەن نىڭشيانىڭ يىنچۇەنگە يۆتكەلدى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس تېمىدا ھەربىي ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. يەرلىكتىكى 16 فۇنكسىيەلىك تارماق مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى ۋە تاماملاش ۋاقىت چېكىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، قىسىم ۋە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ 23 ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنىڭ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
قىسىم قەيەرگە يۆتكەلسە، شۇ يەر ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى جايلار يېڭىدىن تەڭشىلىپ تەشكىللەنگەن ۋە يۆتكەلگەن، ئالماشقان قىسىمغا مۇلازىمەت قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قىسىم ۋە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلىق ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى.
پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئارمىيە ـ يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇن. پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە ئارمىيە ـ يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ، قوراللىق ساقچى قىسىم، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە زاپاس ئەسكەرلەر قىسمىنىڭ ئارمىيە ـ يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، گۇڭئەن رەسمىي قىسىملىرىنىڭ ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى؛ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، مەركەز ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلدى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلىپ، زامانىۋى دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى كۈچلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى... مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئىسلاھاتنى قوللايدىغان، ئىسلاھاتقا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويدى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتە ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەندى.
قىسىمنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى ۋە جەڭ قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش −
2023 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى مەلۇم قىسىمنىڭ يىراق مۇساپىدىن ھەرىكەتلىنىپ مەلۇم مەشىق مەيدانىغا بېرىپ ئورۇنلىشىپ مەشىق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خۇبېينىڭ خۇاڭگاڭدىكى ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرىنچى ۋاقىتتا ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئورۇنلىشىپ مەشىق قىلىۋاتقان قىسىمنىڭ مەشىق قىلىش پىرىستانى، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ياتىقى، ئىشلىتىدىغان سۈيى، ئىشلىتىدىغان توكى، ماي بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئىشلارنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئورۇنلىشىپ مەشىق قىلىۋاتقان قىسىمنىڭ ئورۇنلىشىپلا مەشىقنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
«ئۇرۇش قىلىشتا نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشتە شۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك؛ قىسىمدا نېمە ئەڭ كەمچىل بولسا، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشتە شۇنى تەييارلاش كېرەك».
دىققەت «ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش»قا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇرۇش رايونىدا ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش بويىچە ئارمىيە ـ يەرلىك ماسلىشىش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى، مۇكەممەللەشتى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش مانېۋىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن تەشكىللىدى، ئالاقىدار ئۆلكىلەر ئارمىيە ـ يەرلىك بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى تەسىس قىلىپ، جەڭ پىلانىنى تۈزۈپ، جەڭنى تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار سىياسەت مېخانىزمى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردى.
يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىسىملارنىڭ بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، بىرلەشمە مەشىق قىلىش، رايون ھالقىپ ھەرىكەتلىنىش، دېڭىزدا ھوقۇق قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق كۆپ خىل ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مانېۋىر، مەشىق مەيدانى، قاتناش ـ تىرانسپورت، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، ئارقا سەپ تەمىناتى قاتارلىق كاپالەت خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى.
ھەرقايسى جايلار يەنە يەرلىكنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قىسىمنىڭ قورال ـ جابدۇق، ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشىنى قوللاپ، ھەربىي ھەرىكەتكە ئەگىشىپ تېخنىكا كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ـ تەربىيەلەشنى قوللىدى... قىسىم جەڭ قىلىشنى مەشىق قىلىدىغان، يەرلىك ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشنى مەشىق قىلىدىغان جانلىق مەنزىرە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئاستا ـ ئاستا نامايان بولدى.
ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش −
ھەربىيلىكنى پۈتكۈل جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇشنى كۆزلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلدى.
«چىقىش يولى» كېڭەيتىلدى، تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى مۇۋاپىق ھالدا كۆپرەك قوبۇل قىلىش، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا قاتنىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى.
«ئارقا ھويلا» مۇستەھكەملەندى، نەپىقە، ئېتىبار بېرىش سىياسەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نەپىقە تەمىنات سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، ھەربىيلىكتىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ سىياسىي تەمىناتى، تۇرمۇش تەمىناتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنى يۆتكەش ـ كۆچۈرۈش، جايلاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىشىگە يار ـ يۆلەك بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەندى.
«كېيىنكى ئەۋلادلار»غا يار ـ يۆلەك بولۇندى، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەر ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ، ھازىرقى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش، يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىش، ئاتا ـ ئانىسىغا ئەگىشىپ يۆتكىلىپ مەكتەپ ئالمىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بەردى، بولۇپمۇ چەت، يىراق، جاپالىق رايونلاردىكى ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېتىبار بەردى.
«چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە رىشتە باغلاش»تىن «دىققەتنى بىرىنچى سەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا كۈچنى مۇجەسسەملەش»كىچە، «ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەش خىزمەت ئۇسۇلى»دىن «يىمېڭدىكى يېڭى قىزىل يەڭگە»گىچە، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش كىچىك باغچىسى»دىن «ھەربىيلەر ئۆتىڭى»گىچە... قەلبنى ئىللىتىپ، ھەربىيلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرگە، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ھەربىيلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە دائىر ھەربىر داڭلىق ماركىغا خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قەھرىمانلارنى قەدىرلەش، ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەشتەك قىممەت ئىنتىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئارمىيەنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ئەۋج ئالدۇرۇش داۋامىدا نۇرلاندۇرۇلدى.
خەلقنى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇش، پەرزەنت ئەسكەرلەر باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولدى
خەلق ئارمىيەسى باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلق ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈرەش قىلدى، قەيەردە دۈشمەن بولسا، قەيەردە خەۋپ ـ خەتەر بولسا، شۇ يەردە خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بار» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى قەلىبلەرنى ئىلھاملاندۇردى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش − 90 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى.
ھەر قېتىم خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى ھەمىشە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.
2023 ـ يىلى 4 ـ ئايدا سۇداندا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىدى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى بۇيرۇققا بىنائەن جۇڭگونىڭ سۇداندىكى خادىملىرىنى جىددىي چېكىندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنىتىلغان قوغلىغۇچى پاراخوت نەننىڭ ناملىق پاراخوت، ئۇنىۋېرسال تەمىنات پاراخوتى ۋېيشەنخۇ ناملىق پاراخوت كېچىلەپ تېز سۈرئەتتە يۈرۈش قىلىپ، يۇقىرى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىن يەتتە سائەت بۇرۇن يېتىپ باردى. پاراخوتقا چىققان ئالاقىدار خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوفىتسىر ـ ئەسكەرلەر كۆپ قىسىم ياتاق بۆلۈمچىسىنى بوشىتىپ بەردى، ئاشپەزلەر بەنى قېرىنداشلارنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشى، ئىسسىق تاماق يېيىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈن دەم ئالمىدى.
بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئازادلىق ئارمىيە كەلدى، بىر خىل بەخت تۇيغۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىدۇ. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى 940 جۇڭگو پۇقراسىنى جىددىي چېكىندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خەلق ئۈچۈن بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم ئەمەلدە كۆرسەتتى.
خەلقنىڭ چاقىرىقى مەڭگۈ پەرزەنت ئەسكەرلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى، خەلقنىڭ ئامانلىقى مەڭگۈ پەرزەنت ئەسكەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى.
2024 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، خۇنەن خۇارۇڭ ناھىيەسى تۇەنجوۋ يېزىسى تۇەنبېي كەنتى تۇەنجوۋيۈەن دۇڭتىڭخۇ كۆلىنىڭ بىرىنچى سەپ توسمىسىدا يار ئېلىپ كېتىپ، توسما رايونىنى سۇ بېسىپ كەتتى. قىسىمدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلدى. جۈنشەن، مىلو، پىڭجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مىسەي كىيىملىك سىيمالارنى كۆرگىلى بولاتتى. خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى زەربىدار بەن، ئاۋانگارت ئەترەت، تۇراقلاشتۇرغۇچ بولدى.
ئاپەت ئالدىدا مەسئۇلىيەت تاغدەك ئېغىر!
2025 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى سائەت 9دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەشتە ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىش كېلىپ چىقتى، نۇرغۇن ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
ئاپەتنىڭ ئۆزى بۇيرۇق! سائەت 9دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنىنىڭ تۇنجى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرى يەر تەۋرىگەن رايونغا يېتىپ كېلىپ، دىڭرى ناھىيەسىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ئىزدەش ـ قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە، داۋالاش پونكىتلىرىدا، تەمىنلەش نۇقتىلىرىدا، يەر تەۋرىگەن رايوندىكى پۇقرالارنىڭ «جىنجۇ مامى ياگۇدۇ (ئازادلىق ئارمىيە ياخشى)» دېگەن سۆزلىرىنى ھەممىلا يەردە ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
ھەربىر قېتىملىق «ئەڭ گۈزەل قارشى يۆنىلىشتە يۈرۈش»تەك باتۇرانە ھەرىكەت، قەلىبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ھەربىر ئاتاكا سىگنالى، جەڭ ئورنىنى چىڭ ساقلاۋاتقان ھەربىر سىيما، قەيەردە خەتەرلىك ئەھۋال بولسا، شۇ يەردە خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بار! خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى خەتەرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، خەلق ئاممىسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى. تارىخ شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيە بولۇشقا مۇناسىپ، دۆلەتنى قوغدايدىغان، خەلقنى قوغدايدىغان پولات ئىستىھكام بولۇشقا مۇناسىپ.
«يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ مائارىپنى گۈللەندۈرۈش، داۋالىنىشتا يار ـ يۆلەك بولۇش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش كېرەك.» پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار باش قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىدىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلدى.
2024 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 ـ دوختۇرخانىدىكى ھەربىي دوختۇرلار يەنە بىر قېتىم سىچۇەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھىرى باجوۋ رايونى شۇينىڭسى بازىرىدىكى خۇاشى باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ ياردەم بېرىپ قۇرۇش، يار ـ يۆلەك بولۇش ۋە دېڭىز مۇداپىئەسى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 2010 ـ يىلىدىن باشلاپ، بۇ دوختۇرخانا بۇ مەكتەپ بىلەن ياردەم بېرىپ قۇرۇش، يار ـ يۆلەك بولۇش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، «چاڭجېڭ خۇاشى باشلانغۇچ مەكتىپى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردىمى فوندى» تەسىس قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي 120 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ئىقتىسادىي ياردەم بەردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى قىسىملار قاتلاملار بويىچە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بەلگىلەنگەن يار ـ يۆلەك بولۇش نۇقتىسى بولغان 4100 كەنتنىڭ روناق تېپىشى، راۋاجلىنىشىغا دەل جايىدا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ مائارىپنى گۈللەندۈرۈش، داۋالاپ يار ـ يۆلەك بولۇش ۋە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قاتارلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇش ھەرىكىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، «1 ـ ئاۋغۇست خەلقنى سۆيۈش مەكتىپى»دىن 360نى، يېزا ـ كەنت مەكتىپىدىن 1701نى ياردەم بېرىپ قۇردى، چېگراغا يېقىن بولغان ناھىيەلەردە 28 دوختۇرخانا ۋە 60 نەپىقە دوختۇرخانىسى قۇرۇشقا ياردەم بەردى.
كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر «تۇرۇشلۇق جاينى ئۆز يۇرتىدەك كۆرۈپ، خەلقنى ئاتا ـ ئانىسىدەك كۆرۈپ»، تۇرۇشلۇق جاينىڭ خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇق چېچىپ ئورمان بىنا قىلىش، سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئارمىيە ياردەم بېرىپ قۇرغان «كونا ماركا»لارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.
ئارمىيەنىڭ غەلىبىلىك جەڭ قىلىشىغا خەلق يۆلەنچۈك بولىدۇ. خەلق ئارمىيەسى جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئىشىنىدىغان، خەلق ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قىزغىن سۆيىدىغان پەرزەنت ئەسكەرلەردىن بولدى.
ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى
«ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قىزغىن سۆيىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى گۈللەندۈرىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوغدايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى.
يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «مىليونلىغان ئىشچى ـ دېھقاننى ئويغىتىپ، بىر مەقسەتتە ئىشلەش»تىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى «دۈشمەننى بىپايان ھالاكەت دېڭىزىغا غەرق قىلىش»قىچە، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «دېڭىز دولقۇنىدەك مەۋج ئۇرغان قول ھارۋىلىرى ۋە نوسۇلكا كۆتۈرۈش ئەترەتلىرى»دىن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنى ئايىماسلىق»قىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلۇغ كۈچى نامايان بولدى.
يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى مەڭگۈ بىزنىڭ بارلىق جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر ۋە توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىمىزدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرىمىز.
ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، تەدبىرنى كۆزلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە پارتىيەگە تەلپۈنۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى.
− مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى، تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر ھەرقايسى جايلاردا ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمەت مېخانىزمى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلدى.
− «يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل ئىنقىلابىي ھەربىي» «ئەڭ گۈزەل ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان شەخس»نىڭ ئىش ئىزلىرى قەلبلەرنى روھلاندۇردى، «قەلەمنى ئېلىپ ھەربىيلىككە قاتنىشىش، كەلگۈسى قەھرىمانلاردىن بولۇش» تېمىسىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئوچۇق دەرسى توردا كۆرسىتىلدى، «ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ياشلىق ھېكايىسى» لېكسىيەسى ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلارغا كىرگۈزۈلدى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش تەشۋىق تەربىيەسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
− يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش بەلگىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش باش تېما ناخشىسى كەڭ تارقىلىپ ئېيتىلدى، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى 20دىن ئارتۇق قىزىل ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى ئارقا ـ ئارقىدىن ئېچىلدى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىندى، ئەۋج ئالدۇرۇلدى.
− 16 مىڭ ئارمىيە ـ خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش نۇقتىسىدا ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق تەربىيەلەش پائالىيىتى دائىملىق قانات يايدۇرۇلدى، «شەھەر ـ ليەن ئورتاق بەرپا قىلىش» «شەھەر ـ ھەربىي پاراخوت ئورتاق بەرپا قىلىش» «تۇەن ـ كەنت قوشماقلىشىش» قاتارلىقلار تەدرىجىي ھالدا ئارمىيە ـ خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكى پائالىيىتىدىكى يارقىن ماركىغا ئايلىنىپ، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممە يەردە پورەكلەپ ئېچىلدى.
بىزنىڭ ئارمىيەمىز خەلق ئارمىيەسى، بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەمىز ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى.
2025 ـ يىلى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى 176 نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە)دىن كەلگەن 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئاممىنىڭ 71 مىڭ پارچە ھال سوراش سوۋغىتى ۋە خېتى چېگرا ـ دېڭىز مۇداپىئەسى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. 2021 ـ يىلىدىن باشلاپ، «چېگرا ـ دېڭىز مۇداپىئەسى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىگە رىشتە باغلاش» باھار بايرىمىلىق مەخسۇس ھال سوراش پائالىيىتى ئۇدا بەش يىل قانات يايدۇرۇلدى.
ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمدىن شىمالدىكى چېگرا رايونلاردىكى ھەربىي گازارمىلارغىچە، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر رەھمەت خېتى يېزىش، لەۋھە تەقدىم قىلىش، سىن ئارقىلىق باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھال سوراش شەھەرلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى، پىكىر ئالماشتۇردى. ھال سورالغان ئاساسىي قاتلام ليەندۈيلىرى ھال سوراش ئۆلكىلىرىدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن سىنلىق شەكىلدە ئۇلىنىش قىلىپ، «دۆلەت بايرىقىنى ئورتاق چىقىرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
دۆلەت بايرىقى چېگرا دېڭىز مۇداپىئەسى بىرىنچى سېپى ۋە ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە جەۋلان قىلدى، ئۇنىڭدىن تارقالغىنى «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» دېگەن ئېتىقاد ئۇچقۇنى، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگىنى سادىقلىق بىلەن چېگرانى قوغداش ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ.
«ئائىلەم يۈمەي، ۋەتىنىم جۇڭگو.» چەت ـ يىراق جايغا جايلاشقان، شارائىتى جاپالىق بولغانلىقتىن، شىزاڭ شەننەن شەھىرى لۇڭزى ناھىيەسى يۈمەي يېزىسىدا بىر مەزگىل پەقەتلا كەنت ئاھالىسى ساڭجيې چۈبا ئائىلىسىدىكى ئۈچ جانلا بار بولۇپ، «ئۈچ ئادەم بار يېزا» دەپ ئاتالغانىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ساڭجيې چۈبا بىر ئائىلە كىشىلىرى چېگراغا يېقىن جايدا چارۋا بېقىپ، دۆلەت زېمىنىنى قوغدىدى. كېيىن، شىزاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە ليەنى يۈمەيگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، زاڭزۇ ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە يۇرت ـ ماكاننى قوغداپ، يۇرت ـ ماكاننى گۈللەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، يۈمەي يېزىسىنىڭ نوپۇسى 200 كىشىدىن ئاشتى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ھەممە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆگزىسىدە جەۋلان قىلدى.
2024 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، بۇ ليەنگە «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ» دەپ نام بېرىلدى، يۈمەيدىكى ئارمىيە ـ خەلق بۇنىڭدىن شاد ـ خۇراملىققا چۆمدى. بۇ، چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۈمەيدىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يۇرت ـ ماكاننى ئورتاق قوغدىغانلىقىغا بولغان تەقدىرلەش.
دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك.
2020 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنجياڭ ناملىق پاراخوتى شەرەپ بىلەن ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق ۋاسىتىگە ئايلاندى؛ 2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يېڭى بىر ئەۋلاد جەنجياڭ ناملىق پاراخوت سەپكە كىرىپ، پاراخوت نامى ۋە نومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چوڭقۇر بۇرچ ۋە ھېسسىيات ئىچىدە ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىشقا پائال ئاتلاندى. ئوخشاش بىر ئىسىمغا نەزەر مۇجەسسەملەندى، ئىزلار يۇغۇرۇلدى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك قەلبداش بولۇپ دېڭىز مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، دېڭىز تەۋەسىنى قوغدىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، مەكتەپلەرگە ياردەملىشىپ دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى مەزمۇنى تەسىس قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى پائالىيىتىنى پىلانلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى دەرسى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي مەشىق قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، مول ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئارمىيەنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىر مەقسەتتە پولات سېپىلنى ئورتاق مۇستەھكەملىدى.
ئارمىيە خەلقنى سۆيدى، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلدى، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولدى.
«قىزىدى بۇندا ئىككىنى ھىمايە قىلىش كاتتا بايرىمى، سۆيگەچكە چىن قەلبتىن ئارمىيە ـ خەلق بىر ـ بىرىنى.» قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەڭ ئارمىيە ـ خەلق ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)