شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چياۋ جىخۇڭ، سۈن نەن) 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خان ئانىسى مونىلې بىلەن فىنوم پېن خان ئوردىسىدا كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مونىلېغا كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن گۈزەل تىلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاھىنشاھ سىخانوك جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىنىڭ بىر بايرىقى، ئۇ جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇستەھكەم بولغان جۇڭگو - كامبودژا تەۋرەنمەس دوستلۇقىنى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان، بىز ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز، خان ئانىسى مونىلې جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىنى باشتىن كەچۈرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغۇچى، جۇڭگو خەلقىگە ئالاھىدە دوستلۇق مېھرى بار، ئەمەلىي تۆھپىسى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. جۇڭگو سىزنىڭ ئىككىنچى ئائىلىڭىز، ھەر ۋاقىت جۇڭگوغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
مونىلې مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ كامبودژانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ دوستى، بۇ قېتىمقى زىيارىتى كامبودژادىكى بارلىق خەلق ئۈچۈن زور شەرەپ. ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەنلىكى، راۋاجلانغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىغا، يىمىرىلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يولىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.
سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.