​شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2025-04-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋيېتنام، مالايسىيا ۋە كامبودژادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ​

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام، مالايسىيا ۋە كامبودژادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ما جېڭ) 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

فىنوم پېندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ۋۇ بوليې، پارلامېنتنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى چيەن يې، گو سوپا، بۇلا سوكۇن، خەنچۇن نالو، شاۋ سوكا، خۇڭ مانى قاتارلىق بەش مۇئاۋىن ۋەزىر، خان جەمەتى ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭى خۇڭ مانې قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

خۇڭ سېن ئايروپورتتا رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ خۇڭ سېننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئۇزاتقۇچىلار توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، كامبودژادىكى نەچچە ئونمىڭ خەلق ئاممىسى، كامبودژادىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرى، كامبودژادا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە خۇاچياۋ - خۇارېنلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، «جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ كامبودژادىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇڭ سېن بىلەن باش ۋەزىر خۇڭ مانەي ۋە خۇڭ مانى، خۇڭ مانې ئالايىتەن شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانسارايغا كېلىپ، شى جىنپىڭ بىلەن خوشلاشتى.