شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، جاڭ يۈەن، ۋۇ شيا) 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي بىلەن فىنوم پېندىكى تىنچلىق سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى، 2025 - يىلىنى «جۇڭگو - كامبودژا ساياھەت يىلى» دەپ جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقى چوڭقۇر تارىخىي جۇغلانمىغا، مۇستەھكەم سىياسىي ئاساسقا، قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قوللايدۇ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەدبىرلەرنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ، كامبودژا تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى نۇسخىدىكى جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق بىخەتەرلىك كاپالىتىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - كامبودژا ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «2 + 2» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەلەر ئارا، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ كامبودژاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا، كامبودژاغا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنى ئېچىۋېتىشىگە، كامبودژانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە كامبودژا تەرەپنى ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو - كامبودژا ياشلار سۆھبەتلىشىش - ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى قوللايدۇ، يەرلىك، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى بارغانسېرى يېقىن ئۆتۈش، بارغانسېرى ئىناق ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ نورمال ئالاقىلىشىش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق يەككە تەرەپلىك، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشىغا قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك. گۇرۇھلار تىركىشىش ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشنى قەتئىي توسۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تەستە قولغا كەلگەن تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.
خۇڭ مانەي مۇنداق بىلدۈردى: كامبودژا بىلەن جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، جۇڭگو كامبودژانىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. كامبودژا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلەيدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كامبودژانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. كامبودژا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. كامبودژا جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقتا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەۋرەنمەس دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە بىرىنچى چوڭ سېلىنما مەنبەسى دۆلىتى، كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئورتاق زەربە بېرىشنى خالايدۇ؛ مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «كامبودژا - جۇڭگو ساياھەت يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ. كامبودژا تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا جارى قىلدۇرغان ئىجابىي رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ. يەككە تەرەپچىلىك دۇنيا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتقان، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى زەربىگە ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە، جۇڭگو رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانى قىممەتلىك مۇقىملىق بىلەن تەمىنلىدى. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى تەرەپنىڭ 30 نەچچە پارچە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشىغا گۇۋاھ بولدى، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تەرەققىيات ياردىمى، تاموژنا تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، سەھىيە، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.