«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (مالايسىيا تىل - يېزىقى نۇسخىسى) مالايسىيادىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى

2025-04-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇئالالۇمپۇر، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (مالايسىيا تىل - يېزىقى نۇسخىسى)نى كۆرسىتىشنى باشلاش مۇراسىمى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلدى. مالايسىيانىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى زاھىد تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پىروگراممىنىڭ مالايسىيادا كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. مالايسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، ئىلىم قاتارلىق ھەر ساھەلىرىدىكى داڭلىق زاتلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان پائالىيەتكە قاتناشتى. پىروگرامما شۇ كۈندىن باشلاپ مالايسىيا دۆلەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى.

«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (مالايسىيا تىل - يېزىقى نۇسخىسى)دە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى ۋە سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، دىققەت ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاجايىپ ئەقىل - پاراسىتى، دۇنيانى خەلققە مەنسۇپ دەپ بىلىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر مۇھەببىتى ھەم قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇشتەك تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى قالتىس نامايان قىلىنغان.