ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى «پەقەت پۇلنىلا قايتۇرۇش» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2025-04-24 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

«بېيجىڭ سودا گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پىندودو، تاۋباۋ، دوۋيىن، كۇەيشوۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى «پەقەت پۇلنىلا قايتۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن. ئىستېمالچىلارنىڭ مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى پۇل قايتۇرۇش، مال قايتۇرماسلىق ئىلتىماسىنى سودىگەرلەر ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

     نۆۋەتتە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ئادەتتە «پۇل قايتۇرۇلغاندا مالنى قايتۇرۇش ھاجەتسىز» ۋە «پۇل قايتۇرۇلغاندا مالنى قايتۇرۇش» كىرىش ئېغىزى تەسىس قىلىنغان. «پەقەت پۇلنىلا قايتۇرۇش» سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇپا «پۇل قايتۇرۇلسا مالنى قايتۇرۇش»نىلا ساقلاپ قالىدۇ، «مال تاپشۇرۇۋېلىنغان» ئەھۋالدا پۇلنى قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىقنى سودىگەر بىلەن ئىستېمالچىلار كېلىشىپ قارار قىلىدۇ.

    كەسپىي زاتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارىشىچە، تەرتىپسىز بولغان «پەقەت پۇلنىلا قايتۇرۇش»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تۆۋەن باھالىق رىقابەتتىن ياخشى سۈپەتلىك رىقابەتكە قايتىپ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، سۇپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى