«ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق − بەخت ۋە بايلىق»

2025-06-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان ئاستانىغا بېرىپ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خاۋ ۋېيۋېي، ياڭ يىجۈن، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، مېڭ شياڭلىن

يايلاق ئاسمىنىدا توپ - توپ ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلار بەئەينى يۆتكىلىپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرىگە ئوخشايتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، قەدىمىي يولدىكى كولدۇرما ئاۋازى مىڭ يىل ۋاقىتنى ھالقىپ ئۆتۈپ، يېڭى دەۋردىكى دوستلۇق سىمفونىيەسىنى ياڭراتتى.

ئېسىل دەرياسى بويىدىكى ئاستانىدا، تومۇز پەسلىدە گۈلنىڭ خۇش ھىدى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. چىڭقى چۈشتىكى قۇياش نۇرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلاننىڭ بۆلمىسىدىن چىقتى. «سىزنىڭ قازاقىستانغا يەنە كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!» قەدىناس دوستى زۇڭتۇڭ توقايېف قىزغىن كۈتۈۋالدى، سەمىمىيلىك بىلەن جۇڭگو تىلىدا ئەھۋال سورىدى، ئۆز ئۆيىگە كەلگەندەك ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىسترېلكىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ۋاقتى»نى كۆرسەتتى. مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر شىئەندىن يايلاقتىكى مەرۋايىت ئاستانىغىچە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا كىردى.

ساھبىخانا قازاقىستان پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇردى. چۇ دەرياسى ئويمانلىقىدىكى بېشكەكتىن، ئامۇ دەرياسى بويىدىكى دۈشەنبىدىن، قاراقۇم قۇملۇقى چېتىدىكى ئاشخابادتىن، چىرچىك دەرياسى جىلغىسىدىكى بوستانلىققا جايلاشقان تاشكەنتتىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بەس - بەستە «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچرىشىشى»غا ئاتلاندى.

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ئاستانىدا جەۋلان قىلدى. دۇنيا كۆز تىكمەكتە، شۇنداقلا ئويلانماقتا: دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە كېڭىيىۋاتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ بىپايان زېمىن نېمە ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ چىڭ قول تۇتۇشۇشنى تاللىدى؟

زامان - ماكاننى چۆرىدەپ نەزەر سالساق، بۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن چوڭقۇر مەنە بارغانسېرى گەۋدىلەندى. بىر چاغلاردا، جۇغراپىيەلىك سىياسىي بايانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيلىكنىڭ «تۆت كوچا ئېغىزى»غا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئاتالمىش كەڭ كۆلەملىك كۈچ سىنىشىش مەيدانى دەپ قارالغانىدى. جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۇ چوڭ دۆلەت بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىناق ئۆتۈشنىڭ يېڭى مۇمكىنچىلىكىنى بايقىدى، ئىشىنىشكە ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ، ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداشقا ئېرىشتى.

بىر چاغلاردا ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دېڭىز - ئوكيان بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولۇش سەۋەبلىك «تەرەققىياتتىكى ئويمان يەر» دەپ قارالغانىدى. جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ جانلىق ئىقتىسادىي بوشلۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى پۇرسەتكە ئېرىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بېيىش، ئورتاق گۈللىنىشنىڭ يېڭى ماكانىنى ئېچىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەردىشى، پىكىردىشىنى تاپتى.

جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قول تۇتۇشى سەۋەبىدىن، دۇنيامۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەھمىيىتىنى قايتىدىن بايقىدى، جۇڭگونىڭ رولىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كۈچى، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كەلگۈسىنى قايتىدىن كۆزەتتى. 3300 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان 13 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق مېھىرلىك تۇپراقتا، 1 مىليارد 500 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئارزۇغا ئورتاق ئىنتىلىش ھېكايىسى دۇنياغا قانداقمۇ مەدەت بېرەلمەي تۇرالسۇن، كىشىنى قانداقمۇ ھاياجانغا سالمىسۇن؟

«قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتە بىر - بىرىگە كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىش داۋامىدا بىر - بىرىگە پايدىلىق ياردەمچى بولۇش كېرەك».

«دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى» دېگەن نېمە؟ قانداق قىلغاندا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى جۇڭگو جاۋابىنى بەردى.

بىر خىل روھ مىڭ يىللىق دوستلۇقنىڭ يېڭى رەڭدارلىقىنى ئۇرغۇتتى

4 - ئايدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا سەپەر قىلدى، 5 - ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى، 6 - ئايدا ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۆلەت باشلىقى زىيارەتكە چىققان ئۈچ قېتىمنىڭ ھەممىسىدە دىققەتنى ئەتراپقا مەركەزلەشتۈردى. «تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلىشىدۇ، دوستلار ئارىلاشقانسېرى دوستلۇقى چوڭقۇرلىشىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ دائىم جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى مۇشۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن سۈپەتلەيدۇ.

يېڭى دەۋردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ «بېرىش - كېلىش»ىنىڭ ھەربىر بېتىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، قانچىلىغان ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر بار - ھە! دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىدا «بۇلۇت تېرمىنالى»دا ئۇچرىشىش، جۇڭگونىڭ باھار بايرىمىغا توغرا كەلگەن «قىشلىق ئولىمپىك ئۇچرىشىشى»، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارەتكە چىقىشتا ئوتتۇرا ئاسىيانى تاللاش، جۇڭگوغا قايتا - قايتا بېرىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش كاتتا مەرىكىسىگە قاتنىشىش...

بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىغا يەنە بىر قېتىم قەدەم باستى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولغاندىن بۇيان 9 - قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى، 6 - قېتىملىق قازاقىستان زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

تونۇش كوچا مەنزىرىسىدىن ھالقىپ، ھەيۋەتلىك دۆلەت مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارى ئالدىدىن ئۆتتى. 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ يىغىن مەيدانى − ئاستانا مۇستەقىللىق سارىيىغا يېتىپ كەلدى.

جۇشقۇن مۇراسىم ئەسكەرلىرى دەرۋازىنى ئاچتى، رەئىس شى جىنپىڭ پاياندازنى بويلاپ مەزمۇت قەدەم تاشلاپ كەلدى، زۇڭتۇڭ توقايېف كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئالدىغا بېرىپ كۈتۈۋالدى، ئىككى قەدىناس دوست قوللىرىنى چىڭ سىقىشتى.

دېڭىز كۆكى رەڭلىك چوڭ تىپتىكى ئېكراندا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى خۇددى لەپىلدەپ تۇرغان يەلكەنلەرگە ئوخشايتتى. ئالتە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىر - بىرىگە يېقىن تۇردى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككىنچى پارچە «ئائىلە سۈرىتى» مۇشۇ يەردە بارلىققا كەلدى.

ئىككى يىل ئىلگىرىكى ياز ئايلىرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن شىئەندە جەم بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ «شىئەن ئارزۇسى»نى ئورتاق تۈزگەنىدى. بۇ قېتىمقى قايتا جەم بولۇش «شىئەن»نى ئەسلەش، «ئاستانا»دىن ئاتلىنىش ئۈچۈن، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىغا داۋاملىق كۈچ قوشۇپ، يېڭى ئىستىقبال ئېچىش ئۈچۈندۇر.

«مەن ئىللىق ھېسسىيات ئىچىدە شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئەسلىدىم، دەل شۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەنىدى» دېدى قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف «يالغۇز ماڭغاندا تېز يۈرگىلى بولىدۇ، كۆپچىلىك بىللە يۈرگەندە يىراققا بارغىلى بولىدۇ» دېگەن ماقال - تەمسىلنى ئىشلىتىپ جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنى تەسۋىرلىدى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: «شىئەن باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان، بىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۆھبەتلىشىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق».

تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف ئۈمىدىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئاستانا باشلىقلار يىغىنى بىز شىئەن باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلغان كەڭ ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئورتاق ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ».

...

مۇستەقىللىق سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا، جۇڭگو قىزىلى، قازاقىستان كۆكى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، ئالتە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بىر «مەركەزداش چەمبەر» ھاسىل قىلدى. بىر ئورتاق تېما رەھبەرلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلدى: مېخانىزم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ۋەزىيەتمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، قانداق قىلغاندا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە تۈزۈپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ؟

زۇڭتۇڭ توقايېف رەئىس شى جىنپىڭنى ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىشقا تەكلىپ قىلدى: «بىز قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا قوللاش ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان مىسلىسىز ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق، ئادىل قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلۇغ سىياسىيون رەئىس شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى».

بۇ، چوڭ تارىخىي نەزەر −

«بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز 2000 يىلدىن ئارتۇق دوستانە ئالاقىدە يىلتىز تارتقان، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشتە مۇستەھكەملەندى، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا راۋاجلاندى. ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز ئىزدىنىش ئارقىلىق <ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش>تىن ئىبارەت <جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى>نى شەكىللەندۈردۇق.» رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ھەمكارلىشىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ، كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت −

«بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان ئىتتىپاقلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاش» «ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» «تىنچ، خاتىرجەم بولغان، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىش» «بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئادىمىيەت رىشتىسىنى چىڭىتىش» «ئادىل، مۇۋاپىق، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش»، سىياسىي، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت، خەلقئارا ھەمكارلىقتىن ئىبارەت بەش ئۆلچەم نۇقتىسىدىن، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەت يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.

2100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ قېتىملىق «يول ئېچىپ» غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلىش جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. بايلىق ۋە مەھسۇلاتلار، تېخنىكا - ھۈنەر سەنئەت، ئۆرپ - ئادەتلەر مۇشۇ يولنى بويلاپ يېتىپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى «خەۋەر يەتكۈزىدىغان ئۆتەڭ ئاتلىرى كېچە - كۈندۈز چېپىپ توختىمىدى؛ چېگرا قورغىنىغا كۈندە كېلىۋاتقان غەربىي يۇرت سودىگەرلىرى ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى» دېگەن يىپەك يولى داستانىنى ئورتاق پۈتتى.

30 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىشتىن رايون خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىق يېڭى رامكىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقىچە، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈشتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشقىچە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى «كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى دۇنيا»نىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۈچۈن ئۆرنەك ۋە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىگە داۋاملىق ئەمەل قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇشتىكى پارلاق يول ماڭغانسېرى كېڭەيدى. كىشىنى ئەڭ زوقلاندۇرىدىغىنى «ئۈچ تولۇق قاپلاش»: ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بويىچە تولۇق قاپلاش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش بويىچە تولۇق قاپلاش، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايون تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇش بويىچە تولۇق قاپلاش.

مىڭ يىلدىن ھالقىغان دوستلۇق تارىخىي داستانىغا يىللار نۇرى چوڭقۇر مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھېكايىسى قەدىمىي، شۇنداقلا يېڭى.

قەلەم قەغەز يۈزىدە ئىز قالدۇردى، ئالتە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تەنتەنىلىك ھالدا ئىمزا قويدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى پارچە نەتىجە ھۆججىتى رەسمىي ئەمەلىيلەشتى.

بىر پارچىسى «ئاستانا خىتابنامىسى» بولۇپ، 16 جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 6000 خەتتىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئابزاس سۆز خەلقئارا تاراتقۇلار تەرىپىدىن قايتا - قايتا خەۋەر قىلىندى: «ھەرقايسى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مول نەتىجىلىك ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ساقلىشى ئالتە دۆلەت ۋە ئالتە دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئالتە دۆلەت تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشقا ئىرادە باغلىدى».

بىر پارچىسى قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى بولۇپ، مەزمۇنى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، بىراق سالمىقى ناھايىتى زور. ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش پىرىنسىپى قانۇن شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇلدى، بۇ، ئالتە دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، شۇنداقلا جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئىجادىيەت. زۇڭتۇڭ توقايېف خۇشال ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى يۈكسەك قۇۋۋەتلەيمىز، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ مۇھىم ئىدىيە باشلىقلار يىغىنىدا ئىمزالانغان قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسىدە ئىپادىلەندى».

تاغ - دەريالىرى تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش. ئاستانىدىن ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىشقا قاراپ يەنە ئاتلىنىش. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مەردانە قەدەم بىلەن ماڭماقتا.

بىر چوڭ يول تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئارزۇسىغا تىرەك بولدى

بوستانلىقتىكى كېۋەزلىكتە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكلىرى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشنى ئۆگەندى؛ لۇبەن ھۈنەرخانىسىدا، ياش ئوقۇغۇچىلار شەھەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۈسكۈنىسىدە مەشغۇلات قىلىشنى مەشىق قىلدى؛ قۇملۇقتا، تۈپ - تۈپ يېشىل مايسىلار يىلتىز تارتىپ كۆكەردى؛ پىرىستاندا، نۇرغۇن يۈك ساندۇقى قۇرۇقلۇق - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتىدىكى يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى... مۇستەقىللىق سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئالاقىدار ھەمكارلىق مەركىزى ۋە سۇپىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىدى. چوڭ ئېكراندا ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەمكارلىق كۆرۈنۈشلىرى قويۇلۇۋاتاتتى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئەستايىدىل كۆردى، چېھرىدە رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

«خىزمەتداشلار، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئالاقىدار ھەمكارلىق مەركىزى ۋە سۇپىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىشقا قوشۇلامسىلەر؟» دەپ سورىدى زۇڭتۇڭ توقايېف. «قوشۇلىمەن!» ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تەرتىپ بويىچە جاۋاب بەردى. چوڭ ئېكراندا، قىزىل پەردە ئاستا - ئاستا ئېچىلدى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ھەمكارلىق مەركىزى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق مەركىزى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك لەۋھە تاختىسى جۇلالاندى.

يۈز يىللىق تېز ئۆزگىرىشتە، كۈچلەرنىڭ قايتا تەشكىللىنىشى، ئەندىزىنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ماس قەدەمدە تېزلەشتى، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا «دۇنيا ئەھمىيەت بېرىدىغان، دىققەت قىلىدىغان يېڭى مەدەنىيلىك رايونى»غا ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلدى. تۈرلۈك «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت +» ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، نېمە ئۈچۈن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى ئۈزۈپ چىقىپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىگە ئايلاندى؟

ئىككى ۋاقىت ئۆلچەم نۇقتىسىدىن بۇنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ −

بىرى، دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى باشلانغان ئىككى يىلدىن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ ھەرىكەت كۈچىنى كۆرۈش.

ئىككى يىل ئىلگىرى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمى رەسمىي باشلىنىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، مېخانىزم بويىچە 13 مىنىستىر دەرىجىلىك ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇپ، كاتىبات باشقارمىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قۇرۇلما ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. سودا سوممىسىنىڭ %35 ئېشىشىدەك يارقىن سانلىق مەلۇمات بارلىققا كەلدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدەك بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى، جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىدىن كېلىپ چىققان «جۇڭگو قىزغىنلىقى» «ئوتتۇرا ئاسىيا قىزغىنلىقى» بارلىققا كەلدى... بۇنىڭغا قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوبرازلىق ئوخشىتىش قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بىرلىكتە تىككەن ئالتە تۈپ ئانار دەرىخى بۈككىدە چېچەكلىدى، بۇ، ئالتە دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىغا سىمۋول بولماقتا».

بىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 12 يىلدىن جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسىغا ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈش.

2013 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا زىيارەتكە چىققاندا، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. يوللار راۋانلاشتى، چىراغلار يورۇدى، خاس مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى چىقتى، خىزمەتلەر ئەمەلىيلەشتى... ئوتتۇرا ئاسىيا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تۈرى ئەڭ كۆپ ئەمەلىيلەشكەن رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلق ئاممىسىمۇ بارغانسېرى كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەسەل، مېۋە - چېۋە، بۇغداي، ئۆي قۇشلىرى گۆشى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چوڭ بازىرىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلىدى؛ زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، نەچچە ئون چوڭ تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى تونۇشتۇردى؛ زۇڭتۇڭ جاپاروف جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، قىرغىزىستان ئوقۇغۇچىلىرىنى جۇڭگودىكى چوڭ شەھەرلەردە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى؛ زۇڭتۇڭ راخمان: تاجىكىستاندا ياشلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن ئاشىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسىدىكى پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ياشلارغا قىممەتلىك ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، دېدى...

«ھەرىكەت كۈچى»گە «ئېرىشىش تۇيغۇسى» قوشۇلۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ياخشى شۆھرىتى يارىتىلدى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ «داڭلىق ماركا جەلپ قىلىش كۈچى» بارلىققا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى: «يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، شۇنداقلا مۇقەررەر زور نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ» دېگەن. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەر بۇ ھۆكۈمنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى.

ئالتە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە 2025 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى «جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىلى» دەپ جاكارلىدى، بۇ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، خادىملار ئالاقىسىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ئالدىن ئويلىشىش يۆنىلىشى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ كونكرېت تۈر، تېخىمۇ كۆپ دەسلەپكى ھاسىلاتلارنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئالتە دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى، بۇ، جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم ئەتراپتىكى يەككە رايون ئىچىدىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن پۈتۈن گەۋدە بويىچە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىشى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇشتا سۈپىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

يەنە رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى جاكارلىغان «بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك ھەقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەش» «كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى 3000 تەربىيەلەش سانى بىلەن تەمىنلەش» قاتارلىق ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جىددىي ئېھتىياجىغا جاۋاب قايتۇرغان «ئىللىق تەدبىر» دەپ ئالاھىدە تەرىپلىدى.

باشلىقلار يىغىنى رەسمىي ئېلان قىلغان نەتىجە تىزىملىكىنى ئوقۇپ باقايلى −

ئون پارچە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتى، 40 پارچە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتى، 100دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل خەرىتىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىككى ھەمكارلىق يۆنىلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتىدۇ: بىرى «يېڭى» بولۇشقا يۈزلىنىش، بىرى «قەلب»كە ئورناش.

4 - قېتىملىق پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭ دولقۇنى جۇشقۇن مەۋج ئۇردى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىشنى خالىمىدى، ئۇلار كېلىشىۋالغاندەكلا نەزەرىنى جۇڭگوغا قاراتتى. «جۇڭگو دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا چوڭ دۆلىتى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىيات مەركىزىگە ئايلىنىپ بولدى، قازاقىستان ھەمراھى جۇڭگو بىلەن بىرلەشمە تۈرنى يولغا قويۇشقا كۈچلۈك قىزىقىدۇ» «تۈركمەنىستان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى قىزغىن ئارزۇ قىلىدۇ» «ئۆزبېكىستان <رەقەملىك يىپەك يولى> قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى ھەم جۇڭگو تەرەپنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيىتىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، يېشىل پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىيولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ»... باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ «يېڭى» بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەش قىزغىنلىقىنى بەس - بەستە ئىپادىلىدى.

زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىققاچقا، جۇڭگو بۇنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق ۋەدە بەردى: «جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى خالايدۇ».

«دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق قەلبىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق.» مۇشۇ يىللاردا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقى بارغانسېرى «قەلب»لەرگە يېقىنلاشتى، «قەلب»لەرگە ئورنىدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتىمۇ ئوخشاشلا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: نۇرغۇن دوستانە شەھەر كېلىشىمى ئىمزالاندى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە شەھەر سانى 100 جۈپتىن ئاشتى؛ خادىملار ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق تەشەببۇسى ئىمزالىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ «تۇغقان يوقلاش»ى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلدى؛ ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت شەھەرلىرى»نى باھالاشنى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇش كېڭىشىپ بېكىتىلىپ، ئالتە دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇرۇش، مىڭ يىللىق يىپەك يولى دوستلۇقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى...

«جۇڭگو بىلەن قازاقىستان قەلبداش دوستلار، يىپەك يولى مەڭگۈ نۇر چاچار. ياردەملەشسەك ئۆزئارا، تىنچلىق، بەخت مەڭگۈ يار بولار.» سەبىي، ئوماق قازاقىستانلىق ئۆسمۈر جۇڭگو تىلىدا رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆزى يازغان شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى، «خەلقلەرنىڭ يېقىن ئۆتۈشى» «قەلبلەرنىڭ تۇتىشىشى» ھېس قىلغىلى بولىدىغان، مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان جانلىق رېئاللىققا ئايلانغانىدى.

بەزى ئالىملار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش «مەنبەدىن ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش» دېدى. جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو بازىرى، جۇڭگو پۇرسىتى، جۇڭگو تېخنىكىسى، جۇڭگو تەجرىبىسىگە تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇرۇلغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ «ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى» بولۇش ئارزۇسى بارغانسېرى رېئاللىققا يېقىنلاشتى، «خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دۇنياۋى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئاساسىي گەۋدىسى» بولۇش ئورنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى. زۇڭتۇڭ توقايېف ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئىجابىي مۇساپىدە، جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا».

بىر مەنزىل دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى

«سۆيۈملۈك دوستۇم، قېرىندىشىم، سىز بىلەن يەنە كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن» «ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، بۈگۈن سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن» «ھۆرمەتلىك رەئىس جانابلىرى، سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ مەن بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدا بولغىنىڭىزغا رەھمەت» «قەدىناس دوستۇم ھەم قېرىندىشىم، بۇ جايدا ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن كۆرۈشۈشنى ئىشقا ئاشۇرالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن»...

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رەئىس شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانسارايغا كەلدى. گەرچە ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق كۆرۈشكىنىگە نەچچە ئايلا بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يەنىلا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلدى. ھەربىر مەيدان ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشۈشتە مۇنداق بىر تۈرلۈك ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش بار: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئاستانىدىكى 48 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئون مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەتكە زىچ قاتناشتى. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدىن ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايغىچە، يەنە مۇستەقىللىق سارىيىغىچە، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ۋە كۆپ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى كەينى - كەينىدىن ئۆتكۈزۈلدى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى كۆرۈنۈشلىرى مول ھەم جانلىق بولدى.

چوڭ دۆلەت دېگەن نېمە؟ خەلقئارادىكى بىر ئورتاق تونۇش شۇكى، چوڭ دۆلەت دەۋر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان دۆلەتلەردۇر، ئۇلار يېڭى دەۋرنى ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەت ۋە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بولىدۇ.

باشلىقلار يىغىنى باشلانغان چاغدىكى زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئاشۇ بىر بۆلەك «ئويلىمىغان يەردىن چىققان» جۇڭگو تىلىدىكى كىرىش سۆزى ھېلىھەم ئېسىمىزدە:

«ئالدى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، ھۆرمەتلىك دوستۇم شى جىنپىڭ ئەپەندىنىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىغا ھەم بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! سىزنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن مۇستەھكەملىدى».

ھەربىر مەيدان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئاشۇ قەتئىي ۋەدىلىرى، سەمىمىي مىننەتدارلىقلىرى ھېلىھەم ئېسىمىزدە.

«مەن سىزگە يەنە بىر قېتىم شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، شۇنداقلا سىز ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ».

«سىزنىڭ <يېڭى ئۆزبېكىستان> ئىسلاھات پىلانىغا يۈكسەك باھا بەرگەنلىكىڭىزگە ھەم ئۆزبېكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى سىزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىڭىز ۋە ھەمكارلىق مۇساپىسىگە ئۆزىڭىز بىۋاسىتە قاتناشقانلىقىڭىزدىن بولدى».

...

ئەلۋەتتە، كىشىنىڭ قەلبىنى ھەسسىلەپ ئىللىتىدىغان «جۇڭگو دوستلۇقى»، ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان «جۇڭگو مەدىتى»مۇ ئېسىمىزدە.

«سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، قازاقىستان ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىدا مېڭىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. دوست قوشنا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ چىن قەلبىدىن خۇشال».

«يېقىندا، تاجىكىستان تەرەپ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇزلۇقنى قوغداش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. مەن سىزنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ».

...

بۇ، چوڭ دۆلەت ئەندىزىسى، چوڭ دۆلەت سالاپىتى، تېخىمۇ مۇھىمى چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقى، چوڭ دۆلەت يېتەكچىلىكى.

ھازىرقى دۇنيادا كەينى - كەينىدىن كۆرۈلۈۋاتقان ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىقلار خەلقئارا تەرتىپكە زەربە بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نېرۋىسىغا تەگمەكتە. «دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز»، بۇ، ئەڭ تەخىرسىز دەۋر سوئالى بولۇپ قالدى.

«پەقەت ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلايدىغان مەقسەتتىن ئېغىپ كەتمىگەندىلا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئىرادىسىنى يوقاتمىغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىغىلى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك مۇقەررەر ھالدا باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ».

«مەن ئىزچىل شۇنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىمكى، تارىخنى كەينىگە ياندۇرسا بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك؛ دۇنيا بۆلۈنۈپ كەتسە بولمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك؛ ئىنسانىيەت ئورمان قائىدىسىگە قايتسا بولمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك».

قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىللارنى يورۇتىدىغان، مەردانە، جاراڭلىق بولغان «جۇڭگو ساداسى» ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

زۇڭتۇڭ جاپاروف ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قۇۋۋەتلەيمىز، يەنى سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ۋە دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى، «بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقانداق زور مەسىلىنى ھەل قىلىش جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ».

بۇ ئالتە دۆلەتنىڭ ئورتاق مەيدانى ۋە تەشەببۇسى، شۇنداقلا ئالتە دۆلەتكە ئورتاق بولغان دەۋر قارىشى، دۇنيا قارىشى، تەرتىپ قارىشى. «ئاستانا خىتابنامىسى»دە مۇنداق بىرنەچچە بۆلەك سۆز تەنتەنىلىك ھالدا يېزىلغان:

«ھەرقايسى تەرەپلەر <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى>نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى، باراۋەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەيدۇ».

«ھەرقايسى تەرەپلەر كۆپ تەرەپچىلىك ھەم ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدايدۇ».

«ھەرقايسى تەرەپلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا سودا قائىدىسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى قوللاپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».

«ھەرقايسى تەرەپلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە تەرەققىيات قارالمىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، مۇقىم، كۆپ مەنبەلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىنى قوللاش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ».

يىل ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مۇساپىلىرىگە نەزەر سالساق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ «دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئىجابىي كۈچ» بولۇش خىسلىتىنىڭ بارغانسېرى روشەنلەشكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بۇ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن دوستلارنى كەڭ كۆلەمدە كۈتۈۋېلىش، دۇنياۋى «دوستلار چەمبىرىكى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كەڭ قورساقلىق − ھەم «سىرتقا چىقتى»، ھەم «تەكلىپ قىلدى»، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، خەلقئارا سودا - سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش بىلەن يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك «كۆرگەزمە - يىغىن سېپى»نى سىجىل بەرپا قىلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تېز پويىزى، قولاي پويىزىغا ئولتۇرۇشىنى سەمىمىي قارشى ئالدى.

بۇ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي تۇرۇشتىكى زور نەتىجە − كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ماسلاشتۇرغۇچىلار مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا خەت ئەۋەتتى ھەم بۇ قېتىمقى 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى... زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقى ئاستىغا «ئويغانغان كۈچ»لەرنى مۇجەسسەملىدى.

ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ نەقىل كەلتۈرگەن ئىككى جۈملە سۆز جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىدىيەسى تۇتاش، تەقدىرداشلىقىنى نامايان قىلدى − جۇڭگو دانىشمەنلىرى: «ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشكەنلەر بىر - بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ» دېگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ «ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق − بەخت ۋە بايلىق» دېگەن ماقال - تەمسىل بار.

بۇ مەنزىل ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، شۇنداقلا دەل ئىنسانىيەت مەھكەم، چىڭ كۆزلەپ كېلىۋاتقان كەلگۈسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)